يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈشمۇ ياكى جىنايەتنى يوشۇرۇشمۇ؟

ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر
2022.10.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈشمۇ ياكى جىنايەتنى يوشۇرۇشمۇ؟ خىتاي جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بوئىن 737 تىپلىق ئايروپىلانلىرى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودرومىدا توختالغان كۆرۈنۈشى. 2021-يىلى 2-دېكابىر.
AP

4-ئۆكتەبىر ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرى ھەققىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرغان. مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇمنىڭ سىرتقا تارقىلىشىنى تىزگىنلەشكە دائىر مەلۇماتلار بېرىلگەن. يەنى، يەرلىك دائىرىلەر بۇ قېتىملىق يۇقۇم ئەھۋالىنى ئۇيغۇر دىيارى تارىخىدىكى «تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، تىزگىنلەش ئەڭ تەس» بولغان بىر قېتىملىق كېسەللىك ئاپىتى دەپ باھالىغان.

مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بىلەن تەڭلا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە ئارقا-ئارقىدىن كىشىلەرنىڭ «شىنجاڭ» دىن ئايرىلماسلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلگەن. خىتاي دائىرىلىرى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 4-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، يۇقۇمغا ئالاقىدار مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىككى ئايدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامال سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىز بولغانلىقىنى قىسمەن ئېتىراپ قىلغان. ئەمما بۇ خىل نەتىجىسىز قامال سىياسىتىنىڭ سەۋەبلىرىنى بىر قانچە نوقتىلارغا يىغىنچاقلىغان. يەنى، يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىغان خادىملارنىڭ كەسپىي خادىملار ئەمەسلىكى، بۇ سەۋەبتىن يۇقۇمنى تەكشۈرۈش سۈپىتىنىڭ ناچارلىقى، بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلارنى يىغىش مەشغۇلاتىنىڭ سۈپەتسىز بولۇپلا قالماي، تەجرىبىخانىغا كېچىكىپ يەتكۈزۈلۈشى، تېخنىكىلىق بولماسلىقى؛ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلارنى يىغىشقا مەسئۇل خادىملارنىڭمۇ بۇ جەرياندا يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ كېلىپ چىقىشى. . . . . . ۋاھاكازالار. لېكىن مەيلى قانداقلا سەۋەب كۆرسەتمىسۇن، ئاتالمىش يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى يەرلىك دائىرىلەر ئۆزى ئېتىراپ قىلغان.

