خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 20-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان «غەربىي رايون پىلانى» بۇ يىلمۇ زور تۈركۈمدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئولتۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولغان. خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ھەرقايسىي ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن 8 مىڭ 600 نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تەقسىم قىلىنغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل «غەربىي رايون پىلانى» بويىچە ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقان خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل ئىكەن.
خىتاي تاراتقۇلىرىدا بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە يەنە «غەربىي رايون پىلانى» بويىچە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان «پىدائىي ئوقۇغۇچىلار» 3 يىللىق خىزمەت توختامى تولغاندىن كېيىنمۇ، شۇ يەردە «مەڭگۈلۈك يىلتىز تارتىش» قا رىغبەتلەندۈرۈلىدىكەن. خەۋەردە ئۇيغۇر رايونىدا «مەڭگۈلۈك يىلتىز تارتقان» بىر قىسىم خىتاي ياشلىرىنىڭ تەسىراتلىرىمۇ بېرىلگەن.
خىتاينىڭ «جىخۇ تورى» دا بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى بىر خەۋەردە، 20 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان «غەربىي رايون پىلانى» بويىچە رايونغا كەلگەن ئاتالمىش «پىدائىي ئوقۇغۇچى» لارنىڭ «شىجاڭنىڭ تەرەقىياتىغا قوشقان تۆھپىلىرى» ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا «شىنجاڭدا مەڭگۈ يىلتىز تارتىپ قېلىش» ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن بىر قىسىم خىتاي ياشلىرى مەدھىيەلەنگەن.
ھالبۇكى، چەت ئەللەردىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ ئاتالمىش «غەربىي رايون پىلانى»، «غەربىي رايوننى ئېچىش» ۋە «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» دېگەندەك ناملاردىكى چاقىرىقلارنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى مەڭگۈلۈك ئىدارە قىلىش سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى، دەپ كۆرسەتمەكتە.
ئامېرىكىدا چىقىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ «غەربىي رايون پىلانى» ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئىزاھات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئېنىقكى، شىجاڭدىكى يەرلىك خەلقلەرنى، يەنى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۆز يۇرتىدا چەتكە قېقىش، ئۇلارنى ئاجىز توپلۇققا چۈشۈرۈپ قويۇش دېگەنلىكتۇر. بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئاسسىمىلىياتسىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ھەتتا ئۇلارنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن بولۇۋاتقان بىر ئۇرۇنۇش، دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.»
خۇ پىڭ ئەپەندى خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە تىلغا ئېلىنىۋاتقان «غەربىي رايون پىلانى» ھەققىدە توختىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «قەغەز يۈزىدىكى ‹ئېچىش پىلانى› دا غەربىي رايوننىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەدەنىيەت-مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دەپ يېزىلغان. ئەمما بۇ پىلاننىڭ باشقا بىر يوشۇرۇن نىشانى بار. يەنى بۇ پىلاننىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شىنجاڭدىكى باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشنى كۆزدە تۇتقانلىقى ئېنىق. خىتاينىڭ بۇ مەقسىتى كۆرۈنۈشتە ئوچۇق ئىپادىلەنمىگەن، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاشكارا بولغان يازما بۇيرۇق ۋە ھۆججەتلىرىدە، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەمەلىيىتە بۇ نۇقتا ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا بىز ‹غەربىي رايون پىلانى› مەسىلىسىدە بۇ نۇقتىلارنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك.»
خۇ پىڭ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «غەربىي رايون پىلانى» نىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا يولغا قويۇلۇش ئەمەلىيىتىدىن، خىتايدىكى مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيەلىك ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈشكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خۇ پىڭ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا يولغا قويۇلغان ئاتالمىش ‹مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى› نى ئېتىراپ قىلغان بولسا ئىدى، ئۇ ھالدا ئۇلار ‹غەربىي رايوننى ئېچىش› پىلانى ۋە خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرىدىن ئاتالمىش ‹ياردەم› ئۈچۈن ئەۋەتىلىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرى مەسىلىسىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە ئۇ يەردىكى يەرلىك خەلقنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغان بولاتتى. ئەنە شۇنداق قىلغاندىلا مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى نەزەرگە ئېلىنغان بولاتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە ئۇنداق دۆتمۇ ئەمەس. مەسىلەن، خوڭكۇڭدا يولغا قويۇلغان ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم› نىڭ ئۆزى، خوڭكۇڭدىكى ئالى ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئىچكى ئۆلكىدىكىلەردىكى پۇقرالارنىڭ خوڭكۇڭغا بېرىپ يەرلىشىش مەسىلىسىدە ئالدى بىلەن خوڭكۇڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش شەرت قىلىنغان. ھالبۇكى، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكۇڭلۇقلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقلرىنى بارغانچە يوقاتماقتا. بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم، ئەسلىدە مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپتونومىيە قانۇنىنى ھېچقاچان ئىجرا قىلىپ باقمىدى.»
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 20 يىلدىن بۇيان يولغا قويۇلۇۋاتقان «غەربىي رايون پىلانى» بويىچە، ئۇ يەردىكى بايلىقلارنى ئېچىۋاتقان ۋە خىزمەت پۇرسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر رايونىغا تۈركۈم-تۈركۈملەپ يەرلەشتۈرۈلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى ئىكەن.
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى، خىتاينىڭ ئاتالمىش «غەربىي رايون پىلانى» ئەمەلىيەتتە رايوندا ئۇيغۇرلارنى سىياسىي جەھەتتىن ھوقۇقسىزلاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي جەھەتتە نامراتلاشتۇرۇش، نوپۇس جەھەتتە ئاز سانلىقلارغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر، دەپ كۆرسەتتى.
ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى يەنە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان يولغا قويۇلغان ئاتالمىش «غەربىي رايون پىلانى» نىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق پالاكەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بۇ سىياسەتتىن قانداق مەنپەئەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.