مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلارنى قېلىپلاشقان ئىرقچىلىق ۋە ساقچى دۆلىتى دەپ تەسۋىرلىمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-05-18
Share
saqchi-urumchi-kocha-qarlash.jpg كوچا چارلاۋاتقان خىتاي ساقچىلار. 2014-يىلى 22-ماي، ئۈرۈمچى.
AP/Andy Wong

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» ھەققىدە بەزى مۇھىم دېتاللار ئاشكارىلانماقتا ۋە بۇ مەركەزلەردە يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى كۈزەتكۈچىلەرنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 16‏-ئاپرېل كۈنى «خىتاينىڭ قايتا تەربىيە لاگېرلىرىدىن چىققانلار مېڭە يۇيۇش ۋە تەن جازالىرىنى ئاشكارىلىدى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە خەۋەر ماقالىسى ئېلان قىلىپ، يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىدا ئېغىر روھىي ۋە جىسمانىي قىيناشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ماقالىدا «يېپىق تەربىيىلەش لاگېرى» دىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن قازاقىستانغا قايتۇرۇلغان قايرەت سەمەرقەن ۋە ئۆمۇربېك ئېلى ئىسىملىك ئىككى سابىق تۇتقۇنلار زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار مۇخبىرغا قىلغان سۆزىدە، تۇتقۇنلارنىڭ لاگېردا تۈگىمەس خورلۇق ۋە مېڭە يۇيۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقى، ھەركۈنى ئەتىگەندە بايراق چىقىرىش، نەچچە سائەتلەپ كومپارتىيەنىڭ تەشۋىقاتى، 19-قۇرۇلتاي روھى، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر» نى تەنقىدلەش، شى جىنپىڭغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەش ۋە رەھمەت ئېيتىش قاتارلىقلارغا مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.

ئۆمۈربېك مۇخبىرغا يۇقىرىدىكى تەلەپلەرنى بەجا كەلتۈرەلمىگەنلەر ياكى بۇنىڭغا قارشىلىق قىلغانلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «لاگېردا نۇرغۇن نەرسىلەرنى يادلاش كېرەك. ئەگەر ئۇلارنى يادلاپ بېرەلمىسىڭىز سىزگە تاماق بەرمەيدۇ. سىزنى ئۇخلاتمايدۇ ياكى ئولتۇرغۇزمايدۇ. ئۇلار سىزنىڭ مېڭىڭىزنى يۇيىدۇ. سىز بىر ماشىنا ئادەمگە ئايلىنىشىڭىز كېرەك. كومپارتىيە نېمە دېسە ئاڭلىشىڭىز، نېمە سۆزلىسە ئەگىشىشىڭىز كېرەك،» دېگەن. ئۇلار يەنە كىشىلەرنىڭ جازا ئورنىدا چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى، «دىنى رادىكال» دېگەن قارىلاش بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ بولسا ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى، بۇلارغا چىدىمىغان بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. 

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى يازغۇچىسى سايمىن دېنيېر ماقالىسىدە ئادرىيان زېنزنىڭ: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ تىنچىتىش ھەرىكىتى بىر مىللەتنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ئەڭ ئېغىر بىر شەكلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى» بىر مىللەتنىڭ دىنى، مىللىي كىملىكى، تىلى ۋە مىللىي كىملىكنىڭ باشقا بارلىق ئېلېمېنتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئايلىنىپ كەتتى» دېگەن سۆزىگە يەر بەرگەن. 

