شەنشىلىك ياۋ نىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا «ياردەمگە كەلگەن» مۇ؟

0:00 / 0:00

2022-يىلى 13-دىكابىر، «بېيجىڭ ياشلىرى گېزىتى» ۋە «شىنلاڭ تورى» قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا، شەنشىلىك ياۋ نىڭ ئىسىملىك بىر خىتاي كادىرنىڭ قەشقەر شەھەرلىك پارتىكوم سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىگە ئائىت بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى. گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ يىلدىن يىلغا كۆپىيىپ ماڭغانلىقى ھەممىگە مەلۇملۇق مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەمەلدارلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە شۇنداق قولايلا كېلىپ، «رەھبەر» بولۇۋېلىشىنىڭ سىرىنى بىلىش ئۇنچە قولاي ئەمەس. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ خىتاي رەھبەرلەرنىڭ قانداق سىياسەت ۋە كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە، ئەسلى يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ، «ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش» يولىغا «ئۆزىنى ئاتىغانلىقى» دۇر. . . .

1985-يىلى تۇغۇلغان ياۋ نىڭ خىتايدىكى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئۈنۋانىغا ئىگە بىر شەخس. ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن قارىغاندىمۇ، ئۇ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدىمۇ «ۋەتەنپەرۋەرلىك» بىلەن تونۇلغان. 2014-يىلى «شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى رەھبەر» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي دىيارىدىكى قەشقەرگە كەلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ خىزمەت قىلىشىنى، «ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى قوغداش ئۈچۈن» دەپ شەرھىيلىگەن. 2018-يىلى دىكابىردا ياۋ نىڭ قەشقەر شەھىرى مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ پارتىكوم سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا راستتىنلا «ياردەم» قىلدىمۇ؟ نېمىلەرنى قىلدى؟ بىز بۇلارغا قاراپ باقايلى:

خىتاي ھۆكۈمىتى 1996-يىلى ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم پىلانى» نى يولغا قويغاندا، ئالدى بىلەن «رەھبەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى» دېگەن تۈرنى باشلىغانىدى. بۇ تۈردە خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ دۆلەت مەمۇرلىرى ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇش شەرت قىلىنغان. يەنى، خىتاي ئۆلكىلىرىن كەلگەنلەرگە «ۋەزىپە بېرىلىشى، ھوقۇق بېرىلىشى ۋە مەسئۇلىيەت بېرىلىشى» دىن ئىبارەت ئۈچ شەرتنىڭ تولۇق ھازىرلىنىشى بۇ خىتاي مەمۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا «ياردەمگە كېلىش» نىڭ ئاساسىي قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەت تاكى بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق مەمۇرىيەت قاتلاملىرىنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى.... ھەممە ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقى مانا مۇشۇنداق «ياردەمچى ئەمەلدار» لارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان. ياۋ نىڭ بولسا دەل بۇ خىل سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە مەنسەپدارلىق پۇرسىتىگە ئېرىشكەن خىتاي ياشلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

مارالبېشىدىكى خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ كىيىم تىكىش زاۋۇتلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى.
مارالبېشىدىكى خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ كىيىم تىكىش زاۋۇتلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى. (XINHUA)

بۇنداق ئەمەلدارلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق خىزمەتلىرى خىتاي مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، تەمىنات جەھەتتە بۇ ئەمەلدارلار ئۆزى كەلگەن يۇرتلىرىدىكى خىزمەت ئورۇنلىرى ۋە مائاش تەمىناتلىرىنى ئەينەن ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىزمەت ئورنىدىمۇ يەنە بىر كىشىلىك مائاش ۋە باشقا تەمىناتلاردىن بەھرىمەن بولۇشتەك قوش تەمىنات بىلەن كاپالەتلەندۈرۈلگەن.

دېمەك ياۋ نىڭمۇ مانا مۇشۇنداق قوش تامىنات ئېلىش ۋە بىرىنچى قول باشلىق بولۇشتەك ئالاھىدە ئىمتىيازلار ئاستىدا مارالبېشىدا ئۆز خىزمەتلىرىنى باشلاپ كەتكەن. ئۇنىڭ تاكى يېقىندا قەشقەر شەھەرلىك پارتىكومنىڭ سېكرىتارلىقىغا تەيىنلىنىشىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى «خىزمەتلىرى» گە قارايدىغان بولساق، مۇنداق بىر قانچە مۇھىم نوقتىلارنى بايقايمىز.

