خىتاينىڭ «شىنجاڭغا ياردەم» تەشۋىقاتى ۋە ئۇيغۇرلار (1)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.07.11
uyghur-elige-kochmen-paxta-terish.jpg خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىسىدىن تۈركۈملەپ ئۇيغۇر ئېلىغا پاختا تېرىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2013-يىلى 1-سېنتەبىر، شۈچاڭ.
EyePress News

ئۇيغۇر ئېلىغا «ياردەم» نامىدا يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلىرى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر

ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزىلارغا يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە «ئۇيغۇرلارغا نەپ يەتكۈزۈۋاتقان خىتاي شىركەت-كارخانىلىرى» ھەققىدىكى مەدھىيە خەۋەرلىرى كۆپەيدى.

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، 20 يىلدىن بۇيان «شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزىلارغا يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە «ئۇيغۇرلارغا نەپ يەتكۈزۈۋاتقان خىتاي شىركەت-كارخانىلىرى» ھەققىدىكى مەدھىيە خەۋەرلىرى كۆپەيدى. ئۇنداقتا، ئۇيغۇر دىيارىغا تۈركۈم-تۈركۈملەپ يۆتكىلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى نېمە مەقسەتتە يەرلەشتۈرۈلدى؟

ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى بارغانچە كۆپىيىپ، جەنۇبتىكى دېھقان ياشلىرى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكىلىۋاتقان شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ھەر خىل ناملاردا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپەيتىشى قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟

10-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى، تەڭرىتاغ تورى، خەلق گېزىتى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا «مەركەزنىڭ شىنجاڭغا ياردەم خىزمىتىنىڭ 20 يىللىقى» تېمىسى ئاستىدا بىر يۈرۈش ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. بۇ تۈردىكى تەپسىلىي خەۋەرلەردە، نۇقتىلىق ھالدا 12-5 يىللىق پىلان مەزگىلىدە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ياردەم» نامىدا خىتاينىڭ 19 ئۆلكە، شەھىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قىلغان ياردەملىرىنىڭ نەتىجىسى تىلغا ئېلىنىپ، 12-5 يىللىق پىلان مەزگىلىدە «شىنجاڭغا ياردەم قۇرۇلۇشىنىڭ سانى 5161 گە يېتىپ، بۇنىڭغا 58 مىليارد سومدىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغانلىقى، 5 مىليون ئاھالىنىڭ ئولتۇراق ئۆي مەسىلىسى ياخشىلىنىپ، 200 مىڭ كىشىنىڭ مۇقىم ئىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى» قاتارلىقلار تىلغا ئېلىندى.

«شىنجاڭغا ياردەم» تېمىسى ئاستىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەرلەردە يەنە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن 1997-يىلى باشلانغان ئۇيغۇر دىيارىغا ياردەمگە كەلگەن مائارىپ، سەھىيە، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە «تېخنىك خادىملار» نىڭ بىر مىليون 500 مىڭ ئادەم-قېتىمغا يەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەن كادىرلارنىڭ 20 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنلىكى، شۇڭا «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ خاتىرجەم ئىشلەۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىندى.

غۇلجا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىن تېلېفونىمىزنى ئالغان خىتاي كادىر ئۆزىنىڭ 3 يىل ئىلگىرى ئىچكىرىدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتە ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، «سىز شىنجاڭغا ياردەم نامىدا كەلگەن كادىرمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا: «مەن ئىچكىرىدىن كەلدىم. ئوقۇش تۈگەتكەندىن كېيىن، بىۋاسىتە شىنجاڭغا بۆلۈنۈپ، مۇشۇ جايدا ئىشلەۋاتىمەن. ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە شىنجاڭ ئىنتايىن قالايمىقان جاي. ئىچكىرىدىكىلەرنىڭ شىنجاڭغا بولغان چۈشەنچىسى يېتەرلىك ئەمەس، شۇڭا ئۇلار توردىكى بەزى مۇنازىرىلەرگە ئىشىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق تەدبىرلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ھەرقانداق شەھەردىنمۇ مۇكەممەل» دەپ جاۋاب بەردى.

