ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم: «رەسىملىك تارىخ» (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.04.08
isobel-maqala-resim.jpg ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن تونۇشلۇق بولغان ئەنگلىيەلىك ئوبزورچى ئىزابېل كوكرېلنىڭ «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى: رەسىملىك تارىخ» تېمىسىدىكى ماقالىسىگە قويۇلغان سۈرەت.
Coda Story

ئۇيغۇر جەمئىيىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان زور كۆلەملىك باستۇرۇش ھەققىدە سۆز بولغاندا ئىزابېل كوكرېل بۇنىڭدىكى بەزى تۈپلۈك مەزمۇنلارنىڭ بۇنىڭدىن ئەللىك يىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا چىققان سىياسىي شوئارلارنىڭ تەكرار ۋارىيانتى بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى 1960-يىللاردا «قايتا تەربىيە ئېلىش» نامىدا ئاللىقاچان مۇكەممەل مائارىپ تەربىيەسى ئېلىپ بولغان كىشىلەرنى يېزىلارغا چۈشۈرگەن ھالنىڭ ھازىر مىليونلىغان ئۇيغۇرنى خۇددى شۇ نامدا لاگېرلارغا قاماش شەكلىدە قايتىدىن پەيدا بولغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسلەپ ئۆتىدۇ.

ئاپتورنىڭ پىكرىچە، 1976-يىلى ماۋ زېدوڭ ئۆلۈپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقى دېڭ شياۋپىڭنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش» نامىدا پۈتكۈل خىتايغا ئازراق بولسىمۇ ئارام ئېلىۋېلىش پۇرسىتى ئېلىپ كەلگەن ئاشۇ دەۋر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان كىملىكى ۋە تارىخىنى ئەسكە ئېلىۋېلىشقا شارائىت يارىتىپ بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي ئويغىنىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى يەنە بىر قېتىم تېزلا ۋۇجۇدقا چىققان. نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ زور مەنىدىكى ئەركىنلىك ئىستەش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن بىر قاتار سىياسىي ھەرىكەتلەر 90-يىللاردىن 2000-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىققان. نامايىشلار، قارشىلىق ھەرىكەتلەر ۋە ھۇجۇملار ئاخباراتلارغا مەلۇم بولۇشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ-يۆگەپ بىر يولىلا «بۆلگۈنچىلىك ۋە ئىسلام ئەسەبىيلىكىنىڭ تەسىرىدىن بولغان» دەپ خۇلاسە چىقارغان.

ئىزابېل كوكرېل سۆھبىتىمىز جەريانىدا بۇ ئىشلارنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى:

«مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە نۇرغۇن يىللار داۋام قىلغان مەدەنىيەت باستۇرۇشىدىن كېيىن دېڭ شياۋپىڭ تەختكە چىقتى ھەمدە مەدەنىيەت ساھەسىدە قىسقا بىر مۇددەت نەپەس ئېلىۋېلىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلدى. ماۋ زېدوڭ ئۆلگەندىن كېيىنكى دەۋرلەرنى ئەسلىيەلەيدىغان كىشىلەرگە مەلۇمكى، شۇ ۋاقىتلاردا ئىسلام ئېتىقادى ۋە ئىسلام چۈشەنچىلىرىنى ئاشكارا تىلغا ئېلىش دەسلەپكى قەدەمدە مۇمكىن بولۇشقا باشلىدى. دەل مۇشۇ مەزگىللەردە مىڭلىغان مەسچىتلەر يېڭىۋاشتىن سېلىندى. ئەنە شۇ مەزگىللەردە ئىسلام دىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئورنى قاتارلىقلار ھەققىدە ئەركىن سۆھبەتلىشىشكە پۈتۈنلەي مۇمكىن بولىدىغان ۋەزىيەت يارىتىلدى. ئەمما شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن بولسا بۇ ئەھۋاللار پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. بۇ ئەھۋال دىنىي ساھەدىلا ئەمەس، يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىدىكى كۆپلىگەن مەزمۇنلارنىڭ ۋەيران قىلىنىشىدىمۇ ئۆز ئەكسىنى تاپتى. شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىگە قاراتقان سىياسەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيەت ساھەسى بىردەك چەكلىمىگە ئۇچراپ، بۇ ساھەدە پىكىر قىلىشنىڭ بارچە يوللىرى ئېتىپ تاشلاندى.»

ئىزابېلنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشتەك ئۇسۇلى كۈتكەننىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بەرگەن. بولۇپمۇ 2000-يىللاردىن كېيىن باشلانغان تۈرلۈك شەكىللەردىكى قارشىلىقنىڭ «سەۋر قاچىسى» 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە ئىپادىلەنگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈنمۇ بۇ ھال شۇنداق بولغان. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىگە زىيارەتكە كەلگەندە بومبا ۋەقەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم يۈز بېرىشى بىلەن بۇ يېڭى ھۆكۈمدار 2014-يىلىدىن باشلاپ «تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى» نى قوزغىغان. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا تۈپلۈك ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىشكە باشلىغان.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەن سۆزلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى 2009-يىلىدىكى ‹ئۈرۈمچى ۋەقەسى› نى ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ شۇنىڭدەك ھازىر ئومۇميۈزلۈك تۈس ئېلىپ بولغان شىنجاڭدىكى باستۇرۇش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، دەپ قارايدۇ. ئەگەر بىز 2014-يىلى نازارەت دۆلىتى مېخانىزىمىنىڭ ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولغانلىقىنى نەزەردە تۇتساق، بۇ ھەقتىكى تۇنجى سىناقنىڭ 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە ۋەقە چىقىپلا بىر يىلغا يېقىن بارلىق تور ئالاقىسىنىڭ كېسىپ تاشلىنىشىدا ئىشقا ئاشقانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. شۇ قېتىم مۇشۇ خىلدىكى تېخنىكا ئارقىلىق كىشىلەرنى قانداق كونترول قىلىشقا بولىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى گەپ-سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىنىڭ قانداقلارچە ئالدىنى ئېلىشقا بولىدىغانلىقى، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ جەھەتتىكى قارشىلىقلارنى قانداق قىلىپ ئوڭۇشلۇق باستۇرۇشقا بولىدىغانلىقى راۋۇرۇس سىناقتىن ئۆتتى. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ ساقچىلار قوشۇنى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش مودېلى شىنجاڭدا ئومۇملاشتى. چېن چۇەنگو شىنجاڭنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن بولسا بۇ ھال تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقتى. بۇ بولسا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشىدا ئەكس ئەتتى. شۇڭا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ سىستېمىلىق باستۇرۇشلارنى بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى ئورۇن بېسىپ كېلىۋاتقان بىر پۈتۈن ھەرىكەت، دەپ چۈشەنگىنىمىزدە ئاندىن نېمە ئۈچۈن ھازىر مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامىلىپ بولغانلىقى ئۆزلۈكىدىنلا ئايدىڭلىشىدۇ.»

ئىزابېلنىڭ ماقالىسىگە كىرگۈزۈلگەن رەسىملەر ئىچىدە ئۇيغۇرچە كۆڭلەك كىيگەن بىر قىزنىڭ لاگېرلارنىڭ بىرىگە ئانچە يىراق بولمىغان مەيداندا تولۇق قوراللانغان خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ نازارىتىدە ئۇسسۇلغا چۈشكەنلىكى تەسۋىرلىنىدۇ. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئىزابېل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسسۇلغا چۈشۈشىنى «بەختىيارلىق تۇيغۇسىنىڭ ئىپادىلىنىشى» گە باراۋەر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش ئارقىلىق ئۇلاردىكى «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ زەھىرىنى تازىلاش» نى باشلىغاندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدلىرىگە دۇچ كەلگەن. بۇنىڭغا جاۋابەن ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى «ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا ئۇيغۇرلارنى ئەنە شۇ خىل شەكىلدە ئۇسسۇلغا مەجبۇر قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ رەسىمگە دىققەت قىلغانلىقىڭىز مېنى بەكمۇ خۇشال قىلدى. نېمىشقا دېسىڭىز مۇشۇ ماقالىگە رەسىم سىزىپ بېرىشكە ماقۇل بولغان ئۇيغۇر رەسسام بىلەن بىز ۋاقتىمىزنىڭ ئەڭ كۆپ قىسمىنى مۇشۇ بىر پارچە رەسىمنى سىزىپ چىقىشقا سەرپ قىلدۇق. ئۆتكەن يىلى سېنتەبىر ئېيىدا بىر پارچە ماقالە يېزىش جەريانىدا تىك-توك ياكى ‹دويىن› ناملىق مۇنبەرنىڭ بەتلىرىدە كۆرگەن بىر پارچە قىسقا ۋىدېيو ماڭا بەك تەسىر قىلغان ئىدى. ئەگەر سىز تىك-توك بەتلىرىگە قارايدىغان بولسىڭىز بۇ خىلدىكى تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنىڭ ساماندەك كۆپلۈكىنى بايقايسىز. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ شادىيانە ۋە خۇشاللىقتىن بېشى كۆككە يەتكەن ھالدا ئۇسسۇلغا چۈشكەنلىكى، ئۇلارنىڭ چېھرىدە بەختىيارلىق كۈلكىسى ئوينىغان ھالدا ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭدەك مۇشۇ خىلدىكى سۈرەتلىك تەسۋىرلەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ قانچىلىك بەختىيار ۋە ئارامبەخش ماكان ئىكەنلىكى نامايىش قىلىنىدۇ. ئەمما سەللا دىققەت قىلغان كىشى بۇ ھالنىڭ ئەمەلىيەتتىن قانچىلىك يىراق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش خاھىشى بىلەن سىياسىي تەشۋىقاتنىڭ قايسى دەرىجىدە ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىيالايدۇ. شۇڭا بىز شىنجاڭدىكى رېئاللىق بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك پەرق بارلىقىنى، لاگېرلار، ساقچى دۆلىتى ۋە نازارەت مېخانىزمى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن سىياسىي مۇھىتنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى، بۇلارنىڭ ماھىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىگە روبىرو بولۇپ تۇرۇۋاتقان رېئاللىق ئىكەنلىكىنى، ئەنئەنىۋى ئۇيغۇرچە لىباسلار بىلەن ئوينىلىۋاتقان ئۇسسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇشىنىڭ قانداق ‹تازىلىنىۋاتقانلىقى› نى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر رەسىمنى سىزىپ چىقتۇق.»

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارادىكى خۇنۈكلەشكەن ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ «جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكى» نى تەكىتلەشكە باشلىغان. ئەمما ئىزابېلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلەشكەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن ھېچقايسى ئۆزلىرىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئاڭلىمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.