خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 75 يىلدا: ئۇيغۇرلار ۋە زېمىنسىز ساختا ئاپتونومىيە
2024.10.11
1949-يىلىدىن ھېسابلىغاندا، كوممۇنىستىك خىتايلارنىڭ جۇمھۇرىيەت قۇرغىنىغا بۇ يىل دەل 75 يىل بولدى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كوممۇنىستىك خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقىغىمۇ دەل 75 يىل بولدى. گەرچە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلسىمۇ، ئەمما تاشقى دۇنيا ئۇيغۇرلارنى يەنىلا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھەقلىرى بولغان بىر خەلق دەپ تونۇپ كەلدى ۋە شۇنداق مۇئامىلە قىلماقتا.
دېمەك، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينى باشقا مىللەتلەرنى مۇستەملىكە قىلىۋالغان بىر دۆلەت دەپ قارىمايدۇ ۋە قارىمىدى. يەنى دۇنيانىڭ نەزىرىدىكى خىتايدا بەش مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونوم رايون بولۇپ، بۇ بۇ بەش ئاپتونوم رايوننى ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت، خۇيزۇ (تۇڭگان) ۋە جۇاڭ مىللىتىدىن ئىبارەت بەش مىللەت ئۆز ئالدىغا ئىدارە قىلىدۇ. ئەمما مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى باشقا ئاپتونوم ھەقلىرى بولغان مىللەتلەر بولسۇن، ھېچبىرى خىتاينىڭ ئۆتكەن 75 يىلىدا ئاپتونوم ھەقلىرىدىن بەھرىمەن بولمىغانلىقى بۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە ئايدىڭ. ھەتتا خىتاي دۇنياغا جار سېلىۋاتقان خىتايدىكى «مىللىي زىددىيەت» لەرمۇ ئەسلىدە، خىتاينىڭ يالغان ئاپتونومىيە نىقابى ئاستىدىكى مىللىي زۇلۇملار سەۋەبلىك كېلىپ چىققان.
ناۋادا بىز كوممۇنىستىك خىتاينىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئىزچىل ھالدا «مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆز بەلگىلەش ھەقلىرىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز!» شوئارىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي كەلگەنلىكلىرىنى كۆرىمىز. ھالبۇكى، بۇ شوئارلار 1949-يىلى خىتاينىڭ دۆلەت قۇرۇشى بىلەن تەڭ غايىب قىلىنغان. شۇنداقتىمۇ خىتاي يەنىلا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى «بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت» دەپ ئاتىغان. بۇ دېگەنلىك، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كۆپلىگەن مىللەتلەر بىرلىشىپ قۇرغان ۋە بىرلىكتە باشقۇرىدىغان دۆلەت دېگەنلىك بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» دىن ئىبارەت يېگانە مىللەت ئۇقۇمىدىن تۈپتىن پەرقلىق ئۇقۇم ھېسابلىنىدۇ.
دەرۋەقە، كوممۇنىستىك تۈزۈلمىدىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى پۈتۈنلەي سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىزىنى بېسىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىمۇ تەبىئىي ھالدا ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىگە تايىنىدۇ. ھالبۇكى، ماركسىزمچىلارنىڭ ھەرىكەت نىشانىدىكى «مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى» دېگەنلىك، سىياسىي تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشتىن باشقا، يەنە مۇستەقىل بولۇش ۋە مىللىي دۆلەت قۇرۇش مەنىلىرىنى بېرىدىغانلىقى ئېنىق. شۇنداقلا بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان مىللەتلەر باراۋەرلىكى ئۇقۇمىنىڭ، ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىلا كۆرسىتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. لېنىننىڭ 1914-يىلى ئېلان قىلغان «مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ھەققىدە بايان» ناملىق ماقالىسىدىمۇ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ، بىر مىللەتنىڭ يەنە بىر يات مىللەت باشقۇرۇشىدىكى دۆلەتتىن ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يەنى، ماركسىزملىق مىللەت قارىشى بويىچە بولغاندا، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ۋاقىت، چەكلىمىسىز ھالدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھەققى بولۇشى كېرەك. ئەمما رېئاللىق ئۇنداق بولغىنى يوق!
ئەمەلىيەتتە بىز «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ قۇرۇلۇش ۋاقتى بىلەن يەرلىكتىكى باشقا ئاپتونوم ئوبلاست، ناھىيە، شۇنداقلا «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» نىڭ قۇرۇلۇش ۋاقتىنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر نورمالسىزلىقنى بايقايمىز. يەنى، 1955-يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلۇشتىن بىر يىل بۇرۇنلا، ئۇيغۇر ئىلىدا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيە ئوبلاست، ناھىيە ۋە مىللىي يېزىلىرى قۇرۇپ چىقىلغان. تېخىمۇ قىزىقارلىقى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» مۇ 1954-يىلى رەسمىي قۇرۇلۇپ بولغان.
