ئۇيغۇرلار مۇھاجىرەتتە ئۆزىنى ساقلاپ قالالامدۇ (2)
2017.12.28

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلار بىلەن «ئۇيغۇرلار مۇھاجىرەتتە ئۆزىنى ساقلاپ قالالامدۇ» دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلەر ۋە زىيارەتلەر جەريانىدا كۆپلىگەن قىممەتلىك پىكىرلەر ۋە ئۈلگىلىك كىشىلەردىن خەۋەردار بولدۇق. بۇ جەرياندا مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتا تۈرلۈك ئىمكانلارغا ئىگە ئىكەنلىكى، چەتئەللەردە تۇغۇلۇپمۇ شەخس سۈپىتىدە ئۇيغۇر بولۇپ ياشاش، ئۇتۇق قازىنىشتىن باشقا يەنە ئۇيغۇرغا خىزمەت قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكى تىرىك دەلىللەر بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى.
زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلاردىكى ئائىلىنى مۇقەددەس بىلىش قارىشى، مەشرەپ ۋە ناخشا-ئۇسسۇل مەدەنىيىتى شۇنداقلا كۈچلۈك جامائەتچىلىك ئېڭى چەتئەللەردە مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قېلىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىكەن. يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ ئۇيغۇرلۇقنى ساقلاپ قېلىشتىكى ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى، بۇنىڭغا ئۆز ئائىلىسىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ قىزى گۈلدىيار تەڭرىتاغلى تۈركىيەدە چوڭ بولغان بولسىمۇ ئانا تىلىنى پۇختا ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇيغۇرچە ئاخباراتلارغا ئانا تىلىدا بىمالال سۆھبەت بايان قىلالايدىكەن. ئۇ ئاۋسترىيەدە سەككىز يىل مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇش جەريانىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنى ياۋروپادا تونۇشتۇرغاندىن باشقا تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ بۇ خىزمەتنى داۋام قىلماقتا ئىكەن.
نورۋېگىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى سەيىد ئەخمەت ئەپەندى ئائىلىلەردىكى ئانا تىل تەربىيىسىدە ئورۇن، ۋاقىت ۋە ئۇسۇللارنىڭ توغرا تاللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭچە، بالىلارنى ئانا تىلدا تەربىيىلەيدىغان ئورۇن ئائىلە، ئانا تىل كۇرسى، مەشرەپ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك سىياسىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى ئىكەن. ئانا تىل تەربىيىسىدىكى ھالقىلىق ۋاقىت بولسا بالا تۇغۇلۇپ 13 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ھەر دائىم ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە كۆندۈرۈش ئىكەن. ئىلمىي ئۇسۇل بولسا بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش، ئوقۇتۇپ ئاڭلاش، ئۇلار بىلەن توختىماي پاراڭلىشىپ سىرداش بولۇش ئىكەن. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىلىمى قانچە مول، مۇھەببىتى قانچە چوڭقۇر بولسا، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشتە قانچە سەمىمىي بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قانچە پىداكار بولسا بالىلارنىڭ غۇرۇرى كۈچلۈك، تىلى باي، ئۇيغۇرلۇق سۆيگۈسى قايناق بولىدىكەن.
دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى ئەپەندى چەتئەللەردە چوڭ بولغان ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنى ئۈچ تۈركۈمگە ئايرىپ قارايدىكەن. ئۇنىڭچە، بىر تۈركۈم كىشىلەر گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدا تۇغۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر تىلىنى مۇكەممەل ئىگىلىگەن ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسەتكەن. ئىككىنچى بىر تۈركۈم كىشىلەر گەرچە ئۇيغۇر تىلىنى تولۇق بىلمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلۇق سۆيگۈسى كۈچلۈك بولغان. ئۈچىنچى تۈركۈمى ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتكە سىڭىپ كەتكەنلەر ئىكەن.
زىيارەت داۋامىدا يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ مۇنداق قاراشلىرىغا شاھىت بولدۇق. ئۇلارچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆز تىلىدىكى مائارىپنىڭ چەكلىنىشىگە ئانا تىلدىكى ئوقۇتۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، مەدەنىيەت سەنئىتىنىڭ ئۆزگەرتىلىش خەۋپىگە ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق، مىللىي مەۋجۇتلۇقى تەھدىتكە ئۇچراش خەۋپىگە جامائەتلەرنى بەرپا قىلىپ تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى ئەللەردىكى مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادىلەش ۋە كۈچلەندۈرۈش ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك ئىكەن. بۇ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ساقلاشنىڭ ئۇسۇللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ ھەرىكەتلەر ئۇيغۇر دىيارىدا خەۋپ ئىچىدە قالغان ئۇيغۇرلارغا تەسەللى، ئۈمىد ۋە جاسارەت بەخش ئېتىدىكەن.