مەلۇمكى، ئۇيغۇر دىيارىدا يۇقۇم نامىدىكى قامال تەدبىرلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقىنىغا ئىككى ئايدىن ئاشتى. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئۆلۈم-يېتىم، ئاغرىق-سىلاق ۋە ئېغىر ئاچارچىلىق ھادىسىلىرى كۆرۈلدى. شۇنداقتىمۇ ئاتالمىش يۇقۇم ئەھۋالى تۆۋەن بولغان بىر قىسىم رايونلاردىن باشقا جايلاردا قامال يەنىلا داۋاملىشىۋەردى. ھەتتا بۇ جەرياندا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراپ، ۋېيبو، دوۋيىن قاتارلىقلاردا ئاۋاز چىقارغانلارنى ساقچى دائىرىلىرى «ساختا ئۇچۇر تارقاتقانلىقى» بىلەن تۇتتى، قامىدى. ئەمما شۇنچە قاتتىق تەدبىرلەر ئاستىدىمۇ ئاتالمىش يۇقۇم يەنىلا نۆلگە چۈشمەستىن، ئەكسىچە بۈگۈن پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىنى ئومۇميۈزلۈك تاقىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئىنگلىز تىلى بۆلۈمىنىڭ 30-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ گۇما ناھىيەسىدە ئاتالمىش «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نامىدا كەڭ كۆلەملىك دېزىنفېكسىيەلەش قىلىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. بىر يەرلىك ئەمەلدارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شۇ يەردىكى بىر كەنتتىلا ئوننەچچە ئادەم بۇ قېتىملىق دېزىنفېكسىيەلەشتە زەھەرلىنىپ ئۆلگەن. مەزكۇر خەۋەردە يەنە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە جەنۇبتىكى گۇما ناھىيەسىدىن يېقىندا خېلى كۆپ سىنلىق كۆرۈنۈشلەر تارقالغان بولۇپ، شۇ يەردىكى دېزىنفېكسىيەلەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلانغان. بۇ سىنلاردا يەنە، مەسئۇل خادىملارنىڭ كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، بارلىق ئائىلە سايمانلىرىغا، كۈندىلىك بۇيۇملارغا، ھەتتا توڭلاتقۇنىڭ ئىچىگىمۇ دېزىنفېكسىيە دورىسىنى چېچىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر بار. يەرلىك كىشىلەر يەنە، دېزىنفېكسىيە دورىلىرىنىڭ ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىگىمۇ چېچىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خەۋەردە يەنە، ئون ئائىلىگە مەسئۇل قىلىنغان بىر خادىمنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا، گۇما ناھىيەسىدىكى بۇ كەنتتە 12 ياكى 13 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ بىر تۇغقىنىمۇ بارلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئائىلىدىن بەش ئادەمنىڭ، يەنى بىر ياشانغان ئايال بىلەن ئۇنىڭ قىزى، كېلىنى ۋە ئىككى نەۋرىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ ئاشكارىلىغان. بۇ كىشىنىڭ دېيىشىچە، بۇ ۋەقە 20-سېنتەبىر يۈز بەرگەنىكەن. يەرلىكتىكى يەنە بىر كىشىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا مەسئۇل خادىملار كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرى، ھويلا-ئارام ۋە ئۆگزىلىرىگە دورا چاچقانىكەن. شۇنىڭ بىلەن كەنتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھوشىدىن كەتكەن. بۇ كىشىنىڭ ئوغلى ئۆيىگە دورا چېچىشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەب، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. بۇ كىشى يەنە، ئۇ تۇرۇۋاتقان جاي ھازىر قامالدا بولۇپ، يېمەكلىك يوق، ھەتتا كىشىلەرنىڭ ئۆيىدىكى يېمەكلىكلەرمۇ دېزىنفېكسىيەلەش نامىدا دورا چېچىپ، يېگۈسىز قىلىۋېتىلگەنلىكىنى، شۇڭا ئەتە يەنە نېمە ئىشلار بولىدىغانلىقى پەرەز قىلىش تەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

«شىنلاڭ ۋېيبوس» تورىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قامال ئەھۋاللىرى ھەققىدە نۇرغۇن يازمىلار ۋە ئىنكاسلار تارقالغان بولۇپ، بەزى ئىنكاسلاردا قامال تەدبىرلىرىگە بولغان خەلقنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقلىرى ئاشكارا ئىپادىلەنگەن. يەنە بەزى ئىنكاسلاردا بولسا ئۇيغۇر دىيارىدىكىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇم قامال سىياسەتلىرىگە بويسۇنمىغانلىقى تەنقىدلەنگەن ۋە بۇنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە كېسەل تارقىتىش، خىتايلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت سېلىش دەپ يازغان.

بىر ئىنكاستا مۇنداق دېيىلگەن: «يۇقۇمنى تەكشۈرۈش ئۆلچەملىك ئەمەس، ئۆلچەملىك تەكشۈرسەڭلار بولمامدۇ؟ شىنجاڭغا كىرگەنلەرنى تەكشۈرمەيدىكەنسىلەر؛ سەپەر ئۈستىدىكىلەرنى خالىغانچە توختىتىپ قويىدىكەنسىلەر، ئەمما ئۇلارنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىغان تەكشۈرۈش ئورنى قىلماپسىلەر، كىشىلەر ھەتتا ھاجەتخانىلاردا ئۇخلاشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ؛ ئايرىپ كۆزىتىش چىقىمى كۆپ؛ ناھىيە بىلەن ناھىيە ئارىسى تاقالغان. يۇقۇملانمىغانلىق ئىسپاتى بولسىمۇ ھېچكىم كىرگۈزۈلمەيدىكەن. بۇنداق قىلىش ئىنسانلىققا يات. ئازراق رەھىمدىل ئۇسۇل قوللانساڭلار قانداق؟»

