كانادالىق كۆزەتكۈچى شاۋن جاڭ: «بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەت ئەتە پۈتۈن خىتاي خەلقىگە كېلىشى مۇمكىن!»

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا ھەر تۈرلۈك ناملاردا كېڭەيتىپ قۇرغان «تەربىيىلەش لاگېرلىرى» نۆۋەتتە خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلاندى. خىتاي ئۇيغۇر ئېلىغا دائىر ئۇچۇرلارنى قانچە قامال قىلىشىغا قارىماي، خىتاينىڭ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى قامىغانلىقى تىلغا ئېلىنىۋاتقان بۇ لاگېرلار ھەققىدە خەلقئارادىكى بىر قىسىم مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر بەزى مۇھىم ئۇچۇرلارنى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارا قىلماقتا. كانادالىق ياش كۆزەتكۈچى شاۋن جاڭ يېقىندا تۋىتتېردا ماقالە ئېلان قىلىپ، قەشقەرنىڭ توققۇزاق ۋە يېڭىشەھەر ناھىيەلىرىدىكى 3 «يىغىۋېلىش لاگېرى» نىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ ئورۇنلارنىڭ قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك ئېلانى شىنجاڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى باشقۇرۇش ۋە مەسلىھەت بېرىش شىركىتى تەرىپىدىن بازارغا سېلىنغان ئىكەن.

كانادالىق مۇستەقىل ياش كۆزەتكۈچى شاۋن جاڭ تەرىپىدىن تۋىتتېردا ئاشكارىلانغان، خىتاي توربەتلىرىدىن كۆچۈرۈپ ساقلىۋېلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلار نۆۋەتتە خىتاي تور بەتلىرىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. ئۇ يەنە بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرى جەريانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە تارماقلىرىغا ئائىت بىر خەۋەرنى تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا خوتەندىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» دا تۇتقۇنلارنىڭ ئۆپكە كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش ھادىسىسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئاشكارىلانغان مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇردىن دائىرىلەرنىڭ خوتەندىكى 7 ناھىيە، بىر شەھەردىكى لاگېرلاردا ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىپ، جەمئىي 558 كىشىنى دوختۇرخانىغا يۆتكىگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىنمۇ دائىرىلەرنىڭ ھەر بىر ناھىيە ۋە يېزا-كەنتلەرگىچە لاگېرلارنى تەسىس قىلغانلىقى، لاگېرلاردىكى شارائىتلارنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈم ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان ئىدى.

شاۋن جاڭنىڭ ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تارماقلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىپ كېيىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن خىتاي يوشۇرۇپ ۋە ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان لاگېرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىچ يۈزى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

شاۋن جاڭ كانادادا قانۇن كەسپىدە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەھەتتە مۇستەقىل تەتقىقاتلار بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە ئىكەن. بىز ئۇنىڭدىن قانداق بولۇپ ئۇيغۇرلارغا ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلىرىغا قىزىقىپ قالغانلىقى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «خىتاي دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان بىر دۆلەت. ئۇيغۇرلار خىتايدەك بۇنداق بىر كوممۇنىستىك دىكتاتور تۈزۈمدىكى دۆلەتتە، ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرى قاتتىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بىر مىللەت. بۇ رېئاللىق يېقىندا لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ ئاخباراتلاردا ئاشكارىلىنىشى بىلەن تېخىمۇ ئېنىق ئايدىڭلاشماقتا. ئەپسۇس، بۇنى ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر بىلىدۇ. مەن 5-ئايدىن باشلاپ گېرمانىيىدىكى تەتقىقاتچى ئادرېئان زېنسنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭغا قۇرغان لاگېرلىرى ھەققىدىكى ماقالىلىرىنى ئوقۇدۇم. ئۇنىڭ ماقالىلىرىدە كۆرسىتىلگەن قىسمەن ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تورلىرى ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. بۇ مېنىڭ قىزىقىشىمنى قوزغىدى. دەرۋەقە، تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئۇچۇر ئىزدەش جەريانىدا ئارقا-ئارقىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى ناھىيىلەرگە ‹تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپى› دېگەندەك ئىسىملاردا يېڭىدىن قۇرغان ‹تەربىيىلەش مەركەزلىرى› نىڭ ئورۇنلىرى مەلۇم بولدى. بۇنىڭغا باشقا ئۇچۇرلارمۇ تېپىلدى. پەقەت مەكىت ناھىيەسىدەك بىر كىچىك ناھىيەنىڭ ئۆزىگىلا 5 ئورۇندا ‹تېخنىكا تەربىيىلەش مەركىزى› قۇرۇلغان ئىكەن. بۇلار ئەلۋەتتە شۇ خىل ناملار ئاستىدا قۇرۇلۇۋاتقان لاگېرلار ئىكەنلىكى ئېنىق. مەن تاراتقۇلارنىڭ دىققىتى شىنجاڭغا مەركەزلەشكەن بىر پەيتتە بۇ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنىڭ ئەھمىيىتى بار دەپ قارىدىم. ئۆزىڭىز بىلگەندەك، بۇ ئۇچۇرلار تارقىتىلغاندىن كېيىن خىتاي دەرھال بۇ ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ ئۆزىمۇ گۇمانلىق بىر نۇقتا، چۈنكى بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر نەرسىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.»

