ئۇيغۇرلار مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن «شەخسىيەتچى» لىككە موھتاج

ئامىستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.10.18
lager-yepiq-terbiyelesh-sim-tusuq.jpg لوپ ناھىيەسىدىكى 4-يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى تۇتقۇنلار سىياسىي ئۆگىنىشتە. 2017-يىلى مارت، خوتەن.
bitterwinter.org

قۇتۇپلاشقان ۋە رىقابەتكە تولغان بۈگۈنكى دۇنيادا ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىمۇ، قۇتۇپلاردىكى كۈچ ۋە مەنپەئەت بىلەن چەمبەرچاس باغلاندى. بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇرلارمۇ خەلقئارادا قوللاش ۋە چەتكە قېقىشتىن ئىبارەت پەرقلىق مۇئامىلىگە دۇچ كەلدى. ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بىر خەلق بولۇش نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلار دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى باياناتنامىسىگە ئىمزا قويغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلار پەقەت ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك تۈزۈلمىسىدىكى دۆلەتلەر بولۇپ، ئەكسىچە ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلدى. گەرچە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بۇ مەسىلىسىنى، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ تۈزۈلمىسىدىكى مەسىلە دەپ قاراپ، توغرا چۈشىنىشكە تىرىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ خەلقئارا قانۇنلار بويىچە ھەل قىلىنىشىغا توسقۇن بولۇشى ئۇيغۇرلارنى بۇ مەسىلە ھەققىدە جىددىي ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى.

16-ئۆكتەبىر ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، 14-ئۆكتەبىردە «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» مۇخبىرىنىڭ پەلەستىن مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتى فاتاخنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر رەھبىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتى تېما قىلىنغان. «فاتاخ رەھبىرى شىنجاڭنىڭ رېئاللىقى، غەربنىڭ خىتاينى قارىلىشىنىڭ خاتا بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، دېدى» ماۋزۇلۇق بۇ ماقالىدە، پەلەستىن فاتاخ ئىنقىلابى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى باسسام زاكارنېھ (Bassam Zakarneh) نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

باسسام زاكارنېھ (Bassam Zakarneh) ئۇيغۇر ئېلىدە كۆرگەنلىرى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىناقلىق ۋە ئۆز ئارا ھۆرمەت ئىنتايىن مۇكەممەل ئىكەن. غەرب دۆلەتلىرى بارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بىز ھەر قېتىم بۇ يەرگە كەلگىنىمىزدە، خىتاينىڭ ھەممە ساھەلەردە زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قانداق دىننى تولۇق قوللايدىكەن ۋە ياردەم قىلىدىكەن. خىتاي ئۆز خەلقىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ تېررورلۇققا زەربە بېرىۋېتىپتۇ…» ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى قوللاش ۋە ماختاش، باسسام زاكارنېھ ياكى پەلەستىن رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىشى ئەمەس ئەلۋەتتە. باسسام زاكارنېھ بۇ يىل 3-ئايدا سۈرىيە، مىسىر، لىۋان، ئىراق، ئەرمەنىيە، ئىيوردانىيە ۋە تۇنىس قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرىنى ئېلىپ خىتايغا زىيارەتكە كەلگەندىمۇ، ئوخشاشلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە پەلەستىن رەھبىرى مەھمۇد ئابباس بېيجىڭغا زىيارەتكە كەلگەندىمۇ، شى جىنپىڭغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئۆزىنىڭ خىتاينى «تېررورچى، بۆلگۈنچى ۋە ئاشقۇنلاردىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچلەر بىلەن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. ئۆتكەن يىلى مارت ئېيىنىڭ بېشىدا، خىتاي يەنە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇ زەبىدە ئۆتكۈزگەن يىغىنىغا 10 نەچچە خىتاي دىپلوماتىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئۆزىگە قارشى بايانات ئېلان قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە 57 دۆلەتتىن تەركىب تاپقان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىككى كۈنلۈك يىغىنىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشنىڭ ئورنىغا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى «مۇسۇلمان پۇقرالىرىغا ياخشى قاراۋاتىدۇ» دەپ مەدھىيەلىدى.