ئۇ خىزمەتكە چۈشۈپلا ئالدى بىلەن مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئىگىلىگەن. ئارقىدىنلا «رەھبەرلىك قاتلىمىنى تۈزەش خىزمىتى» نى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىگە «توسالغۇ بولىدىغانلار» نى تازىلىغان.

«خەتەرلىك ئۆيلەرنى چېقىش، كۆچۈرۈش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىرىنى چېقىش، تۈزلەش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن باغلانغان مەھەللە كويلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، ئاتالمىش ئارىلاش ئولتۇراق ئۆيلەر ياكى چەت-ياقا رايونلارغا كۆچۈرۈش بولسا ياۋ نىڭ مارالبېشىدا قىلغان يەنە بىر «خىزمەت» تۇر. ئۇنىڭ بۇ خىزمىتى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مەھەللىلىرى يوقىتىلغان، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بۇزۇلغان، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەر-زىمىنلىرى مەجبۇرىي چېقىلغان، تارتىۋېلىنغان....

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى چىقارغان ئەمگەك كۈچى يۆتكەش توغرىسىدىكى ھۆججىتى.
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى چىقارغان ئەمگەك كۈچى يۆتكەش توغرىسىدىكى ھۆججىتى. (XINHUA)

«ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» بولسا، ياۋ نىڭنىڭ مارالبېشىدا قىلغان «چوڭ خىزمەت» لىرىدىن يەنە بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ خىزمىتىنىڭ تۈرتكىسىدە 80-، 90- ۋە 2000-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرى «ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرى» قىلىنىپ، خىتاي ئۆلكىرىلىرىگە كوللىكتىپ يۆتكەلگەن. نۇرغۇن ئائىلىلەر ۋەيران بولغان، ئەر-خوتۇنلار ئايرىلغان، بالىلار ۋە ياشانغانلار ساناتورىيە ۋە ياتاقلىق مەكتەپلەرگە، مال-چارۋىلار ۋە زىمىنلار كوللىكتىپ ئىگىلىكتىكى كوپېراتىپلارغا ئۆتكۈزىۋېتىلگەن. سىرتقا چىقىپ ئىشلىيەلمەيدىغانلارغا بولسا ئائىلىسىگە «مىكرو كارىخانا»، «كىچىك زاۋۇت»، «ئۆيىدىن چىقسىلا خىزمەتكە بارىدىغان قولايلىق شارائىت» لارنى ھازىرلاپ، ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ پۈتكۈل بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە تېزگىنلەش مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغان.

خىتاينىڭ سوخۇ تورىنىڭ 2017-يىلى 10-ئىيۇلدا ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، 1996-يىلى «شىنجاڭغا ياردەم پىلانى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى 19 ئۆلكە-شەھەرنىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرى، مەركەز كارىخانىلىرى قاتارلىق جايلاردىن 20 مىڭغا يېقىن «ئەمەلدار ۋە تېخنىك خادىملار» ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ «ۋەزىپە ئالغان». دېمەك، شەنشىلىك ياۋ نىڭغا ئوخشاش خىتايلاردىن 20 مىڭ كىشى 1996-يىلىدىن تارتىپ 2017-يىلىغىچە بولغان يىگىرمە يىلدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورۇنلىرىغا ئاساسەن بىرىنجى قول رەھبەرلىك ئورنىغا قويۇلغان. يەنى تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، يىلىغا 1000 خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى مەمۇرىي ھوقۇقنى تارتىۋالغان دەپ قاراش ھەرگىزمۇ ئارتۇقچە ئەمەس.

شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يۇقىرىدىن-تۆۋەنگىچە بولغان ھوقۇق قاتلىمى پۈتۈنلەي دېڭىز ياقىسىدىن كەلگەن خىتايلارنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنى تېزگىنلەش تېخىمۇ قولايلاشقان. مەيلى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىتاي كارىخانىچىلارنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەش، ياكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىرلىرىگە، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كارىخانىلىرىغا قۇل ئىشچى قىلىپ ئۆتكۈزۈش، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەر-زىمىنلىرىنى تارتىۋېلىشتىن تارتىپ، كوممۇنا تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقىچە بولغان بارلىق چوڭ-كىچىك ھالقىلارنى ياۋنىڭدەك سادىق خىتاي ئەمەلدارلار باش بولۇپ تاماملىغان. كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنىچلىق جىنايىتىدە ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» گە كەلگەنلەرنىڭ باش تارتىپ بولماس جىنايىتى مەسئۇلىيىتى بار!

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.