ئالمۇتادا خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019.05.06
almuta-yighin.jpg «قازاقىستان ۋە مەركىزىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق: مۇھىم مەسىلىلىرى ۋە بۈگۈنكى ئۇتۇقلىرى» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا خاتىرە سۈرەت. 2019-يىلى 3-ماي، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

3-مايدا ئالمۇتا شەھىرىدىكى پەلسەپە ۋە سىياسەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مەجلىس زالىدا «قازاقىستان ۋە مەركىزىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق: مۇھىم مەسىلىلىرى ۋە بۈگۈنكى ئۇتۇقلىرى» تېمىسىدا خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنى قازاقىستاننىڭ بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىكى ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ۋە «قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ ئالمۇتا شەھەرلىك شۆبىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. يىغىن قازاقىستان مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ھەقىقىي ئەزاسى، پروفېسسور غوجەخمەت سەدۋاقاسوۋنىڭ 90-يىللىقىغا ۋە قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ 70-يىللىقىغا بېغىشلانغان. ئۇنىڭغا قازاقىستانلىق ئالىملار ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار قاتناشقان.

يىغىننىڭ كىرىش سۆزىنى سۆزلىگەن ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور ئەبساتتار دېربىسالى غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ ھاياتى ۋە قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرىنىڭ تارىخى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، غوجەخمەت سەدۋاقاسوف 1953-يىلدىن باشلاپ قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ئىشلەش جەريانىدا كىچىك ئىلمىي خادىم ۋەزىپىسىدىن 1986-يىلى قۇرۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دەرىجىسىگىچە كۆتۈرىلگەن ئىكەن. ئۇ تېخى چوڭقۇر تەتقىق قىلىنمىغان ئۇيغۇر تىلى مەسىلىلىرىنى ئىلمىي جەھەتتىن تەتقىق قىلىپ، تۈركىي تىللىرىنىڭ ئورتاق مەسىلىلىرى بىلەن باغلىغان.

غوجەخمەت سەدۋاقاسوف ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ياردەملىشىش ھەم ئۇلار ئۈچۈن ساپالىق ئوقۇش قوراللىرى تەييارلاش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ئىشلىرىنى جانلاندۇرۇشقا ئوخشاش چوڭ ئىشلارنى ئاتقۇرغان. ئەبساتتار دېربىسالى غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ لېكسولوگىيە، دىئالېكتولوگىيە، مورفولوگىيە، فونولوگىيە، فولكلورشۇناسلىق، ئەدەبىياتشۇناسلىق ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەرگە بېغىشلانغان 300 دىن ئوشۇق ئىلمىي ئەسەرنىڭ، ئوقۇش قوراللىرىنىڭ، لۇغەتلەرنىڭ ئاپتورى بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالىمنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، «پەرغانە ۋادىسى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى»، «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىلىرى» ناملىق مونوگرافىيەلىرىمۇ بار.

ئىگىلىنىشىچە، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن قاتناشقۇچىلىرى شەرقشۇناسلىق تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم يۆنىلىشلىرىنى، شۇنداقلا مەركىزىي ئاسىيانىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشنىڭ يېڭى ئۇتۇقلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان. يىغىن تۆت بۆلۈم بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى «غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ ئىلمىي مىراسى، ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى ۋە ھازىرقى ئۇتۇقلىرى»، ئىككىنچىسى «مەركىزىي ئاسىيانىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشنىڭ يېتەكچى يۆنىلىشلىرى، يېڭى ئۇسۇللىرى، مۇھىم مەسىلىلىرى»، ئۈچىنچىسى «مەركىزىي ئاسىيا-خىلمۇ خىل مەدەنىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىدېئولوگىيەلىك باغلىنىشلارنىڭ ئالاھىدە دائىرىسى سۈپىتىدە»، تۆتىنچىسى «يىپەك يولىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا بوشلۇقىدىكى مەدەنىيەتلەرنىڭ دىئالوگى» دەپ ئاتالغان.