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «مەركىزىي ھۆكۈمەت تور بېكىتى» دە ئاپتونومىيە تۈزۈمى ھەققىدە مۇنداق ئېنىقلىما بېرىلگەن: «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى دېگەنلىك، دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكى ئاستىدا، ھەر قايسى ئازسانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا ئۆزى باشقۇرىدىغان رايونلار، مەمۇرىي ئورگانلار قۇرۇلۇپ، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى يۈرگۈزىدىغان قانۇن-تۈزۈملەر بېكىتىلىشى كېرەك. پىرىنسىپ جەھەتتە ئاپتونوم رايونلار شۇ جايدىكى زېمىننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، نوپۇسنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە ئاساسەن قارار قىلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونلار ئۆلكە دەرىجىسى بىلەن، ئاپتونوم ئوبلاستلار يەرلىك شەھەر دەرىجىسى بىلەن، ئاپتونوم ناھىيەلەر بولسا، ناھىيە دەرىجىسى بىلەن باراۋەر بولىدۇ» دېيىلگەن. دەرۋەقە، زېمىننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە نوپۇسنىڭ ئاز-كۆپلۈكى ئاپتونوم رايون قۇرۇش قۇرماسلىققا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنداقتا بىز ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە ئاپتونومىيە ھەققى بېرىلگەن مىللەتلەر ۋە بىڭتۈەن بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ 1949-يىلىدىكى نوپۇس ۋە زېمىنىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى.
1952-يىلى 9-ئايدا «شىنجاڭ ئۆلكىلىك مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇشقا تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتى» قۇرۇلغان بولۇپ، 1954-يىلىغىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 27 ئاپتونومىيەلىك ئورۇن كەينى-كەينىدىن قۇرۇپ چىقىلغان. كېيىن خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بۇ 27 ئاپتونومىيەلىك ئورۇننى بەش ئاپتونوم ئوبلاست، ئالتە ئاپتونوم ناھىيەگە تەڭشىگەن.
1953-يىلىدىكى خىتاي ئىستاتىستىكىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاپتونومىيە ھەقلىرى بېرىلگەن مىللەتلەرنىڭ ئىچىدە، قازاقلارنىڭ نوپۇسى 440 مىڭ، تۇڭگانلارنىڭ نوپۇسى 120 مىڭ، قىرغىزلارنىڭ نوپۇسى 70 مىڭ، مانجۇلارنىڭ نوپۇسى مىڭ، رۇسلارنىڭ نوپۇسى 19 مىڭ 500، تاتارلارنىڭ نوپۇسى 5900، ئۆزبېكلەرنىڭ نوپۇسى 12 مىڭ 200 دىن ئىبارەت بولغان. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بولسا ئۈچ مىليون 290 مىڭ بولۇپ، رايوندىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 76پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نامى رايوندىكى خىتايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق باشقا مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيە تېررىتورىيەلىرى بېكىتىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بېرىلگەن. ھەتتا ئومۇمىي تېررىتورىيەسى بىر مىليون 644 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ زېمىنغا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»، يەنى «ئۇيغۇرلار ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدىغان زېمىن» دېگەن نام بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا تەئەللۇق بىر كىۋادرات مېتىر كەلگۈدەك زېمىنمۇ قالدۇرۇپ قويۇلمىغان.
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دا 1954-يىلىغىچە قۇرۇپ چىقىلغان بەش بەش ئاپتونوم ئوبلاست بولسا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 910 مىڭ 500 كىۋادرات كىلومېتىر. ئالتە ئاپتونوم ناھىيە بولسا، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى، قاراشەھەر (يەنجى) خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى، بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىن ئىبارەت. بۇ ئالتە ئاپتونوم ناھىيەنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 121 مىڭ 712 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ 10.34 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇلاردىن باشقا «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» نىڭ ئىگىلەيدىغان يەر كۆلىمى 70 مىڭ 600 كىۋادرات كىلومېتىر، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى بولسا 330 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ ئەھۋال خۇددى «نەسرىدىن ئەپەندى» فىلىمىدىكى نەسرىدىن ئەپەندىمنىڭ خوراز گۆشىنى داستىخاندىكىلەرگە بۆلۈپ بەرگەندە، پادىشاھقا خورازنىڭ بېشىنى بۆلۈپ بەرگەنلىكىدەك ھەجۋىي ۋەقەلىككە ئوخشاپ كېتىدۇ.
دەرۋەقە، بىز يۇقىرىدىكى بەش ئوبلاست، ئالتە ناھىيە، بىڭتۈەن ۋە تەكلىماكان چۆلى ئىگىلىگەن يەر مەيدانىدىن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ئاتالغان بۇ زېمىندا ئۇيغۇرلارغا قالدۇرۇلغىنىنىڭ پەقەتلا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ئاتالغان قۇرۇق نام ئاستىدىكى تۇپراقسىز ۋە يالغان ئاپتونومىيە بولغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.
شۇنداق دېيىشكە ھەقلىقمىزكى، بۇ ساختا ئاپتونومىيە باشتىن باشلاپلا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي غۇرۇرى ۋە مىللىي ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغان. شۇنداقلا «بىر چالمىدا كۆپ پاختەكنى سوقۇش» تەك ھىيلىگەرلىك بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىن ھەقلىرىنى پۈتۈنلەي تارتىپ ئېلىپ، ئۇلارنى نامى بار، تۇپرىقى يوق بولغان قۇرۇق ئاپتونومىيە بىلەن ئەخمەق قىلغان. ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئاپتونومىيە ھەقلىرى تۇپراق ئاساسىدا يۈرگۈزۈلۈش ئىمكانىغا ئېرىشىدۇ. دېمەك، تۇپراقلىرىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلار ئۆتكەن 75 يىلدا ھەتتا ئاپتونوم رايوننىڭ بىرىنچى قول مەمۇرىي ھوقۇقلىرىنى تۇتۇش ئىمتىيازلىرىغىمۇ ئاساسەن ئېرىشەلمىگەن.
[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]