بۇ خىتاي كادىر، ئىلى دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىزنىڭ ئىلىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ناھايىتى ياخشى، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىمۇ مۇقىملىق خىزمىتىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھەر 500 مېتىردا بىردىن ساقچى قاراۋۇلخانىسى بار. پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار ھەممە يەردە بار. بۇنداق ئەھۋالدا نېمىدىن قورقىمىز. مېنىڭچە، بۇ جاي بىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كۆپ مۇقىم!» دېدى.

مەزكۇر خەۋەرلەردە تىلغا ئېلىنغان نەتىجىلەر ۋە خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىن «ياردەم» نامىدا يۆتكەپ كېلىنگەن ئاتالمىش «ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى» ۋە «تېخنىك ئىشچىلار» ھەققىدە يەرلىكتىن ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە، يەرلىك ئۇيغۇرلار ئاتالمىش«ئىختىساسلىقلار، تېخنىك ئىشچىلار، قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلار»قاتارلىق چىرايلىق ناملار بىلەن كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەكتەپلەر، شىركەت-كارخانىلار ۋە ناھىيە، يېزىلاردىكى يۇقىرى مائاشلىق ئىش پۇرسەتلىرىگە ئورۇنلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلى دىيارىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر، ئىلى دىيارىدىكى 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە «پىلىچى خاڭ» كۆمۈر كېنى 2010-يىلى خىتاينىڭ بېيجىڭ «چىڭخۇا كۆمۈر شىركىتى» تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغاندىن بۇيان، غۇلجا ناھىيىسىنىڭ كان رايونىدىكى 10 نەچچە يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ يەرلىرى مەزكۇر شىركەتلەرگە مەجبۇرىي سېتىپ بېرىلگەنلىكى، يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنىڭ ھەر يىلى بېرىلىدىغان ئازغىنا تۆلەم پۇلغا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلىقى، تۈركۈم-تۈركۈم خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ «تېخنىك ئىشچى» نامىدا يۇقىرى تەمىنات بىلەن شىركەتنىڭ كان رايونىغا ۋە ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىگە يۆتكەپ كېلىنىۋاتقانلىقى، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىي مەكتەپ تۈگەتكەن بالىلىرىنىڭ بولسا 1000 سومدىن 1500 سومغىچە مائاش بېرىلىدىغان ۋاقىتلىق ۋە توختاملىق ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلىكىنىڭ رەئىسى، سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم كادىرلىرىنى يۆتكەش» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا تېخىمۇ جىق كۆچمەن يۆتكىشىنى قانۇنلاشتۇرۇش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان سىياسەت.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ مۇقىم» تەشۋىقاتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، يەرلىكتىكى بايلىقلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنىشى، ئىش پۇرسەتلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇقلارنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇشى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىۋاتقان شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم» تەشۋىقاتلىرىدا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى تىلغا ئېلىشىدا، تېخىمۇ جىق خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا جەلپ قىلىش مەقسىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ قارىشىچە،«شىنجاڭغا ياردەم» تەشۋىقاتى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا تېخىمۇ جىق خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ خىتاي ئۆلكە،شەھەرلىرىگە يۆتكەش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇش، ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش سىياسىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان تەشۋىقاتىدىن ئىبارەت.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى بايانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى سىياسىتىدە خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا ھەر خىل ناملاردا يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ سىياسىتىنى «شىنجاڭغا ياردەم»، «ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش» دېگەن چىرايلىق ناملار بىلەن پەردازلاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بايلىق ۋە ئىش پۇرسەتلىرىنى خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىش، ئۇيغۇرلارنى ئىش پۇرسەتلىرى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇش، خىتاي شىركەتلىرى ئارقىلىق يەرلىكنىڭ بايلىق مەنبەلىرىنى ئىگىلىۋېلىش، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنى خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىگە ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ يۆتكەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇش قاتارلىق سىياسىي مەقسەتلەرنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.