يەنە بىر ئىنكاستا مۇنداق دېيىلگەن: «5-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدىن 50 كىشى ئولتۇرغان بىر ئاپتوبۇس شىئەنگە كىرگەن ۋە يولۇچىلارنى خەنچېڭ رايونىغا چۈشۈرۈپ قويۇپ كېتىپ قالغان. بۇ قائىدىگە خىلاپ، شۇڭا ج خ تارماقلىرى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، پۈتۈن خەلقنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ بۇ ئادەملەرنىڭ بىرىنى قويماي تېپىپ چىقىپ، خەتەرنى ئازايتىش كېرەك!»

ئىشلار بۇ دەرىجىگە كەلگەندە كىشىنى ئويغا سالىدىغان نۇرغۇن سوئاللار كاللىمىزغا كېلىدۇ. پۈتۈن دۇنيادا كوۋىد يۇقۇمى قامال تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي نېمە ئۈچۈن بۇنچە ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە قارىماي، قامالنى داۋام قىلىدۇ؟ بۇ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان سىياسەتلىرى ۋە بۇنىڭ ئارقىدىكى ھەقىقىي مەقسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇنى مۇنداق ئۈچ نۇقتىدىن شەرھلەش مۇمكىن:

1. خىتاينىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى رولى

ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھاكىممۇتلەقلىق مۇستەبىتلىك بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتايدا ئۆتكەن يەتمىش نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ خىل مۇستەبىتلىك ئىزچىل «يېڭىلىنىپ، تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ» كەلگەن. بۇ خىل كۈنلۈك شەكلىدىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بىر گەۋدىلەشكەن سىستېمىدا، ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىن باشلانغان يۇقىرىغا بويسۇنۇش مېتودى مۇكەممەل شەكىللەندۈرۈلگەن. بۇنداق ئەھۋالدا تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى رەھبەرلەرگە بولغان مۇتلەق ساداقىتى خەلقنى قاتتىق ئېزىش بەدىلىگە كېلىدىغانلىقى سەۋەب، ئۇيغۇر دىيارىدا خەلق بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بولۇپمۇ، 1996-يىلى يولغا قويغان «شىنجاڭغا ياردەم» سىياسىتىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى ئۇيغۇر نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاش رايونلارنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىكىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن خىتاي مەمۇرىيلىرىغا ئالاھىدە ئىمتىياز سۈپىتىدە بەرگەنلىكى سەۋەب، ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى ئەڭ تۆۋەن ھەقلىرىمۇ خىتايلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن. ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا يۆتكەپ كېلىنگەن خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» نامى ئاستىدا خەلققە قارشى تۈرلۈك بېسىم سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈپ، خەلقنى ئەخمەق قىلىۋەرگەن. بۇ سىستېما بەلكى خىتاينىڭ بۈگۈنگىچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدەك ۋەيران بولۇپ كېتەلمەسلىكىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل بولۇشى مۇمكىن.