بىز زىيارىتىمىز جەريانىدا شاۋن جاڭدىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى سورىدۇق.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بارغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئىلگىرى 2005-يىلى شىنجاڭغا ساياھەت قىلىپ بارغان. قەشقەر، يەكەن دېگەندەك جايلارنى كۆردۈم. ئۆز ۋاقتىدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ساياھەتچىلەرگە ئانچە قىزغىن مۇئامىلىدە بولمايدىغانلىقىنى، ئىككى مىللەت ئارىسىدا زىددىيەت بارلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم. ئەمما ئانچە چوڭقۇر چۈشەنمىگەن ئىكەنمەن. كېيىن ‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ۋەقەسى› بولغاندا مەن خىتايدا ئىدىم. ئۇ چاغدا ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر مىللىي زىددىيەتنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنىڭمۇ بەلگىلىك رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ جىددىيلەشتى. . . مەسىلەن، بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىگە سولىنىشى دېگەندەك مەسىلىلەر بىلەن يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك مەسىلىلىرى ئاشكارىلاندى. مەنمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قايتا كۆزىتىشكە باشلىدىم. دۇنيا تارىخىدىمۇ بۇنداق پاجىئەلەر ناتسىستلار گېرمانىيەسى دەۋرىدىن كېيىن يۈز بېرىپ باقمىغان. دۇنيامۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىلا بىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئىنسانىيلىققا قارشى سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈۋاتقان بىر ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى بىلىپ كەتمەيدۇ.»

شاۋن جاڭ يەنە ئۆزى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان لاگېرلارنى يېقىندا تاقىمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئېغىر زۇلۇم سىياسەتلىرىنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى: «مەن تۋىتتېردا ئاشكارىلىغان ئۇچۇردىن ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق لاگېرلارنىڭ ئېنىق سانىنى بىلگىلى بولمىسىمۇ، نۇرغۇن جايلاردا نوپۇسنىڭ 10 پىرسەنتى، بولۇپمۇ ياش ئەرلەرنىڭ تۇتۇلۇپ لاگېرلارغا سولانغانلىقى ئېنىق. ھازىرغىچە مەلۇم بولغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ تەخمىن قىلغاندىمۇ، ئاز دېگەندە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ لاگېرلارغا سولانغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. مۇشۇ ساننىڭ ئۆزىلا قورقۇنچلۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرمىلەرنى ۋە نۇرغۇن مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىپ لاگېر ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ ئىچىدە ئىنسانلىققا قارشى قانداق تەن جازاسى ۋە روھىي زۇلۇملارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى يەنىلا قاراڭغۇ. ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارنىڭ ئۆزىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقىنى ئېنىق بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ لاگېرلار داۋاملاشسا، مەسىلەن، يۇقۇملۇق كېسەللەر ياكى تەن جازالىرى ئۇلارنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئېغىر پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. سالامەتلىكى ئاجىزراق ئادەملەر ئەڭ ئاۋۋال بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. لاگېرلاردىكى تەربىيىلەش سىستېمىسى ھەققىدە ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايچە بىلمەيدىغان، سىياسىي ئۆگىنىش ياكى كاللا يۇيۇش تەلەپلىرىگە يەتمىگەنلەر تېخىمۇ ئۇزۇن قامىلىدىكەن. كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەربىيىلەش تەلەپلىرىگە يېتىپ ئۇ جايدىن قۇتۇلۇپ چىقىشى ناتايىن. بۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىستېمىنى ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە. بۇ خىل ‹تەربىيىلەش مەركەزلىرى› نىڭ نازارەت سىستېمىسى، ئۇنى ساقلاۋاتقان ھەربىي ۋە ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە بولۇشىغا قاراپمۇ بۇ لاگېرلارنىڭ قايسى دەرىجىدىكى قورقۇنچلۇق ئورۇن ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن.»

سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا شاۋن جاڭ مۇنداق خىتاب قىلدى: «ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا شۇنچە جىق لاگېرلارنى قۇرۇپ، ساقچى دۆلىتىدەك باشقۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئېچىنىشلىق دەرىجىدە باستۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتايلاردا بۇ سىياسەتنى قوللاۋاتقانلىقىدەك بىر خىل كەيپىيات بار، چۈنكى ئۇلار ھەممىنى كۆرۈپ-بىلىپ تۇرسىمۇ، سۈكۈت قىلماقتا. خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بەزى ساۋاقداش ۋە دوستلىرىم بىلەن بۇ ھەقتە مۇنازىرىلىشىش جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاي جەمئىيىتىدە ئۇيغۇرلارغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بارغان مىللىي ۋە ئىرقىي كەمسىتىش تەشۋىقاتىنىڭ ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان مىللىي زىددىيەتنىڭ شەكىللىنىشىدە زور رولى بارلىقىنى بارلىقىنى ھېس قىلدىم. ئەمما شۇنى ئەسكەرتكىم بار، خىتايلار ئاگاھ بۆلىشى كېرەك، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۈگۈن كەڭ كۆلەمدە قارشىلىقسىز قىلىۋاتقان بۇ خىل زۇلۇمىنى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، پۈتكۈل خىتاي دۆلىتىدە ئۆزىگە قارشى چىققان خىتايلارغىمۇ قوللىنالايدۇ. چۈنكى بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىغا قىلغانلىرىنى ئويلاپ بېقىش كېرەك. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئۇلار شىنجاڭدا زادى نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىشى كېرەك.»