ئۇيغۇرلار قىشلىق ئولىمپىكنىڭ بېيجىڭدا ئەمەس، ئالماتادا ئۆتكۈزۈلۈشىنى قوللايدۇ

0:00 / 0:00


ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئەڭ شەرقىدىكى قۇمۇل شەھرى بېيجىڭغا 3000 كىلومېتىر كېلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭ غەربىدىكى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئالما - ئاتا بىلەن بولغان مۇساپىسى بولسا پەقەت 280 كىلومېتىر، ئاپتوبۇستا بىر قانچە سائەتلىكلا يول. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالما - ئاتا ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ زىچ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر.

ھالبۇكى، ئالماتا ھازىر بېيجىڭنىڭ 2022 - يىلدىكى خەلقئارا قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تالىشىش كۈرىشىدىكى ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇ يىل 7 - ئايدا مالايشىيا پايتەختى كۇئالا لۇمپۇردا 2022 - يىلدىكى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى كىمگە بېرىشنى قارار قىلىدۇ.

لېكىن ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2008 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، بۇ قېتىم قىشلىق ئولىمپىكىنى خىتايغا بەرمەسلىكى كېرەك.

بىراق نوپۇس ۋە جۇغراپىيەلىك ئامىل ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ 2022 - يىلدىكى قىشلىق ئولىمپىكنى بېيجىڭغا بېرىشكە قارشى چىقىشىدىكى بىر - دىن بىر سەۋەب ئەمەس.

قازاقىستاندا ئولتۇرۇشلۇق جامائەت ئەربابى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ يەردىكى مەسىلە مۇساپىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىق مەسىلىسىلا ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، سىياسىي ئەركىنلىكىنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى يەنە بېيجىڭغا بېرىش، ئولىمپىكنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە دوستلۇق پرىنسىپىغا خىلاپ.

قەھرىمان غوجامبەردى: ئەلۋەتتە، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشىنى بىز خالىمايمىز. خىتاي ئىنسان ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دىكتاتور دۆلەت. تەنتەربىيە ھەرىكىتى بولسا تىنچلىق باراۋەرلىك، تەڭلىكنى بايراق قىلىدىغان ھەرىكەت. ئەلۋەتتە، ئالماتا بىلەن بېيجىڭنى سېلىشتۇرساق ئالماتا ئىنسان ھوقۇقىدا بىر دەرىجە يۇقىرى. بۇ يەردە مەسىلەن، ھەممە مىللەت تەڭ باراۋەر. ھەممىسى ئۆز كىملىكى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن ياشايدۇ. ئۇيغۇر مائارىپ سىستېمىسى بار، ئۇيغۇر تىياتىرى ۋەھاكازالار. بىز تەڭ، باراۋەر تۇرىمىز. ئەمما بۇ دېموكراتىيە دېگەن بىر جەريان. قازاقىستان دېموكراتىيىگە ماڭىدىغان كۆپلىگەن قانۇن - قائىدىلەرنى قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي قانۇنى خەلقئارا پرىنسىپ ۋە ئۆلچەملەرگە يېقىنلاشتۇرۇلغان. شۇڭا، ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئالما - ئاتنى تاللىغىنى توغرا. لېكىن خىتايدا بولسا ھەممە ئېتىراپ قىلغان دىكتاتور دۆلەت.

قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ كۆرسىتىشىچە، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئالما - ئاتاغا شەھىرىگە بېرىلسە، قازاقىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈپ، قازاقىستان ۋە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارغا ئىلھام بېرىدۇ. بۇ يەنە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تەنتەربىيە قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

قەھرىمان غوجامبەردى: قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئالماتادا بولغىنىنى قوللايدۇ. چۈنكى، بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھازىرقى تۈركىي تىللىق دۆلەتلەردە تۇنجى قېتىم بولىدۇ. تۇنجى بولغاچقا پەخىرلىنىدۇ. بىز بۇ قازاق قېرىنداشلارنىڭ مۇستەقىللىقىغا يار - يۆلەك بولۇپ قوللاپ كېلىۋاتىمىز. ئىككىنچىدىن بۇ يەنە، بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تەنتەربىيىگە بولغان ئىشتىياقىنى كۈچەيتىدۇ. ياشلارنى بۇنىڭغا جەلپ قىلىشى مۇمكىن. ئۆز ئىچىمىزدىن ياشلارنىڭ ئۆسۈپ چىقىشىغا پايدىلىق، دەپ قارايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قازاقىستان ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئىچىدە رەھبەرلىك ئورنىنى ئىگىلەۋاتىدۇ. ئولىمپىك ئۇنىڭ ئابرۇيىنى تېخىمۇ ئۆستۈرىدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ.