ئەسلەپ باقىدىغان بولساق، 2022-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېت ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغان ئاخىرقى مىنۇتلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ب د ت دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكى بىلەن تەنقىدلىگەنىدى. ئەمما ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمانلار ئەينى چاغدا مەزكۇر دوكلاتقا كوللېكتىپ سۈكۈت قىلدى. دوكلات ئېلان قىلىنىپ بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن بولسا، پاكىستان باشچىلىقىدىكى 70 دۆلەت ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى. 2022-يىلى 6-ئۆكتەبىر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كېلەر قېتىملىق يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى مۇنازىرە قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپى رەت قىلىندى. چۈنكى مەزكۇر تەكلىپ ھەققىدىكى بېلەت تاشلاشقا ئافرىقىدىكى ئىككى دۆلەت ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كېچىپ، بىرلا دۆلەت يەنى سومالى دۆلىتى قوللاش ئاۋازى بەرگەندىن باشقا، قالغان دۆلەتلەر بۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ، خىتاينى قوللىغانىدى. ھەيران قالارلىقى، بۇ دۆلەتلەر ب د ت دا ھەر ۋاقىت دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئۇچرىغان تەڭسىزلىكلەر ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىپ كەلگەنىدى.

نۆۋەتتە خىتاينى جان جەھلى بىلەن قوللاۋاتقان ئاشۇ مۇسۇلمان ئەللەر، تارىختا خۇددى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا باشقىلارنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئازابلىق تارىخلارنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇلار ئەسلىدە مۇستەملىكىگە چۈشۈپ قالغان بىر مىللەتنىڭ قانداق قىسمەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلگەندىكىن، ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنەلىشى كېرەك ئەمەسمىدى؟ ھەتتا مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلماستىن، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقان خىتاينى قوللىشى كۈلكىلىك ئەمەسمۇ؟ ھەقىقەتنىڭ ھەر كىم ئۈچۈن ئاچچىق ۋە قوبۇل قىلغۇسىز ئىكەنلىكى ئېنىق. يەنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك مىللەتداشلىرى ۋە مۇسۇلمان دىنداشلىرىنىڭ قوللىشى ھەم ياردىمىگە ئېرىشەلمەسلىكى ھەقىقەتەن قوبۇل قىلغۇسىز بىر ھەقىقەت. مەيلى ئۇيغۇرلار رېئاللىقنى قوبۇل قىلالىسۇن ياكى قىلالمىسۇن، ئالدى بىلەن بۇ رېئاللىقنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرۈشى تولىمۇ زۆرۈر.

خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا شەرق مۇسۇلمان دۇنياسىدا ئويناۋاتقان رولىدىن قارىغاندا، خىتاي ئۆزىنى پەلەستىننىڭ، ھەتتا پۈتكۈل ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك دوستى سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقى ئېنىق. بۇنى بىز خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى سىياسىي تەسىرىنى كۈچەيتىشكە باشلىغانلىقىدىن، خاماس بىلەن فاتاخنى، ئىران بىلەن سەئۇدىينى ياراشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشلىرىدىن كۆرۈپ يېتەلەيمىز. ئوتتۇرا شەرق ياكى مۇسۇلمان ئەللىرىمۇ خىتاينىڭ بۇ «دوستانىلىقى» غا خىتاينى خەلقئارادا يالغۇز قويماسلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ كەلدى. ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىنىڭ خىتايغا تۇتقان بۇ مۇئامىلىسىنى چۈشىنىشكە توغرا كەلسە، ئۇنى پەقەت مەنپەئەت مۇناسىۋىتىگە باغلاش ئەڭ مۇۋاپىق. چۈنكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى خەلقئاراغا ئاشكارىلانغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدە داۋام قىلىۋاتقان لاگېر تۈزۈمى ۋە باشقا زۇلۇملار ھەققىدە شۇنچە كۆپ يېتەرلىك مەلۇماتلار توپلانغان تۇرۇقلۇق مەيلى ئەرەب، ئوتتۇرا ئاسىيا ياكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ھېچبىرىدە خىتاينى ھەقىقىي تۈردە ئەيىبلەيدىغان بىر پوزىتسىيە ياكى بايانات ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق. بۇ نۇقتىدىن، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى قوللىشىدىكى سەۋەبنىڭ مەنپەئەت بولغانلىقىنى كېسىپ ئېيتالايمىز. بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىنىڭ خىتاينى قوللىشى نەتىجىسىدە، ب د ت ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا ئامالسىز قېلىۋاتىدۇ. بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا قانۇنلار ئارقىلىق ھەل قىلىنىش يوللىرى توسۇلدى.

