ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان زورلۇق ۋاسىتىلىرىگە تايانغان ۋەقەلەر يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى خىتاي ۋە چەتئەل تېررور مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دىققىتىنى چەكمەكتە. ھەممە بىردەك بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ بۇندىن كېيىن يىلسېرى كۈچىيىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.
يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى كەلگۈسى بەش يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدا تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ زور دەرىجىدە ئارتىپ بارىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي تېررور مۇتەخەسسىسلىرىمۇ تۈرلۈك ئانالىز ماقالىلىرىدە ئوخشاش كۆز قاراشنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ئېلىدا بۇندىن كېيىن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ زور دەرىجىدە قېيىنلىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ 2012-يىللىق خۇلاسە دوكلاتى بۇ قاراشلارنى قۇۋۋەتلەيدىغان بولۇپ، دوكلاتتا ئۇيغۇر ئېلىدا 2009-يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى ئاز دېگەندە 100 قېتىمدىن ئارتۇق بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پاش قىلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. خىتاي تېررور مۇتەخەسسىسلىرىگە بېرىلگەن بۇ دوكلاتتا يەنە، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ بارغانسېرى ئارتىپ بېرىۋاتقانلىقى، 2012-يىلى بىر يىل ئىچىدىلا ئۇيغۇر ئېلىدا 190 قېتىمدىن ئارتۇق تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئالدىنقى يىللاردىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئەمما، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەرنىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلانغانلىرى 19 قېتىمغا يەتمەيدۇ.
2012-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىپ تەسىر قوزغىغانلىرى: 28-فېۋرال قاغىلىقتا يۈز بەرگەن «بەخت يولى ۋەقەسى»، 8-مارت كۈنى كورلا تاۋۇزچى يېزىسىدا يۈز بەرگەن پىدائىيلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش، 29-ئىيۇن خوتەندە يۈز بەرگەن ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسى، 1-ئۆكتەبىر قاغىلىقتا يۈز بەرگەن خىتاي ھەربىي گازارمىسىغا موتوسېكىلىتلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى قاتارلىقلار بولۇپ، ۋەقەدە قانچە ئونلىغان خىتاي ساقچى، ئەسكەرلىرى، پۇقرالىرى ۋە ئۇيغۇر پىدائىيلىرى ئۆلگەن ئىدى. 2013-يىلى بولسا تېخىمۇ كۆپ ۋە تەسىرلىك ۋەقەلەر بولۇپ ئۆتتى.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتى سەۋەبچى بولماقتا. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ھىندىستانلىق تېررور مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىيالايدۇ، دەپ قارىغان.
يېقىندا خىتاينىڭ «يىراققا نەزەر ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدا ئۆتكەن يىلى 200 قېتىمغا يېقىن زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەردى، شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ سىڭىپ كىرىش پىلانى ئاشكارىلاندى» ناملىق ماقالىسىدە تېررور مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تىلى بىلەن، بۇندىن كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدا تېررورلۇق ۋەقەلىرى سان ۋە سالماق جەھەتتە ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالە 28-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ يۈرىكىدە يۈز بەرگەن تيەنئەنمېندىكى پارتلىتىش ۋەقەسىنى يىپ ئۇچى قىلغان ئاساستا يېزىلغان. ماقالىدە ئاپتور،نۇرغۇن خىتايلارنىڭ ھازىرغا قەدەر تېررورلۇقنى ئامېرىكىدىكى ياكى ياۋروپادىكى ۋەقەلەر دەپ قاراپ كەلگەنلىكىنى، ئوسمان ھەسەن، ئايالى گۈلقىز ۋە ئانىسى قۇۋانخاندىن ئىبارەت بىر ئائىلىدىن ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ تيەنئەنمېننى پارتلىتىشى، تېررور ھۇجۇمىنىڭ پۈتۈن ئىچكىرى خىتايغىچە يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بەش ئادەم ئۆلگەن، 40 ئادەم يارىلانغان بۇ ۋەقە سادىر بولغان كۈنى، تيەنئەنمېننى پارتلاتقان كىشىلەرگە چېتىشلىق دەپ، ئۇيغۇر ئىلىدىن ھۈسەنجان ھوشۇر، گۈلنار توختىنىياز، يۈسۈپ ھوشۇرنىياز، بۈۋىجەننەت ئابدۇقادىر، يۈسۈپ ئەھمەت قاتارلىق بەش ئۇيغۇرنى قولغا ئالغان.
جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا ۋەقە سادىر قىلىۋاتقان پىدائىيلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى 80-يىللار ۋە 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلار بولۇپ، زور كۆپ ساندىكى ۋەقەلەر يەككە ھەرىكەت قىلغۇچىلار ياكى كىچىك گۇرۇپپا بولۇپ ئۇيۇشقان كىشىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېررور مۇتەخەسسىسى مېيى جيەنمىڭنىڭ ئېيتىشىچە: ھازىرقى زامان تېررورلۇقىنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى؛ خەلقنىڭ تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە جەلپ قىلىنىشىدۇر. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورچىلار بىلەن پۇقرالارنى پەرقلەندۈرۈش ئىمكانى يوق. قولىغا قورال ئېلىپ ھەرىكەتكە ئۆتكەندە، ئۇ تېررورچى، قورالنى تاشلاپ خەلق ئىچىگە كىرىپ كەتكەندە، ئۇ ئاددىي پۇقرا. تېررور مۇتەخەسسىسى لى ۋېينىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى شارائىتقا بېقىپ ئىش كۆرۈش يۈزلىنىشىگە قاراپ ماڭماقتا. بۇ ھال تېرروردىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ بارماقتا. تېررورچىلارنىڭ قوللانغان قوراللىرى ئىسپاتلىدىكى، ئۇلار ئەتراپىدىن تېررورلۇق ھەرىكىتى ئۈچۈن كېرەككە كەلگۈدەك نېمىنى تاپالىسا، شۇنى قورال قىلىپ ئىش ئېلىپ بارماقتا. چوقۇم قورال بولۇشىنى، پارتلاتقۇچ دورا بولۇشىنى، زامانىۋى ھۇجۇم ۋاسىتىلىرى بولۇشىنى شەرت قىلغىنى يوق. ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ سالمىقى، قولىغا ئالالىغان نەرسىلىرىگە قاراپ بولماقتا.
لى ۋېينىڭ ئېيتىشىچە، «بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارادىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ خاراكتېرىدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان بولۇپ، قورال بىلەن ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئورنىنى پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ئىگىلىمەكتە. مەسىلەن، بۇ يىل ئەنگلىيەلىك بىر ئوفىتسېر كوچىدا ئىككى نەپەر تېررورچى تەرىپىدىن پىچاقلاپ تاشلاندى، فىرانسىيەلىك بىر جەڭچى تېررورغا قارشى مەشىق قىلىۋاتقاندا بوغۇزلاپ تاشلاندى. پىچان ۋە خوتەندە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە تېررورچىلارىڭ قوللانغان قورالىمۇ پەقەتلا پىچاق. 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا پارتلىتىش ئېلىپ بارغان ئۇيغۇرلار بېنزىننى قورال قىلغان. دېمەك، تېررورچىلار شارائىتقا بېقىپ ئىش ئېلىپ بېرىشقا يۈزلەنمەكتە.»
ماقالىدە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورلۇقنىڭ خەلقئارادىكى شەرقىي تۈركىستانچىلار تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىپلا قالماي، غەرب ئەللىرىنىڭ ئىككى خىل ئۆلچەم سىياسىتى تۈپەيلى مەدەتكە ئېرىشىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ زورلۇقى، قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت بولسا تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ئەڭ زور رايونلار ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.