ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى: «شىنجاڭلىق ئەلچى گۈلى»

0:00 / 0:00

ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسى كەيفېڭ شەھىرىدە «ئەلچى ۋاڭ موماي» نىڭ نەق مەيدان «ئەلچىلىكى» گە دائىر خەۋەرلەر خىتاي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا بىر مەزگىل قىزىق نۇقتا بولغانىدى. ۋاڭ موماينىڭ ئەلچىلىك ئۇسۇلى بولسا، نەق مەيداندا بويتاق قىز ياكى ئوغۇللارغا «لايىق تېپىپ، باش قوشتۇرۇپ» بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان. ۋاڭ موماي بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن تېز سۈرئەتتە تور چولپىنىغا ئايلىنىپلا قالماي، ناھايىتى كۆپ ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقان. لېكىن خىتايدەك خەلقنىڭ توپلىشىشىدىن دائىم خەتەر ھېس قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىشىنى چەكلەيدىغان ھاكىمىيەت ئۈچۈن، ۋاڭ مومايدەك بىرىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە توسقۇنلۇققا ئۇچرىماسلىقى تەبىئىي ھالدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بۇ ۋەجىدىن ۋاڭ موماي ھەققىدە ياخشى-يامان تۈرلۈك قىياسلار ئوتتۇرىغا چىققان. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ھادىسىسىنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىدىكى چېكىنىش سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئۆيلىنىشنى خالىمايدىغانلارنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەش بىلەن باغلىغان. قىزىق يېرى، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئاتالمىش «شىنجاڭلىق ئەلچى گۈلى» نام قوللانغان بىر ئۇيغۇر ئايال، كەيفېڭلىق ۋاڭ موماينىڭ ئەلچىلىك ئۇسلۇبىدا «لايىق تونۇشتۇرۇش» بىلەن تور چولپىنىغا ئايلانغان. 11-نويابىر خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنخۇا تورى» مۇ «گۈلىنىڭ شىنجاڭلىقلارغا ئەلچىلىك قىلىشى» تېمىسىدا سىنلىق خەۋەرنى تارقاتقان. مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىدە، زۆھرەگۈل ئۆمەر ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭلىق ئەلچى گۈلى» نامىدىكى ئەلچىلىك پائالىيىتى تونۇشتۇرۇلغان. يەنى، بۇ ئايالنىڭ سەھنىسىگە لايىق ئىزدەپ چىققان قىز ياكى ئوغۇللارنىڭ قولىغا كەشتىلەنگەن گۈل توپچە تۇتقۇزۇلۇپ، تۆۋەندىكى تاماشىبىنلار ئارىسىدىن ئۆزى ياقتۇرغان بىرىگە ئېتىش ئارقىلىق لايىقىنى تاللاش، بۇ ئەلچىلىكنىك ئاساسلىق شەكلى بولغان. زۆھرەگۈل ئۆمەر ئىسىملىك بۇ ئايال ئۇچىسىغا خىتاي پاسونىدا تىكىلگەن ئەتلەس كۆڭلەك كىيىۋالغان بولۇپ، پىروگراممىغا پۈتۈنلەي خىتايچە رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇنىڭ تەلەپپۇزى خىتايلارنىڭكىدىن پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ، قايسى ئورگان تەرىپىدىن، قانداق شەكىلدە «كەيفېڭلىق ۋاڭ موماينىڭ ئەلچىلىكىنى شىنجاڭدا تەرەققىي قىلدۇرۇش» قا رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى ۋە قوللاشقا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. لېكىن «شىنجاڭلىق ئەلچى گۈلى» ھەققىدە خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن نۇرغۇن مەلۇماتلارغا ئېرىشەلەيمىز. مىسالغا ئالساق، «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ بۇ يىل ئاپرېلدىكى بىر سانىدا «شىنجاڭلىق ئەلچى گۈلى» ھەققىدە زىيارەت خاتىرىسى بېرىلگەن. بۇ زىيارەت خاتىرىسىدە زۆھرەگۈل ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇر ئايالنىڭ بۇلاقتاغ رايونلۇق ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ كادىرى ئىكەنلىكى، خىزمەت جەريانىدا بويتاق قىز-يىگىتلەرنىڭ كۆپلۈكىنى ھېس قىلىپ، «شىنجاڭلىق ئەلچى گۈلى» بولۇپ، ئۇلارغا ياردەم قىلماقچى بولغانلىقى دېيىلگەن. مەزكۇر ئۇچۇردا «شىنجاڭلىق ئەلچى گۈلى» پائالىيىتىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونى باغچىسىدا ھەپتىدە بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، زۆھرەگۈلنىڭ ھازىرغا قەدەر 100 دىن ئارتۇق بويتاق قىز-يىگىتلەرنىڭ قوشۇلۇشىغا ياردەم قىلغانلىقى تونۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ پائالىيەتنى بۇلاقتاغ رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ، خىتاي مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە مەدەنىيەت ئىشخانىسىنىڭ «ئۆرپ-ئادەتنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نىكاھ ۋە تۇغۇتتىكى يېڭى يۈزلىنىشنى تەشەببۇس قىلىش» تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ «ئەلچىلىك پىروگراممىسى» دا دىققەتنى تارتىدىغان مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، پىروگراممىغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ مىللىتى، جىنسى، شارائىتى قاتارلىقلارغا ھېچقانداق چەكلىمە قويۇلمىغان. پەقەت بويتاق بولسىلا، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ پىروگراممىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇردىمۇ، ھەر مىللەت ياشلىرى بۇ پىروگراممىدا جەم بولۇپ، يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش ۋە پىكىرلىشىش ئىمكانىغا ئېرىشىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق ئۆز ئارا ئارىلىشىش، يۇغۇرۇلۇش ئارقىلىق بىرگە ياشاشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. يەنى بۇ يەردىكى ئۆز ئارا يۇغۇرۇلۇش ئاتالغۇسىنىڭ ئۆزىلا، «شىنجاڭلىق ئەلچى گۈلى» پىروگراممىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەنلىكىدەك ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.