ئەمەلىيەتتە، بەزى دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول› پىلانىغا ئاۋاز قوشۇپ، قەرزىگە بوغۇلۇپ قالغانلىقىمۇ، ئۇلارنىڭ خىتاينى قوللاشقا مەجبۇرلىنىشىدىكى ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا خىتاينى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىغا تاقابىل تۇرالايدىغان بىردىنبىر كۈچ دەپ قاراش ئاساسەن ئومۇملاشقانلىقى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر. يەنى، ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىغا بولغان ئورتاق ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىك تۇيغۇسى، ئوتتۇرا شەرق مۇسۇلمانلىرى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى «دوستلۇق» نىڭ چوڭقۇرلۇقىغا سەۋەب بولغان دېيىشكە بولىدۇ.

دەرۋەقە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى دىنىي ۋە مىللىي قېرىنداشلىقنىڭ ئۈستىگە قويغىنىدەك رېئالىزملىق پوزىتسىيەسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى قاتتىق بىر سىلكىۋېتىشىگە سەۋەب بولدى. دېمەك، مەنپەئەتكە توغرا كەلگەندە، ھەتتا ئۆز قان-قېرىنداشلىرىدىنمۇ ۋاز كېچىش، ھەتتا قورالنىڭ ئۇچىنى ئۆز قېرىنداشلىرىغا قارىتىش، مەنپەئەتنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دەلىلىدۇر. ئەكسىچە بولغاندا، ئىران بىلەن ئىراق، خاماس بىلەن فاتاخ ئارىسىدا يىللارچە داۋام قىلغان قانلىق جەڭلەر ئەسلا يۈز بەرمىگەن بولاتتى. ئۆزىنىڭ مىللىي قېرىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىدىن بولغان قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق قېرىنداشلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان خىتاي بىلەن دوست بولۇشمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتنى، مىللىي ۋە دىنىي قېرىنداشلىقنىڭ ئۈستىگە قويغانلىقىدىن ئەمەسمۇ؟

ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن بۇ رېئاللىق كىشىلەرگە «ھەر كىم ئۆزىنى ئويلىمىسا يەر يۇتىدۇ» دەيدىغان بىر سۆزنى ئەسلىتىدۇ. گەرچە بۇ سۆز كىشىلەرنىڭ ئۆز شەخسىيەتچىلىكىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن سەۋەب كۆرسەتكەندەك تەسىر بەرسىمۇ، لېكىن مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىغا چۈشۈپ قالغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆز مەنپەئەتىنى ھەممىنىڭ ئۈستىگە قويۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئامان قېلىشتىكى بىردىنبىر يولغا ئايلانغانلىقى ئېنىق. يەنى، ئۇيغۇرلار ئۆز قېرىنداشلىرى ۋە دىنداشلىرى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن بۈگۈنكىدەك بىر كۈندە، ئۆزىنى ئويلايدىغان شەخسىيەتچىگە ئايلىنىش، يوقىلىپ كەتمەسلىكنىڭ بىردىنبىر شەرتى بولۇشى مۇمكىن.

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.