ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

كوناشەھەر ناھىيىسى سايباغ يېزىسىدا 16 كىشىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاياغلاشقان ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان مەتبۇئاتلىرى دەرھال تېررورلۇق، دىنىي رادىكاللىقنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنى باشلىۋەتتى.

بۈگۈن بۇ ھەقتە يەر شارى ۋاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورلۇققا قارشى خەلق كۈرىشىنى چىڭ تۇتۇپ، دىنىي رادىكالچىلارغا قاتتىق قول بولۇش تەلەپ قىلىنغان. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەمەلىيەتنى ئىنكار قىلىشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىرماقتا.

15-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن شۇ يەر ۋاقتى سائەت 11 ئەتراپىدا قەشقەرنىڭ كوناشەھەر ناھىيىسىگە قاراشلىق سايباغ يېزىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، جەمئىي 16 كىشى ئۆلگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى ۋەقەلەرگە ئوخشاشلا بۇنىمۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ ئاتىدى. ۋەقە ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ ئۇچۇر تارقاتقان تەڭرىتاغ تورى يەكشەنبە كەچ سائەت 11 لەر ئەتراپىدا سايباغ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى «گۇمانلىق جىنايەتچىلەر» نى تەكشۈرۈش ئۈچۈن سايباغ يېزىسىنىڭ گۈلچىمەن كەنتى 1-ئەترىتىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا زوراۋان ئۇنسۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئىلگىرىكى ۋەقەلەرگە ئوخشاشلا خىتاي دائىرىلىرى 14 نەپەر ئۇيغۇرنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلاپ، ئىككى نەپىرىنى يارىلانغان ھالدا قولغا چۈشۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ھەر قېتىملىق ۋەقەدىن كېيىن دىنىي رادىكاللىق ۋە تېررورلۇق، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىنىڭ دۈشمىنى دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن. بۇ نۆۋەت خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان يەر شارى ۋاقتى گېزىتى يەنە ئوخشاش بۇ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، « تېررورلۇققا قارشى خەلق كۈرىشىنى قاتتىق قىلىپ، دىنىي رادىكالچىلارغا يۇمشاق قوللۇق قىلمايلى» ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدىكى تېررورچىلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى، شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ يېڭى بىر جىددىي سىناققا دۇچ كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، دىنىي رادىكال ئۇنسۇرلارنى يالغۇز قويۇش ماقالىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى بولغان.

ماقالىدە، ھەرقانداق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى مەيلى ئۇنىڭ سەۋەبى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قاتتىق باستۇرۇش، ھەرگىزمۇ يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىر-ساقچىلارنىڭ تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ئۇلارنى زامانىۋى ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەپ، كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئاساسىي قاتلامدىكى ئۇچۇر مەلۇم قىلىش سىستېمىسىنى كۈچەيتىش تەكلىپلىرى بېرىلگەن ۋە يەنە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە رادىكال كۈچلەر بىلەن خەلقنىڭ مەيلىنى قازىنىش رىقابىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، شۇڭا بۇ كۈرەشتە چوقۇم خەلقنىڭ رايىنى قازىنىپ، ئۇنى ھەقىقىي تۈردە « خەلق كۈرىشى» گە ئايلاندۇرۇش، ئۇلارغا خەلقنى كۈشكۈرتىدىغان پۇرسەت بەرمەسلىك كېرەك، دېيىلگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا، يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ بۇ ماقالىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنى قانۇنسىزلىقىنى داۋام قىلدۇرۇشنىڭ سىگنالى، دەپ باھالىدى. ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئەزىز ئەيسا ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارغا قانۇن ئالدىدا سوتلىنىش ھوقۇقىمۇ بەرمىگەنلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ماقالىدە دېيىلگەن گەپلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇسلۇبىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش ياسىمايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دېدى.

يەر شارى ۋاقتى گېزىتى ماقالىسىدە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئۇيغۇر-خىتاي ئىككى مىللەت ئارىسىغا ناھايىتى ئېغىر يارا سالغانلىقىنى، رادىكال كۈچلەرنىڭ 5-ئىيۇلدا ئېچىلغان بۇ يارىنى قاشىلاش ئارقىلىق زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋاتقانلىقى، شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ۋە ھەرىكەتلەر ئارقىلىق بۇ زىددىيەتنى ئېرىتىشكە تىرىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئەمما قانداق ئېرىتىش كېرەك، دېگەن مەسىلىگە كەلگەندە بولسا، يەر شارى ۋاقتى گېزىتى خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا مىللىي باراۋەرلىك، ھەقىقىي ئاپتونومىيە، تىل، دىن، مەدەنىيەت ئەركىنلىكىنى بېرىش دەيدىغان تەكلىپلىرىنىڭ ئەكسىچە، يەنىلا تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشنى، بولۇپمۇ سەزگۈر رايونلاردا مىللىي بۆلۈنۈشنىڭ زىيىنىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشنى، كەڭ خەلق ئاممىسىنى دىنىي رادىكال ئۇنسۇرلارنىڭ زوراۋان ۋاسىتە ئارقىلىق ئىككى مىللەت ئارىسىغا زىددىيەت ۋە ئۆچمەنلىك سېلىۋاتقانلىقىغا، بۇنىڭ ھەر مىللەت خەلقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە بۇزغۇنچىلىق سالىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈش كېرەك، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن تېخىمۇ كۆپ ساقچى خادىمى قوبۇل قىلىش كېرەك، دېگەن تەكلىپنى بەرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن دەرھال جەمئىيەتتىكى ئىشسىز ياشلارنى، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇقتۇرۇشلىرى چىقىرىپ، بۇ ياشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەھەللە باشقۇرۇش كومىتېتى، ساقچىخانا، تۈرمە ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا مەسىلىنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغانلار بىلەن ياكى تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرنى ساقچى قىلىپ قويۇش بىلەن ھەل بولمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ سىياسىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشتىن باشقا يولى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

29-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېندە بىر ئائىلە كىشىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قاتتىق قوزغىغان ئىدى. چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەر ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورۇنلىرى بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىدە بۇ قېتىملىق ۋەقەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن جىددىي سىگنال ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئەگەر ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىدە جىددىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بارمىغان تەقدىردە تەشكىللىك، پىلانلىق ۋە مۇكەممەللەشكەن بىر زور قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ۋە پارتىزان تەشكىلاتلارنى ئۆز قولى بىلەن شەكىللەندۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. بۇ نۆۋەتلىك ۋەقەدىمۇ خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئىلگىرى ۋەقەلەرنى ئەسلىتىپ تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەتەرلىك يولغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.