بۈگۈن، يەنى 8-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «تەڭرىتاغ» ۋە «خەلق تورى» قاتارلىقلار خەۋەر بېرىپ، 2023-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمنىڭ 28 مىڭ 947 يۈەنگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېزا-بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 40 مىڭ 578 يۈەنگە، يېزا-كەنتلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى بولسا 17 مىڭ 948 يۈەنگە يەتكەنلىكى يېزىلغان.
مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى دېھقانلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاساسلىقى يېزىلاردا ئولتۇراقلاشقان. 1983-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا « مىليون كىشىنى ئاچارچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلار نوپۇسى كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان جەنۇبتىكى قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ قاتارلىق رايونلارنى دۆلەتلىك نامرات رايونلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئىزچىل يامانلىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغا كەلگەندە بىڭتۈەن كونتروللۇقىدىكى رايونلار بىلەن ئۇيغۇر ئاھالىسىنى ئاساس قىلىدىغان جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىدا ئاسمان-زېمىن پەرق شەكىللەنگەن. «تەڭرىتاغ تورى» دا 2022-يىلى ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا 2014-يىلى 26 نامرات ناھىيە بولۇپ، نامراتلارنىڭ سانى 2 مىليون 677 مىڭ دېيىلگەن. شۇنداقلا بۇ نامراتلار پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىدىكى نامراتلار نىسبىتىنىڭ تەخمىنەن 80 پىرسەنتكە يېقىن سانىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەڭ نامرات خەلق دەل بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار بولۇپ قالغان. مانا ھازىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «نامراتلىقنى يوقىتىش سىياسىتى» ئېلىپ بېرىۋاتقىنىغا 40 يىل بولدى. ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلار بۈگۈن نامراتلىقتىن قۇتۇلدىمۇ؟ بىڭتۈەن بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرق قانچىلىك كىچىكلىدى؟
2020-يىلى خىتاي پۈتكۈل دۇنياغا «نامراتلىقنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يەتتۇق! » دەپ جاكارلىغانىدى. بۇ ۋاقىتتا خىتاي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمىنى 14 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا دەپ ئېلان قىلغانىدى. بۇ ۋاقىتتا بىڭتۈەننىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى بولسا 34 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك بولغان.
ئۇنداقتا، 2023-يىلى خىتاي ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلاردا قانداق ئۆزگىرىش بولدى؟
خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە شىنجاڭدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 28 مىڭ يۈەندىن كۆپ بولدى دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ ئەھۋالىدا كۆپ ئىلگىرىلەش بولغىنى يوق! بىز بۇ ھەقتىكى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتقا نەزەر سالىدىغان بولساق، بىڭتۈەن ئاھالىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلقى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 46 مىڭ 485 يۈەنگە يەتكەن، ئەكسىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ بولسا ئارانلا 17 مىڭ 948 يۈەن بولغانلىقىنى كۆرىمىز. تېخىمۇ ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، مەزكۇر ساننىڭ توغرا بولماسلىق ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى بولۇپ، بەلكى ئەسلى سان 17 مىڭ يۈەندىنمۇ تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق دېيىشىمىزدە تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەر بار. يەنى، خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردىلا 2023-يىلى ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئۇيغۇر رايونى ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمىگە ئالاقىدار ئىستاتىستىكىسىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر ئىستاتىستىكىدىن قارىغاندا، 2023-يىلى يانۋاردىن ئۆكتەبىرگىچە بولغان ئۈچ پەسىلدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 5673 يۈەن بولغان. بۇ ۋەجىدىن، بۇ ساننىڭ شۇ يىلنىڭ ئاخىرىقى پەسلىدىكى ئۈچ ئايدىلا شىددەت بىلەن ئېشىپ، 17 مىڭ يۈەنگە يېتىشى ئەقىلگە سىغمايدۇ.

شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي بۈگۈن ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇپ، باياشات ۋە بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردۇق دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدا ئۆتكەن 40 يىلدا ھېچقانچە ئۆزگىرىش بولمىغان. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى شۇكى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىقىغا كۆرە، بۇ زېمىنغا كۆچمەن بولغان بىڭتۈەندىكى خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ بېيىپ كېتىشىدۇر. شۇنداقلا 40 يىلدىن بۇيان بىڭتۈەندىكىلەرنىڭ ئىزچىل باي ۋە باياشاتلىقتا ئۆتۈۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا ئىزچىل نامراتلىق قالپىقىدىن باش كۆتۈرەلمەسلىكى، ھەتتا بۇ نامراتلىقنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىلىشىغا سەۋەب قىلىنىشىدۇر!
*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.