خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا غايەت چوڭ تۈرلەر بويىچە «ئىش باشلىغانلىقى» نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر
2022.03.28
xitaygha-yotkesh-tebii-bayliq-nefit-qezish.jpg «تۇرپان قۇمۇل نېفىتلىكى» نى ئېچىش ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن مەلۇم نېفىت شىركىتىنىڭ ئىشچىسىنىڭ ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈشى. 1997-يىلى 8-ماي.
AFP

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا چوڭ تىپتىكى ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قايتا ئىش باشلىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلدى.

خەۋەر تەپسىلاتىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىملىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ 55 پرېسەنتى ئۇيغۇرلار نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستقا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» سىياسىتىنى يولغا قويغان 1978-يىلىدىن باشلاپ، ئالدى بىلەن بىڭتۇەننى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلار نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونلىرىنى تەرەققىياتتىن توسقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىڭتۇەننى ئىقتىساد ۋە سىياسەتتە كۈچلۈك قوللاش بىلەن بىرگە جەنۇبتىكى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يېزا-ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بىڭتۇەن ئارقىلىق زور قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرغان. ئاقىۋەتتە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللارغا كەلگەندە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بىڭتۇەننى ئاساس قىلغان شىمال قىسمى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان جەنۇب قىسمىدا زور ئىقتىسادىي پەرقنىڭ ھاسىل بولۇشىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرىي نامراتلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان.

خىتاينىڭ ئۆزى ۋاستىلىق ۋە پىلانلىق ھالدا نامراتلاشتۇرغان جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىزلا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شۇئارىنى توۋلاپ قالدى؟ خىتاي نېمە ئۈچۈن ئاتالمىش «بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى» نى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، تۇيۇقسىزلا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىغا بۇنچە كۆپ مەبلەغ ۋە كۈچ ئاجراتتى؟

ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى 1986-يىلىدىن بۇيانقى «مىليۇن كىشىنى ئاچارچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»، 1994-يىلىدىكى «نامراتلىقنى يىلتىزىدىن يوقىتىش» قاتارلىق ئاتالمىش سىياسەتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان. بۇنىڭدىكى مەقسەت كېيىنچە جەنۇبنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى يۈرگۈزۈشكە ئاساس سېلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بولۇپمۇ 1996-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «شىنجاڭغا ياردەم» پىلانى ۋە «غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشدە تېخىمۇ زۆرۈر بولغان. چۈنكى ئاتالمىش «ئىسلاھات» دەۋرىدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىنىڭ كېلىماتى ئۆزگىچە، تەبىئىي بايلىقلىرى مول، كۈن نۇرى ئۇزۇن چۈشىدىغان بولۇپ، يېزا-ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەۋزەلىكلەرگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما زامانىۋىيلاشقان يېزا-ئىگىلىك ئەسلىھەلىرى كەمچىل، تەرەققىيات ئارقىدا قالدۇرۇلغىنى سەۋەبلىك، خىتاي رايونىدىن كېلىدىغان مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىش ئىمكانى تۆۋەن بولغان. بۇ ۋەجىدىن جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېڭىز ئەتراپى رايونلىرىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ۋە ئىشلەپچىقىرىش لېىنىيەلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونى، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكىلىىشىدە زۆرۈرىيەت شەكىللەندۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان ھەرقانداق ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانى ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىلىپ باققان ئەمەس. ئەكسىچە، بۇ خىل پىلانلار ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلارنى ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىتىپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىگە سەۋەب بولغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىي قىسمىنى بىڭتۇەن ئارقىلىق پۈتۈنلەي ئۆز ئىلكىگە ئالغاندىن كېيىن، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىغا كېڭىيىشكە باشلىغانىدى. يەنى 1994-يىلىدىكى «نامراتلىقنى يىلتىزىدىن يوقىتىش» پىلانىدا بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا كېڭىيىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى «دۆلەت ئىستراتېگىيەسى» قىلىپ بېكىتىلگەن. 1996-يىلى ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» پىلانى بويىچە، خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى خىتايلار بىلەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىرلىكتە، خىتاي كۆچمەنلىرىنى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەش، ئۇيغۇرلارنى شىمالغا ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ تارقاقلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس كۆپۈيىشىنى تېزگىنلەش، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرېلغۇ يەرلىرىنى ئېلىۋېلىش. . . قاتارلىق تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەرنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان.

2010-يىلىدىكى «بىرىنچى قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا «شىنجاڭ بىر شاخمات تاختىسى، جەنۇبىي شىنجاڭ بولسا شاخماتنىڭ كۆزى. شاخماتتا ئۇتۇش ياكى ئۇتتۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ شاخمات كۆزىنى قانداق ئىدارە قىلىشقا باغلىق» دېگەن سەپسەتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنىڭ بىلەن جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» سىياسىتىنىڭ يېڭى ۋارىيانتى يولغا قويۇلغان. ئۇ بولسىمۇ خىتاينىڭ «ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتە ئالدىن تەرەققىي تاپقان 19 ئۆلكە-شەھەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» پىلانى ئىدى. بۇ پىلان بويىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى 12 ۋىلايەت-ئوبلاست، خىتاينىڭ دېڭىز ئەتراپىدىكى ئالدىن تەرەققىي تاپقان 19 ئۆلكە-شەھەرگە بۆلۈپ بېرىلدى ۋە ھەر بىر خىتاي ئۆلكىلىرى ئۆزلىرىگە بۆلۈپ بېرىلىگەن ئۇيغۇر رايونلىرىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ياردەم پۇلى ۋە ئەۋزەل سىياسەتلىرى» دىن پايدىلىنىپ، «شىنجاڭغا ياردەم قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش» نامىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىن بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىشنى باشلىدى.

2013-يىلى 9-ئايدا شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 4 دۆلەتتە زىيارەتتە بولغىنىدا، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى بەرپا قىلىش پىلانى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ۋۇجۇتقا كەلتۈرمەكچى بولغان «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبىغى بەرپا قىلىش پىلانى» بولسا، چېگرا ھالقىغان رايونلاردىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇ پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن 2010-يىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن، قەشقەر بىلەن قورغاس چېگراسىنى «ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون» قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانى ئىشقا كىرىشتۈرلگەن. 2014-يىلىدىكى «ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا بولسا، «يېڭى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى بەرپا قىلىش» ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدا «بىر پورت، ئىككى رايون ۋە بەش مەركەز» پىلانىنى يولغا قويغان. يەنى «بىر پورت» بولسا «ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى» نى، «ئىككى رايون» بولسا «قەشقەر ۋە قورغاس ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى» نى، «بەش مەركەز» بولسا «قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، سودا مەركىزى، تىبابەت-داۋالاش مەركىزى، مەدەنىيەت-مائارىپ مەركىزى ۋە رايون خاراكتېرلىق داۋالاش مەركىزى» دىن ئىبارەت. بۇ پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇش سەۋەبى «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا ئىشلەپچىقىرىش لېنىيەلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكىگەن، خىتاينىڭ 19 ئۆلكە رايونىنى ئۇيغۇر رايونىدا قۇرۇلغۇسى «بىر پورت، ئىككى رايون ۋە بەش مەركەز» ئارقىلىق ئاتالمىش «يېڭى يىپەك يولى» نىڭ دېڭىز يولى بىلەن قۇرۇقلۇق يولىنى تۇتاشتۇرىدىغان «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى» ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

دەرۋەقە، يىللاردىن بۇيان ئاتالمىش «نامراتلىقنى تۈگىتىش» نامى ئاستىدا ئېلىپ بارغان «شىنجاڭغا ياردەم» ۋە «غەربنى ئېچىش» قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ئەسلى مەقستى راستتىنلا «شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» بولماستىن بەلكى، ئۇيغۇر رايونىنى خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسى بىلەن ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى باغلايدىغان ئىقتىسادىي بەلباغقا ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقى سەۋەبىدىندۇر.

خىتاينىڭ 14-بەش يىللىق پىلانىدا ئۇيغۇر رايونىدا بەرپا قىلىنىۋاتقان «بىر پورت، ئىككى رايون ۋە بەش مەركەز» ئوڭۇشلۇق ھالدا خىتاينىڭ 19 ئۆلكە ۋە شەھىرىنى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن باغلاپ، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز يولى بىر گەۋدىلەشكەن «يېڭى يىپەك يولى» سودا تۈگىنى بەرپا پىلانىنى ئوڭۇشلۇق يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاساسىي ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش قارار قىلىنغان. نۆۋەتتە خىتاينىڭ دېڭىز ئەتراپى رايونلىرىدا بوخەي دېڭىز بوغۇزى، چاڭجياڭ دېلتىسى، شەرقىي-جەنۇب دېڭىز قىرغىقى، جۇجياڭ دېلتىسى ۋە غەربىي-جەنۇب دېڭىز قىرغاقلىرى كۆلەملەشكەن، كەسىپلەشكەن ۋە زامانىۋيلاشقان چېگرا ئېغىزلىرىنى ھاسىل قىلغان. ئۇيغۇر رايونى قاتارلىق چېگرا رايونلاردىمۇ ئاساسەن شەرقىي-شىمالىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيالارغا ئېچىۋېتىلگەن چېگرا ئېغىزلىرى شەكىللىنىپ، خەلقئارا سودىدىكى مۇھىم ھالقىلار شەكىللەنگەن.

دېمەككى، خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا لاگېر تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، «تېرورلۇق ھادىسىسى يۈز بەرمىدى» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئورنى خىتاي ئۈچۈن «غەربكە كېڭىيىشتىكى مۇھىم ھالقا» غا ئايلىنىشى ۋە ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئورنىنى خىتاينىڭ دېڭىز ئەتراپىدىكى ئالدىن ئېچىۋېتىلگەن 19 ئۆلكىسى بىلەن تەڭ دەرىجىدە كۆرۈش ۋە «خىتاي بىلەن غەربنى باغلايدىغان مۇھىم تۈگۈن قىلىش» خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇر زېمىنىدا «بىخەتەرلىك تەھدىتلىرى» نىڭ پۈتۈنلەي يوقالغانلىقىنىڭ ئالامىتى دەپ قاراشقا بولىدۇ. يەنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىدا تۇتقان ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، لاگېر سىياسەتلىرى ئىزچىل داۋام قىلىشى، ئۇيغۇرلار داۋاملىق تۈردە ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنىش، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكىلىش، قۇل ئىشچى قىلىنىش قاتارلىق تۈرلۈك قىسمەتلەرنى داۋاملىق باشتىن كەچۈرۈشى مۇمكىن.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.