ياردەم قۇرۇلۇشىدىكى قاتناش قاتارلىقلارغا سېلىنغان مەبلەغ ئۇيغۇرلارغا نېمە ئېلىپ كېلىدۇ؟
خىتاي تاراتقۇلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان «شىنجاڭغا ياردەم» تەشۋىقاتىدا مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ 20 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىنىڭ قاتناش، سودا، مەدەنىيەت، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ساھەلىرىگە سالغان مەبلەغلىرى نۇقتىلىق خەۋەر قىلىندى. خەۋەرلەردە يەنە، بولۇپمۇ قاتناشقا سېلىنىۋاتقان مەبلەغنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىقتىسادىي تەرەققىيات قۇرۇلۇشىغا ئاساس سېلىپ، يىپەك يولى تۈگۈنىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ ماددىي، مەنىۋى تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى مەدھىيىلەندى. ئۇنداقتا، ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەرەققىيات قۇرۇلۇشى خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرگە نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
خىتاي خەۋەرلىرىدە، 20 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان «شىنجاڭغا ياردەم» قۇرۇلۇشىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا قاتنىشىغا سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا قاتناشنىڭ تورلىشىشى خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان«بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇش پىلانىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقى ۋە يىپەك يولى تۈگۈنىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ ماددىي، مەنىۋى تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىشى، خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ھەمدە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاۋاتقان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا.
خىتاي خەلق تورىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، 15-ئىيۇل كۈنى بېيجىڭ-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلۇپ، قاتناش باشلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى. خەۋەردە ياسىلىپ پۈتكەن بېيجىڭ -ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم» مەبلىغى بىلەن پۈتكەن ئاساسىي قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا بىر تىرىليون سوم مەبلىغى سېلىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
خىتاي خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ترانسپورت نازارىتىنىڭ نازىرى زۇلپىيە ئابدۇقادىرنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ، «13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، شىنجاڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا بىر تىرىليون مەبلەغ سېلىنىپ، 8500 كىلومېتىر كېلىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول ئاساسىي رامكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي مۇساپىسى 152 مىڭ كىلومېتىرلىق تاش يول مۇساپىسى تاماملىنىدىغانلىقى، 2020-يىلىغىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەممە ناھىيىلىرىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول، ھەممە يېزىلاردا ئاسفالت يول، ھەممە كەنتلەردە تاش يول بولۇش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
خىتاينىڭ باشقا ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىمۇ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ 6-قېتىملىق «شىنجاڭغا ياردەم» يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش قۇرۇلۇشىغا سېلىنىدىغان مەبلەغنىڭ يادرولۇق قۇرۇلۇش مەبلىغى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، «كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ 4410 قاتناش قۇرۇلۇشى تۈرىگە 757 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقى، بۇ يىل ئىچىدە 200 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ تاماملىنىدىغانلىقى» تىلغا ئېلىندى.
خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن نيۇيورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شا مىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» پروگراممىسىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قاتناش قۇرۇلۇش تۈرىگە بۇ قەدەر زور مەبلەغ سېلىشىدىكى ھەقىقىي مەقسىتى خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ مەركىزى بولغان ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىم، تىنچ ۋەزىيەت يارىتىش ئېھتىياجىدىن بولغان.
شا مىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ قاتناش ئالاقىسىگە بۇ قەدەر كۆپ مەبلەغ سېلىشى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىم، تىنچ ۋەزىيەت يارىتىش ئېھتىياجىدىن بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى، خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭ تەشەببۇس قىلىۋاتقان ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› تەرەققىيات پىلانى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەقىقىي مۇقىم ۋەزىيەت بەرپا قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئاسىيا ھەتتا ياۋروپا قۇرۇقلۇقىغا كېڭىيىش چۈشىنى رېئاللىققا ئاشۇرۇش پىلانى. ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى 20 يىلدىن بۇيان تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش ‹شىنجاڭغا ياردەم› قۇرۇلۇش پىلانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قاتناش ئەسلىھەلىرىگە سېلىنغان مەبلەغ ئەڭ كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىدى.»
شا مىڭ ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «چۈنكى قاتناش راۋان بولسا، پەقەتلا خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي سودا بازىرىنى ئېچىشىغا، خىتاي شىركەتلىرى ۋە كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كېلىشىگە قۇلايلىق يارىتىلىپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان تەڭسىز سىياسىتىگە نارازىلىقى كۈچلۈك بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىللاردا بارغانچە كۆپىيىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندىستان قاتارلىق قوشنا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان چېگرا-ماجىرالىرىنى ھەل قىلىشتا ئەڭ تېز ۋاقىت ئىچىدە ئەسكەر يۆتكەش قاتارلىقلارنىمۇ ئاسانلاشتۇرىدۇ» دېدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم» قۇرۇلۇش پىلانى ۋە يېقىنقى يىللاردا ھاۋا، قۇرۇقلۇق قاتنىشىدا ئايرودروملارنى كۆپەيتىپ، «تاشيول-تۆمۈريول قاتنىشىنى تورلاشتۇرۇش» ئۈچۈن سېلىنغان مەبلەغنىڭ كۆپىيىشى جىددىي دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بايانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم» قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان قۇرۇلۇش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئىقتىسادىي مەنپەئەت پىلانىدىن باشقا، رايوننىڭ قاتناش لىنىيىلىرىنى تورلاشتۇرۇش پىلانىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ۋە ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرگە كېڭەيمىچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي مەقسىتى يوشۇرۇنغانلىقىنى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00