بۈگۈن، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى يۇقىرىدىكى ئۇچۇرلار ھەققىدە توختىلىپ ئالدى بىلەن بۇ مەركەزلەر ھەققىدە مەيلى ئۆز ئىسمى بىلەن مەيلى يوشۇرۇن ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆز بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى دۇنيا بىلەن ئورتاقلاشقانلارنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئالدى بىلەن مۇشۇ يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ مەلۇمات بەرگەنلەرنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇشىمىز كېرەك. بىز ئۇزۇن زاماندىن بېرى بۇ سىياسىي تەربىيە لاگېرلىرىدا زادى نېمىلەر يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلەلمىگەن ئىدۇق. ئەگەر يەنە مۇشۇ كىشىلەرنىڭ مەلۇماتلىرى بولمىغان بولسا ئۇ ۋەقەلەر بىزگە قاراڭغۇ بولۇپ قېلىۋېرەتتى. شۇ جەھەتتىن ئالغاندا مەن بۇ كىشىلەرنىڭ قىلغىنىنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور دەپ قارايمەن. مانا مۇشۇلار بىلەن بىرلىكتە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خەۋەرلىرى بىلەن بىرلىكتە بىز بۇ لاگېرلاردا يۈز بېرىۋاتقانلاردىن خەۋەر تېپىۋاتىمىز. بۇ لاگېرلار ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك بېسىم سىياسىتىنىڭ داۋامى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ياش، قېرى، ئەر-ئايال دېگەندەك نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا تەسىر كۆرسەتكەن بىر ھەرىكەت بولدى. بۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسىتىدىغان روھىي زەربىسىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولىدىغانلىقى ئېنىق». 

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى ماقالىسىدىمۇ يۇقىرىدىكى قازاقىستانلىق شاھىتلارنىڭ كۆرگەنلىرىگە ئاساسەن بۇ مەركەزلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلار ئارىسىدا دوختۇرلار، ئادۋوكاتلار، ئوقۇتقۇچىلار بارلىقىنى، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبول چولپىنى ئېرفان ھېزىمنىڭمۇ توپ ئويناپ چەتئەلگە چىققانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

ئامېرىكىلىق تارىخچى ۋە تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناس پروفېسسور رايىن تام «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ لاگېرلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ ماقالىسىدە: «بىر مىللەتنىڭ يېرىم مىليونغا يېقىن ئادىمىنى تەربىيىلەش قانداق بولىدۇ؟ ئۇ دېگەنلىك، غايەت زور مەبلەغ ۋە ئىنتايىن ئىنچىكە لايىھىلەپ چىقىلغان بىر پىلان ياكى مۇئەسسەسە دېگەنلىك. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا كەلگەندە قەتئىي پىخسىقلىق قىلمايۋاتىدۇ» دېگەن. ئۇ گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئۇيغۇر ئېلىدە 40 تىن ئارتۇق ئورۇندا «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» بارلىقى ۋە بۇ ئورۇنلارغا كېتىدىغان ماددىي كۈچ ۋە ئادەم كۈچىنى ھېسابلىغاندا مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرغىچە بۇ ئورۇنلارنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن 680 مىليون يۈەن چىقىم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

رايىن تام ماقالىسىدە يەنە، يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈپ كەلگەن خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر داۋامى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. جۈملىدىن ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» غا قاماشتىن ئىلگىرىمۇ، ئۇلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە ھەتتا پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنىمۇ ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، مەجبۇرىي يوسۇندىكى قايتا تەربىيە كۇرسلىرىنى ۋە مەجبۇرىي ئۇسۇل ئويناش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نومۇر قويۇش سىستېمىسىدا ئۇيغۇر بولۇشنىڭ ئۆزىنىڭلا 10 نومۇر، كۈندە ناماز ئوقۇيدىغان بولۇشنىڭ يەنە بىر ئون نومۇرغا بەدەل بولغانلىقىنى يازغان. 

ھازىر يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىغا ئائىت ئاشكارىلىنىۋاتقان كىشىنى چۆچۈتىدىغان دېتاللار بىلەن بىرلىكتە بۇ لاگېرلار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زادى نېمە قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىمۇ قاتتىق ئەندىشە قوزغاۋاتقان يەنە بىر مۇھىم مەسىلىدۇر. رايىن تام ماقالىسىدە بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان: «ھازىرچە بۇ تۈرمە سىستېمىسىغا ئائىت نۇرغۇن دېتاللار يوشۇرۇلماقتا ۋە نامەلۇم تۇرماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ لاگېرلارنىڭ تۈپكى مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىمۇ تېخى تامامەن ئېنىق ئەمەس. 

