خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەمەلدار ئالماشتۇرغانلىقى ھەققىدىكى تۈنۈگۈنكى پروگراممىمىزنىڭ تەييارلىنىشى داۋامىدا، كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ۋە ئىلشات ھەسەن ئەپەندىلەر جاڭ چۈنشيەننىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىجرائاتلارغا ئېلىپ كەلگەن ئاتالمىش يېڭىلىقلىرى ئۈستىدىمۇ توختالدى. جاڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن مەزگىلدە، ئۇنىڭ مۆتىدىل مىجەزى ھەققىدە تەشۋىقاتلار بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بۇ مىجەزى رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى يۇمشىتىشتا رول ئوينايدۇ، دەپ ئۈمىد كۈتۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان يۇقىرىقى ئىككى كۆزەتكۈچى، ئەمەلىيەتتە جاڭنىڭ قاتتىق قوللۇقتا ۋاڭدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇلار يەنە، تەيىنلەنگەن ئەمەس، سايلانغان بىر ئەمەلدارنىڭ رايون ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدىكى پەرەزلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.