2. بىڭتۇەننىڭ قورال كۈچىگە تايىنىپ باستۇرۇش ئېلىپ بېرىش

خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى 70نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل يوسۇندا قورال كۈچىگە تايىنىپ باستۇرۇپ كەلدى. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدا مەسىلەن 1989-يىلىدىكى 4-ماي ۋەقەسىدىن باشقا ۋاقىتتا ئاساسەن يۈز بەرگەن ئەمەس. بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئالاھىدە ئورنى، مول تەبىئىي بايلىقلىرى قاتارلىقلارنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشتا بىڭتۇەندىن ئىبارەت بۇ قورال كۈچىگە تايانغان. بىڭتۇەنگە بېرىلگەن چەكسىز ھوقۇقلار ۋە خىتاي رايونلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا «مەنسەپ بېرىش، خىزمەت بېرىش ۋە مەسئۇلىيەت بېرىش¸给权,给职,给责¨» ئىمتىيازى بىلەن ئېلىپ كېلىنىپ، ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى قولىغا ئالغان خىتايلاردا يۇقىرىغا بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ھېرىس بولۇش، خەلقنى داۋاملىق ۋە تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە باستۇرۇش ئارقىلىق، ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىش خاھىشى پەيدا بولغان. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدا «شىنجاڭ بىر شاھمات تاختىسى، جەنۇبىي شىنجاڭ بولسا، بۇ شاھمات تاختىسىنىڭ كۆزى. جەنۇبىي شىنجاڭ تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىكنى يوقىتىش كۆرۈشىنىڭ جەڭ مەيدانى» دېگەن يوليورۇقلىرى بىلەن، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ساداقىتىنى بىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىگە ئايلانغان. ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلار مەسىلىسى ئاشكارىلانغان 2017-يىللىرىدىن تارتىپ، رايوندا يۈرگۈزۈلگەن بارلىق لاگېر سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاست ۋە شىمالدىكى غۇلجا، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلار باش نىشان قىلغانلىقى ئىسپاتلانغانىدى. نۆۋەتتىكى يۇقۇم قامال سىياسەتلىرىدىمۇ، ئۇيغۇرلار نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلار ئاساسەن يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىدىكى يۇقۇم تارقىلىش رايونى دەپ بېكىتىلىپ، قامال تەدبىرلىرى ئىنتايىن قاتتىق يۈرگۈزۈلگەن ۋە تۈرلۈك ئۆلۈم-يېتىم، ئاچارچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

3. لاگېرلارنى يۇقۇملانغۇچىلارنى ئايرىپ داۋالاش ئورنىغا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق لاگېر مەسىلىسىنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىش

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى 23-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى توققۇز كۈنلۈك زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر زىيارەتكە دائىر خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا چېن چۈەنگو دەۋرىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئىزنالىرى يوقىتىلىشقا باشلىغانلىقى، لاگېرلارنىڭ يۇقۇملانغۇچىلارنى ئايرىپ داۋاملاش ئورۇنلىرىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى، لاگېرلارغا قامالغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ لاگېر ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك بولمىغانلىقى سەۋەب ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، بەزى كىشىلەرنىڭ بولسا كارخانىلارغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، لاگېرلارنىڭ داۋاملىق ئېچىلىشىغا ئېھتىياج قالمىغانلىقىدەك. . . . . . . . ئەھۋاللار بايان قىلىنغان.

مەلۇمكى، يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن قارىغاندىمۇ خىتاينىڭ خەلقئارا بېسىملار تەسىرىدە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشنىڭ پېيىگە چۈشكەنلىكى ئېنىق. ئەمما ما شىڭرۈي ئۇيغۇر دىيارىغا يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا ۋەدە بەرگىنىدەك، مەركەزنىڭ «شىنجاڭنى يېڭىچە ئىدارە قىلىش سىياسىتى» نى داۋام قىلىدىغانلىقى تەبىئىي. پەقەت ئۇسۇل جەھەتتە ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش سىياسەتلىرى لاگېرلار ۋە تۈرمىلەرگە قاماش شەكلىدە ئەمەس، بەلكى يۇقۇم نامىدا ئېلىپ بېرىلىشى، ئۆپكە كۆرسىتىپ، قوي سېتىش، ئىشلارنى تۇيدۇرماي قىلىش شەكلىدە داۋام قىلىش مۇمكىن.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.