\

بۇ ئايدا ساھىبخانىلىققا نامزات شەھەرلەرنىڭ ئولىمپىك تەييارلىقىنى تەكشۈرۈش نۆۋىتى بېيجىڭغا كەلدى. ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 19 كىشىلىك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ شەھىرىدىكى مۇز توپ، مۇز تېيىلىش مەيدانلىرىنى، چاڭغا مەيدانى، بېيجىڭنىڭ قىشلىق ھاۋاسى ۋە باشقا قىشلىق تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 2 - ئايدا ئالماتانىڭ قىشلىق تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى، ھاۋاسى، قىشلىق مۇھىتى ۋە باشقا جەھەتتىكى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭغا بەزى تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرگەن. نۆۋەتتە، ئالماتا تەبىئىي قار يېغىن ئەھۋالى، قىشلىق تەنتەربىيىدىكى يوشۇرۇن كۈچى، ھاۋاسى، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ۋەدىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇ كۈچلۈك رىقابەتچى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالى بېيجىڭنىڭ بىر قانچە قەدەم ئالدىدا.

لېكىن بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بېيجىڭ شەھرى 7 يىل ئاۋۋال يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلغان. ئۇ بۇ ساھەدە تەجرىبىلىكلا ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك تەنتەربىيە ئاساسى ئەسلىھەسىگە ۋە زور تاماشىبىنلار قوشۇنىغا ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قىشلىق ئولىمپىكنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈش بىر مىليارد 300 مىليون خىتاي خەلقىنىڭ قىشلىق تەنتەربىيە قىزغىنلىقىنى قوزغاشتىكى مۇھىم پۇرسەتكەن.

بىراق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ يەردىكى مەسىلە پەقەتلا كۈچلۈك تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ بارلىقى، مەبلەغ سېلىش ۋە تەشكىللەش كۈچى، زور تاماشىبىنلار قوشۇنى مەسىلىسىلا ئەمەس. كىشىلىك ھوقۇق ئولىمپىكنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى يېقىندا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي 2008 - يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە نۇرغۇن ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ يېقىنقى 7 يىلدىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ئاممىۋى گۇرۇھلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى دوكتور سوفىي رىچاردسوننىڭ كۆرسىتىشىچە، «بۇ ئەھۋالدا خىتاينىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى چىقارغان يېڭى ئۆلچەمگە ئەمەل قىلىشى ئىنتايىن مۈشكۈل». ئۇ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۆتكەن پەيشەنبە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىش - قىلماسلىقتا جىددىي سىناققا دۇچ كەلدى» دېگەن ئىدى.

قەھرىمان غوجامبەردى، خىتاينىڭ ۋەدە بەرسىمۇ، بىراق ئولىمپىك ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلمايدىغانلىقىدا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بىلەن پىكىرداش.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ خىتاي خەلقئارا تەشكىلاتلارغا «ماقۇل»، دەپ ۋەدە بەرگىنى بىلەن، بىراق خىتاي كومپارتىيەسى ھېچقاچان ئۇ يولغا ماڭمايدۇ. ئۇنىڭغا ئىشەنگىنىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، ھازىرقى شى جىنپىڭ باشلىق كومپارتىيە سىياسىي بيۇروسى ئاساسى قانۇنىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، خەلقئارا پرىنسىپ ۋە ئۆلچەملەرنى ئۇنىڭغا كىرگۈزۈشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، بۇ ئۇيغۇر تىبەت، موڭغۇل ئاپتونوم رايونلىرىنى باشتىن ئاخىر ئىسلاھ قىلىپ، ب د ت نىڭ تۈپ ئاساسىي ئەھدىنامىسىدىكى ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرىنى شۇ زېمىندا ئۆزلىرى ھەل قىلىشنى يولغا قويۇشى كېرەك. بىراق بۇنىڭغا خىتاي ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يېقىن ئارىدا ھەرگىز ماڭمايدۇ.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 2008 - يىلدىكى يازلىق ئولىمپىكنى بېيجىڭغا، 2014 - يىلدىكى قىشلىق ئولىمپىكنى رۇسىيەنىڭ سۇچى شەھىرىگە بېرىشى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2014 - يىلى دېكابىردا ئۇ، «2020 - يىللىق ئولىمپىك پىلانى» ئېلان قىلىپ، ساھىبخان دۆلەتلەرگە ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق، ئەمگەك ۋە مۇھىتنى قوغداش، كەمسىتىشكە قارشى توختامنامە ئىمزالاشنى شەرت قىلىپ قويغان ئىدى.