بۇ ئورۇنلار مەجبۇرىي ھالدا ئىدىيە تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ئورۇنلىرى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. بەزى ئەمەلدارلار بولسا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇشى مۇمكىن دەپ گۇمانلانغان كىشىلەرنى سولاش ئارقىلىق بۇ ئورۇنلارنى يەنە «ئالدىنى ئېلىش ئورنى» قىلىپمۇ ئىشلىتىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئەڭ ئاز ئىككى جايدا 40 ياشتىن تۆۋەن ھەرقانداق كىشىنىڭ «زوراۋانلىق پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بار ئەۋلاد» دەپ قارىلىپ قاماققا ئېلىنغانلىقى مەلۇم. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، بۇ لاگېرلار يەنە بىر جازا ۋاسىتىسى ۋە بىر تەھدىت سۈپىتىدە قوللىنىلىۋاتىدۇ. بۇ لاگېرلاردا يېتىۋاتقانلارنىڭ بەزىلىرى قاماق جازالىرىغا ئۇچرىدى. بەزىلىرىگە قانچىلىك ياتىدىغانلىقى دەپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە نۇرغۇنلىرى بۇ مەركەزلەردە مۇددەتسىز ھالدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. بۇنداق ئۆز مەيلىچە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى پۈتكۈل بىر مىللەتكە ئېغىر بىر ۋەھىمە سالدى. . . ئونلىغان، مىڭلىغان ئائىلىلەر بىر-بىرىدىن جۇدا قىلىندى. پۈتكۈل بىر مەدەنىيەت جىنايەت بىلەن قارىلاندى. خىتاي يەرلىك ئەمەلدارلار بۇ ھەرىكەتنىڭ مەقسىتىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن «ئۆسمىنى تازىلاش» ياكى «زەھەرلىك ئوت-چۆپنى تازىلاش ئۈچۈن خىمىيىلىك دورا چېچىش» دېگەندەك كىشىنى چۈچۈتىدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتمەكتە» 
رايىن تامنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان بۇ ئاتالمىش قايتا تەربىيە لاگېرلىرىنى بىرلا سۆز بىلەن تەسۋىرلەش، ياكى ئۇنى باشقا خىل ۋەقەلەر بىلەن قىياس قىلىش قاتارلىقلار يېتەرلىك ياكى توغرا بولمايدىكەن. ئەمما شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلارنى ئوخشىتىش توغرا كەلسە تۆۋەندىكىدەك باھا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە: «شىنجاڭ جەنۇبىي ئافرىقادىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا ئوخشاپ قالىدىغان، رەسمىيلەشكەن ئىرقچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈلىدىغان ھەم شۇنداقلا شىمالىي كورېيەگە رەقىب بولالايدىغان بىر ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندى» دېگەن ۋە مۇنداق دەپ ئەسكەرتكەن: «بۇ يەردە ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلىشىپ ماڭىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەش ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەبلىرىمىز بار. يېقىندا بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇ مەركەزلەردە ئۆلگەنلىكىگە ئائىت مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى. . . مۇشۇ خىل لاگېر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ پىلانلىغان نىشانىغا يەتتۇق، دەپ قاراۋاتقاندەك ئەمەس». 

ھېنرىي شاجېسكى رايىن تامنىڭ 20 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان بىر تەتقىقاتچى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ دىققەتكە ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە رايىن تامغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ يەڭگىللىك بىلەن سۆز قىلمايدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنى شىمالىي كورېيەگە ۋە ئىلگىرى جەنۇبىي ئافرىقادا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقچىلىق سىياسىتىگە ئوخشاتقان بولسا خەلقئارا جامائەت بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى ۋە بۇنىڭغا تېگىشلىك تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت