خىتاي كۆچمەنلەر يېڭى دولقۇنى ئۇيغۇر دىيارىغا نېمىلەر ئېلىپ كېلىدۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە ئىجرا قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر قايسى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ، خىتاي كۆچمەنلەرنى بىر تىيىنمۇ چىقىم قىلدۇرماي كۆچۈرۈپ كېلىپ يەرلەشتۈرۈۋاتقانلىق مەلۇم. 2020-يىلىدىكى بۇ يېڭى خىتاي كۆچمەنلەر دولقۇنى، ئۇيغۇر ئېلى ۋە يەرلىك خەلققە نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ بۇ مەسىلە ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسىسلەردىمۇ ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. تەپسىلاتىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان پروگراممىسىنىڭ داۋامىدىن ئاڭلاڭ.

بىڭتۇەننى ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستقا قاراپ تېخىمۇ كېڭەيتىش پىلانى، خىتاي ھۆكۈمىتى 2010‏-يىلى شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدا ئالغان «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قارارى» نىڭ بىرى. «بىڭتۇەن» نىڭ جەنۇبقا كېڭىيىشى كۈچەيتىلگەندىن بۇيان نوپۇسى 500 مىڭدىن ئاشىدىغان يېڭى شەھەرلەرنى قۇرۇپ چىقىش بېكىتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننىڭ كونتروللۇقىدا قۇرغان خوتەندىكى «قۇرۇمقاش» شەھىرى، قەشقەردىكى تۇمشۇق شەھىرى، بايىنغولىندىكى باشئەگىم شەھەرلىرىگە شىددەت بىلەن خىتاي نوپۇسىنى يۆتكىمەكتە.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى بويىچە «2020-يىلى كۆچۈرۈش سىياسىتى» نى ئىجرا قىلىشتا، نوپۇس كۆچۈش تەرتىپلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ ھەتتا خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈپ كېلىشتە يول خىراجەت ۋە قاتناش ئاستىلىرىغىچە چىقىم قىلدۇرماي ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى بەزى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى سىنلىق ئۇچۇرلاردىنمۇ مەلۇم بولماقتا.

خىتاي كۆچمەن ئاھالىلىرىدىن بىرى ياڭ، خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىن ئۆزىنى قوشقاندا ئالتە جان بۇلتۇر ئارال شەھىرىگە بىر تىيىن چىقىم قىلماي كۆچۈپ كېلىپ يەرلىشىپ قالغان، ھەقسىز ئۆي ۋە يەر-زېمىنلارغا، يۇقىرى كىرىمگە ئىگە بولغان ۋەكىللىك ئاھالە دېيىشكە بولىدۇ.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، مانا ئەمدى ئۇ ئۆزىنىڭ خاس تاراتقۇ ھېسابىدا ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ كۆچۈرۈش سىياسىتى ۋە بۇنىڭ باسقۇچلىرىنى چۈشەندۈرۈپ تەشۋىق قىلماقتا.

ئۇنىڭ ئىزاھلىشىچە، «شىنجاڭغا كېلىشكە ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزىنىڭ يازما ئىلتىماسى، كىملىكى، نوپۇسى، توي خېتى، ئاتا-ئانا بىلەن بالا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىسپاتى قاتارلىق لازىملىق ماتېرىياللارنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ھەتتا تېلېفون ئارقىلىق ئەۋەتىش ئارقىلىقمۇ ئاسانلا كۆچۈپ كېلىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرەلەيدىكەن. ئۆزى كېلىپ ئاۋارە بولمىسىمۇ يەرلىك تارماقلار نوپۇس يۆتكەش ئىلتىماسىنى 15 كۈن ئىچىدىلا تەستىقلاپ تامغا ئۇرۇپ ياندۇرۇپ ئەۋەتىپ بېرىدىكەن».

ياڭنىڭ ئېيتىشىچە، «ئۇلار تېخى شىنجاڭغا كەلمەي تۇرۇپلا ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىلىنىشكە باشلايدۇ. كۆچۈش ۋە يول چىقىملىرىنىمۇ ھۆكۈمەت كۆتۈرىدۇ. ھەر ئادەمنىڭ يول چىقىمى ئۈچۈن 1200 يۈەندىن پۇل بېرىلىدۇ، يەنە 500 يۈەندىن يەرلىشىش ياردەم سوممىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ».

ئۇ سۆزىگە يەنە «تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن يۇرتىغا بېرىپ-كېلىش سەپەر چىقىمىنىمۇ ھۆكۈمەت كۆتۈرىدۇ. كۆچۈپ كەلگۈچە بىر تىيىنمۇ چىقىم قىلمايدۇ» دېگەنلەرنى قوشۇپ قويدى.

ياڭنىڭ دېيىشىچە ئارالدا پۇل تاپماق خىتايدىكى ئۆلكىلەردىن ئاسان بولۇپ، ئۇ ئايدا 7مىڭ يۈەندىن 9 مىڭ يۈەنگە قەدەر ساپ كىرىم قىلىدىكەن. ئۇنىڭ يەنە ھۆكۈمەت بۆلۈپ بەرگەن 40 مو نەشپۈتلۈك بېغى بار ئىكەن.

ئارالدا قانچىلىك ئۇيغۇر بارلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا ئۇ، جاۋابەن مۇنداق دېدى: «ئارالغا كېلىۋاتقانلار ھەممىسى خىتايلار، بۇ يەردە ئۇيغۇر يوق، ئۇلار خالىسىمۇ كۆچۈپ كېلەلمەيدۇ، چوقۇم خىتاي بولۇشى شەرت» دېدى.

ئۇ بۇ جايدا ئۇيغۇرلار بولمىغىنى ئۈچۈن ئۆزىنى خاتىرجەم ھېس قىلسا كېرەك، ئۇ ئۇلاپلا «ئارال بىخەتەر، ھەر 500 مېتىردا بىر كۆزىتىش پونكىتى بار» دەپ قوشۇپ قويدى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە ھازىر بىخەتەر جەمئىيەت بەرپا قىلىنىپ بولغانمىش. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارال دېگەن شى جىنپىڭ رەئىس ئۆزى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان جاي، ئامانلىقى ياخشى، ساقچىغا تېلېفون قىلساق بىر مىنۇتتا يېتىپ كېلىدۇ».

ئارال شەھىرى ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى قەدىمى ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ بىرى، يەنى تارىم دەرياسىنىڭ باشقا دەريالار بىلەن قوشۇلىدىغان جايى ھېسابلىنىدىغان ئارال دېگەن جايغا 1950-يىللاردىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشى ئارمىيەسىنىڭ 1-دېۋىزىيەسىگە قاراشلىق پولكلار ئورۇنلىشىپ، بىڭتۇەننىڭ باشقۇرۇشىدا بەرپا قىلىنغانىدى. خىتايلار بۇ يەرنى ئالار دېسىمۇ، ئۇيغۇرلار يەنىلا ئارال دەپ ئاتايدۇ. خىتاي ئاھالىسى بۇ يەردە شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، 1949-يىلىدىن ئىلگىرى ھېچقانداق خىتاي ئاھالىسى يوق بۇ جايدا، بەيدۇ تورىدىكى ئۇچۇردا 2016-يىلى 290مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە يەتكەنلىكى، شەھەر نوپۇسىنىڭ 320 مىڭدىن ئاشقانلىقى قەيت قىلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېرىم ئىشلەپچىقىرىش، يېرىم قوراللىق تەشكىلاتى ‏- «بىڭتۇەن» گە مەبلەغ سېلىشنى، خىتاي نوپۇسىنى يۆتكەشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي مۇقىملىقتىكى رولىنى ئاشۇرۇپ بارماقتا.

ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلاردىن دوكتور رايىن سامنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈرۈشنى 1980-يىللاردىن باشلاپ كۈچەيتىپ بارغان، بۇ جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي نوپۇسىنى ئەسلىدىكى 6% تىن ھازىرقى 40نەچچە % كە يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئۇلار ئاساسەن ئۇيغۇر دىيارىنى شىمالىدىكى چوڭ شەھەرلەرگە يەرلەشكەنىدى. يېقىندا بولۇپمۇ چېن چۇەنگو كەلگەندىن بۇيان، خىتاي نوپۇسىنى جەنۇبتىكى بىر ئوبلاست، 3 ۋىلايەتكە قاراپ كېڭىيىشىنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە. تۇمشۇق، ئارالغا ئوخشاش جەنۇبتىكى بۇ يېڭى شەھەرلەرگە كۆچۈپ كېلىش يېقىنقى مەزگىلدە كۆرۈنەرلىك ھالدا شىددەتلىك بولماقتا. بۇلار يېقىندا تىكتوك ۋىدىيولىرىدىمۇ ئېنىق نامايان قىلماقتا.

دوكتور رايىن سامنىڭ قارىشىچە «خىتاي ھۆكۈمىتى 3 مىليوندەك ئۇيغۇر، باشقا مۇسۇلمان مىللەتلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەرلىك ئۇيغۇرلارنى بولسا باشقا يەرلەرگە مەجبۇرىي يۆتكىمەكتە. ئۇيغۇر نوپۇسى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان جەنۇبتىكى بۇ جايلاردا ‹ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى› نى كېڭەيتىپ، خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتمەكتە. ئۇيغۇرلار ھازىرقى ئەلۋەتتە بۇ سىياسەتلىرىگە قارشى چىقالمايدۇ. بۇ سىياسەتلەر ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى ۋە ئەسلى ئالاھىدىلىكلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىشنى مەقسەت قىلغاندەك.»

بىڭتۇەننىڭ جەنۇبتىكى دېۋىزىيە ۋە شەھەرلەر نوپۇسىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلىرىنى كۆزەتكۈچىلەردىمۇ ئوخشاشلا ئەندىشە پەيدا قىلغان.

ئامېرىكا مىئامى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيە ۋە نوپۇس مەسىلىلىرى بويىچە پروفېسسورى ستانلېي تۇپىس، خىتاينىڭ تارىم ۋادىسىغا خىتاي نوپۇسىنى شىددەتلىك ھالدا يۆتكىشىنى، خەتەرلىك ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغان خاتا سىياسەت دەپ تەنقىد قىلدى.

پروفېسسور ستانلىي تۇپىسنىڭ قارىشىچە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن نوپۇس كۆچۈرۈش سىياسىتى شىمالدىكى ئۈرۈمچى، قارىماي دېگەندەك شەھەرلىرىنىڭ سۇ مەنبەسىنى، ئارتۇق نوپۇسنى كۆتۈرەلمەس ھالغا ئېلىپ كەلگەن. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا بولسا بوز يەر ئېچىش، نېفىت قىدىرىش بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بۇلغىنىشى ھەمدە سۇ مەنبەلىرىنىڭ خورىشىدەك تەھدىتلەرنى پەيدا قىلغان. سۇ مەنبەسى چەكلىك بولغان بىر شارائىتتا، خىتاينىڭ بۇ يېڭى نوپۇس كۆچۈرۈش دولقۇنىنى قوزغىشى يەنىمۇ ئېغىر سۇ مەسىلىسىنى پەيدا قىلىدۇ».

پروفېسسور تۇپىسنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئاساسلىق تارىم ۋادىسىغا يەنى تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىگە قاراشلىق بولغان جەنۇبتىكى بۇ جايلار كۆپلەپ نوپۇسنى سىغدۇرالمايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نوپۇس سىياسىتىنى ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلدۇرۇشى تەبىئىي شەرت شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىكەن. بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دېدى: «كۆچمەنلەر ۋاقتىنچە ئەۋزەل سىياسەتلەرگە قىزىقىپ كەلگىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن ھاياتلىق مەنبەسى بولغان سۇغا ئېھتىياجلىق. خىتاي بارلىق يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى ئاچقان تەقدىردىمۇ، چەكلىك سۇ مەنبەسى ئۇزۇن بولغاندا 50 يىلغىچە يېتىشى مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت بۇ يەردە ياشىشى ئۈچۈن سۇغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىمكانسىز».

ھالبۇكى ئېغىر كورونا يۇقۇمى مەسىلىسى داۋاملىشىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئۇيغۇر دىيارىغا باياشات ياشاش ئۈچۈن كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەن ئاھالىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆزلىرىنى ساقلاپ تۇرغىنى، خىتاي كومپارتىيەسى ۋەدە قىلغان ئەۋزەل شارائىتلار بىلەن تەڭ قويۇق بىر سىياسىي مۇھىت ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەر بولسا كېرەك. ئۇلار تارقاتقان بەزى ۋىدىيولارغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەن ھامان، كوللېكتىپ قەسەم بېرىش مۇراسىملىرىغا قاتنىشىپ «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى جان تىكىپ قوغدايمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تۆھپە قوشىمىز» دېگەن قەسەملەر بىلەن، بۇ يېڭى ماكاندىكى ھاياتىنى باشلىماقتا.