ئۇيغۇر دىيارىدا «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش قامالى» نىڭ داۋاملىشىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

0:00 / 0:00

14-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يۇقۇم ھەققىدىكى 38-قېتىملىق باياناتىنى بەرگەن. يىغىندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىىنىڭ يۇقۇمغا مەسئۇل خادىملىرىدىن خۇ جىچۈن ئاۋۋال يۇقۇم ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان.

ئۇ سۆزىدە 14-سېنتەبىر كۈنى يېڭىدىن يۇقۇملانغان يۇقۇمدارنىڭ 2 نەپەر ئىكەنلىكى، رايوندا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئالامەتسىز يۇقۇمدارنىڭ 21 نەپەر ئىكەنلىكى، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئومۇمىي يۇقۇمدارنىڭ 14 نەپەر، ئالامەتسىز يۇقۇمدارنىڭ 439 نەپەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە رايوندىكى يۇقۇمدارلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، ر يۇقۇم ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بەزى رايونلاردا يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا ئېغىر بولغىنى ئۈچۈن، مەركەزنىڭ يوليورۇقى بويىچە، «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نى نىشان قىلغان كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ يەنىلا قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلغان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدىكى قاتتىق كارانتىن تەدبىرلىرىگە 40 كۈندىن ئاشقان. ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدىكى بەزى ئىنكاسلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بەزى رايونلاردا بۇ خىل قامالنىڭ داۋام قىلىۋاتقىنىغا 48 كۈن بولغان بولۇپ، غۇلجا شەھىرى قاتارلىق بەزى جايلاردا ئاچارچىلىقتىن ۋە داۋالاشقا ئېرىشەلمەي ئادەم ئۆلۈش پاجىئەلىرىمۇ يۈز بەرگەن.

دائىرىلەر يولغا قويۇۋاتقان بۇ خىل قاتتىق قامال تەدبىرى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن ئۆلۈم پاجىئەلىرى دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ، تاراتقۇلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا، نارازىلىق نامايىشلىرى، بايانات بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ كۈچەيمەكتە.

نۆۋەتتە بۇ خىل بېسىملار ئۆز تەسىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگىمۇ كۆرسەتكەن بولۇپ، 10-سېنتەبىر كۈنى ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ۋە كورلا شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئايرىم ئايرىم بايانات بېرىپ، يۇقۇم تەدبىرلىرىدىكى بەزى خاتالىقلارنى ئېتىراپ قىلغان ۋە كەچۈرۈم سورىغانىدى.

ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت نامىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن:

«غۇلجا شەھەر خەلقى ئىنكاس قىلغان داۋالىنىش ئىمكانى بولماسلىق ئەھۋاللار ھەقىقەتەن مەۋجۇت. بۇ بىزنىڭ خىزمىتىمىزدىكى بەزى يېتەرسىزلىكلەرنى ئاشكارىلىدى. خىزمەت جەريانىدا كادىرلار ئىستىلىدا بەزى يېتەرسىزلىك مەسىلىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم، ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن يامان تەسىر ۋە قولايسىزلىقلار ئۈچۈن كەچۈرۈپ سورايدۇ».

باياناتتا يەنە داۋالىنىش كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پۈتكۈل دوختۇرخانا سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭ مۇلازىمىتى ئاممىغا ئېچىۋېتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلغان قاتتىق قامال تەدبىرى كەلتۈرگەن ئاچارچىلىق ۋە داۋاسىز قالغان بىمارلارنىڭ ئۆلۈم پاجىئەلىرى دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ، كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر قالغان خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەنە نېمە ئۈچۈن بايانات بېرىپ، بۇ بۇ خىل قاتتىق قامال تەدبىرلىرىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ؟ بۇ مەسىلە ئۇيغۇر ئېلى ۋە غۇلجىدىكى يۇقۇم ۋە كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەردىمۇ ئىنكاس قوزغىدى.

ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىملارنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەرنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدىكى قامال تەدبىرلىرىنى يەنىلا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىن ئىبارەت ئېنىق سىياسىي غەرەزنى چىقىش قىلغان ئىكەن.

زۇمرەت خانىم خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويغان «قاتتىق كارانتىن تەدبىرلىرى» ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلغانلىقىنى ۋە ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

زۇمرەت خانىم 2017-2018-يىللاردا «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلار قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردىمۇ، ئەينى چاغدا كىشىلەرنىڭ بۇ جايلارنىڭ نېمە ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى بىلەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە ھازىر قۇرۇلۇۋاتقان ئاتالمىش «كارانتىن چېدىرلىرى» مۇ دىققەت قوزغىشى كېرەك ئىكەن.

زۇمرەت خانىم يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «يۇقۇم قامالى» تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان مەزگىلىدە يەنە غۇلجىنىڭ نارات، ئالتاينىڭ قاناس قاتارلىق ساياھەت مەركەزلىرىگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن مەخسۇس ئاپتوبۇس بىلەن كېلىدىغان ساياھەت ئۆمەكلىرى تەشكىلىنىۋاتقان سىن فىلىملىرى ئاشكارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ ئەھۋالنى رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «يۇقۇم قامالى» غا سېلىشتۇرۇپ، بۇ خىل پەرقلىق ئەھۋالنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق قامال تەدبىرلىرىنى: «ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي تەدبىر» دەپ كۆرسەتتى.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتنى جىددىي كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەرنىڭ شۇنچە زور كرىزىسقا قارىماي، «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا قاتتىق قامال تەدبىرلىرىنى يەنىلا داۋام قىلىشى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش «مۇقىم ۋەزىيەت يارىتىش» نامىدا، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.

زۇبەيرە خانىم يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا يولغا قويغان شۇنداق قاتتىق «قامال تەدبىرلىرى» ئىچىدىمۇ، رايوندىكى قامال ۋە يۈز بېرىۋاتقان ئاچارچىلىق پاجىئەلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلاۋاتقان ۋە ئۆز-ئارا ياردەم ھەرىكىتىدە بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر قامال كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان پاجىئەلەرنى ئاشكارىلاشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان غۇلجا شەھىرى يەنىلا ئەڭ قاتتىق قامال قىلىنىۋاتقان شەھەر ھالىتىنى ساقلىماقتا. بۇلاردىن باشقا يەنە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە يېڭىدىن كېسەللىك خەۋپى يۇقىرى نۇقتىدىن 8، كېسەللىك خەۋپى ئوتتۇرا دەرىجىلىك نۇقتىدىن 3 كۆپەيتىلگەن. مەزكۇر كېسەللىك خەۋپى يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا نۇقتىلارغا ئۇيغۇرلار بىرقەدەر كۆپ ۋە زىچ ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتاغ رايونىدىكى جايلار، جۈملىدىن دۆڭكۆۋرۈك، يەنئەن يولى قاتارلىق جايلار كىرىدىكەن.