دەرۋەقە، ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى ئاشكارىلانغان 2017-يىلىدىن بۇيان، خىتاي رادىكال بىر شەكىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ ياشاش، پائالىيەت قىلىش ئادەتلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشكە باشلىغانلىقى ئايان. ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ كۆپ ۋە زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى كەڭ كۆلەمدە چېقىۋېتىلىپ، باشقا جايلارغا كۆچۈرۈلۈشتەك ئەھۋاللار دەل بۇ ۋەجىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنداق شارائىتتا بىرەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئالدىغا جامائەت توپلاپ، بىرەر پائالىيەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرالىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا بۇ يەردە خىتاي گەرچە مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى زۆھرەگۈلنىڭ تەشەببۇسىدىن بولغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرمەكچى بولسىمۇ، لېكىن خەۋەرنىڭ كەينىدىكى مەزمۇنلار ئىشنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغان. يەنى، خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان «ئۆرپ-ئادەتنى ئۆزگەرتىپ، نىكاھ ۋە تۇغۇتتىكى يېڭى يۈزلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» دېگەنلىكنىڭ ئۆزىدىنلا، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەقسەتلىك ۋە پىلانلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەت بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئۆز ئارا تويلىشىش نىسبىتىنىڭ ھەتتا 2010-يىلىدىكى خىتاينىڭ 6-قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسىدىمۇ، خىتاي بويىچە ئەڭ تۆۋەن نىسبەتتە تۇرىدىغانلىقى كۆرىمىز. ئەمما 2018-يىلىدىن بۇيان، خىتايدىن تارقىتىلىۋاتقان تۈرلۈك ئۇچۇرلاردىن، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن تويلىشىش نىسبىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشقا باشلىغانلىقىمۇ ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان بىر ھەقىقەتتۇر. گەرچە خىتاي ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىشىدىكى بۇ خىل غەيرىي نورماللىقنى «نىكاھ ئەركىنلىكى» بىلەن يوشۇرماقچى بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا-بازارلىرىغىچە قۇرۇلۇۋاتقان «لايىق تونۇشتۇرۇش مەركەز» لىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز كۆپىيىشىدىن تارتىپ پەيدا بولۇشىغىچە، بۇ يەردە كىشىلەر بىلمەيدىغان نۇرغۇن بىنورماللىقلارنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئەسلەپ باقىدىغان بولساق، ھەتتا 2014-يىلى چەرچەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مىللەت ھالقىپ تويلىشىش توغرىسىدىكى يېڭى سىياسىتى خەلقئارادا كۆپ دىققەت قوزغىغان تېمىلارنىڭ بىرى بولغانىدى.

چەرچەن ناھىيەسى ئەينى چاغدا « ئۇيغۇر ۋە خىتايلار ئۆز ئارا تويلاشقان ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاش چارىسى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر «چارە» دە ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي بىلەن ئۇيغۇر توي قىلغان ئائىلىلەرنى بەش يىلغىچە 10 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا، خىزمەت، تۇرالغۇ ئۆي، داۋالىنىش، بالىلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلى مەسىلىسى قاتارلىقلاردا تۈرلۈك ئېتىبارلارنى بېرىدىغانلىقى يېزىلغان.

دەرۋەقە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىدە، مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇشمۇ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقى ئېنىق. ئەمما خىتاي بۇ خىلدىكى «مىللەت ھالقىغا تويلىشىش» نىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى دۇنيانىڭ كۆزىدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئويناشقا مەجبۇر بولغان. دېمەك، سىرتتىن قارىماققا خۇشال ۋە بەختلىك بىر كەيپىياتتا «ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەركىن نىكاھلىنىۋاتقان» كەيپىياتنى يارىتىش ئۈچۈن، خىتاي داۋاملىق ھالدا يېڭى-يېڭى سەھنىلەرنى ئىجاد قىلىشقا موھتاج. شۇنىسى ئېنىقكى، «شىنجاڭلىق ئەلچى گۈلى» ھادىسىسىمۇ، دەل شۇ يېڭى سەھنىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىنى يوشۇرۇشتىكى بىر ۋاسىتە بولغانلىقى ئاشكارا. ئەمما مەسىلە شۇكى، خىتاي بۇ خىلدىكى يالغانچىلىقلىرىنى زادى قاچانغىچە داۋام قىلالايدۇ؟

[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]