ئىلمىي يىغىننىڭ ئېچىلىش بۆلۈمىدە سۆزگە چىققان قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف، ئالمۇتا شەھەرلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف، ئۆزبېكىستانلىق مېھمان، پروفېسسور ئابدۇلەھەت قاھاروف ۋە باشقىلار غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ ئىلمىي مىراسى، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ يەتكەن ئۇتۇقلىرى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرشۇناس ئالىم، تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى مۇنىر يېرزىن ئەپەندى غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ ئۇزۇن يىللار مابەينىدە ئاساسەن تىلشۇناس ئالىملارغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىگە سالماقلىق ھەسسە قوشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «غوجەخمەت سەدۋاقاسوف ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تەشكىل قىلىنىشىدا ئاساسىي رول ئوينىدى، دەپ ئېيتىشقا ھەقلىقمىز. ئىنستىتۇت ۋۇجۇدقا كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەر ساھە بويىچە ئۆسۈشىدە، كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشتە، ئۇنىڭ ھۇلىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىدە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئادەم. غوجەخمەت سەدۋاقاسوف 1990-يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلىدى.»

مۇنىر يېرزىننىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىپ، بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ھايات كەچۈرۈشى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى تارىخىدىكى چوڭ ۋەقە ئىكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرشۇناسلىق دەسلەپ ياۋروپا ئالىملىرىنىڭ دىققىتىدە بولدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، شۇنىڭدەك دۆلەتچىلىك ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرى ئەنە شۇ ئالىملارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ پەن سۈپىتىدە تەرەققىي ئېتىشىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجادكارلىقىدىن، تىرىشچانلىقىدىن بۆلۈپ قاراشقا بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ساھە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە تەرەققىي قىلىنىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇ ئەمەلگە ئاشمىدى. بۇ پەقەتلا قازاقىستان يېرىدە تەشكىللەندى.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رۇسىيە جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ئابدۇلەھەت قاھاروف ئەپەندى مەزكۇر يىغىندىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۈيۈك ئالىمىمىزنىڭ نامىنى ئۇنتۇماسلىق ئۈچۈن بۇ يىغىننىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ۋەتىنىمىزدىن تاشقىرى ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەدەنىي بايرام دېسەك بولىدۇ. قازاقىستاندا ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىدە ئىشلەيدىغان قازاق مىللىتىگە مەنسۇپ بولغان ئالىملار بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنى ئېچىش دۇنيا مىقياسىدا چوڭ يېڭىلىق بولغان.»

ئابدۇلەھەت قاھاروف ئۆز سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرشۇناسلىققا بېغىشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆزبېكىستاندا داۋاملاشتۇرۇش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھازىر تارىخىي ۋەتىنىمىزدە ئېغىر ۋەزىيەت بولۇۋاتقاندا ۋە دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرنى ساقلاپ قېلىش ھەرىكىتى بولۇۋاتقاندا بىز ئۇيغۇرلار بىر-بىرىمىز بىلەن قانچىلىك كۆپ ئۇچراشساق شۇنچە ياخشى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يىغىننىڭ خەلقئارالىق بولغىنى ھەقىقەت. بىز ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ تەرەققىياتىنى، ھالىنى مۇھاكىمە قىلدۇق.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئالمۇتادا ئۆتكەن مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىش مەسىلىسىمۇ تەشكىلىي ھەيئەت تەرىپىدىن ھەل قىلىنغاچقا، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، رۇسىيە، تۈركىيە، ئامېرىكا ئوخشاش مەملىكەتلەردىنمۇ ئالىملار قاتناشقان. رۇسىيەدىن دىمىترىي ۋاسىليېف «ئۇيغۇر تىلىنى لاتىنلاشتۇرۇش تارىخى بويىچە يېڭى ھۆججەتلەر»، تۈركىيەدىن ئەركىن ئەمەت «مەشھۇر تىلشۇناس غوجەخمەت سەدۋاقاسوف ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتى»، ئامېرىكادىن نەبىجان تۇرسۇن «كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 20-30 يىللىرىدىكى مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتى ھەققىدە»، ئەسئەت سۇلايمان «لاداخ يولىدا ھىجرەت: 1949-يىلىدىكى ئۇيغۇر مىللەتچىلىرىنىڭ ھىندىستان سەپىرى ۋە ئۇنىڭ باش-ئاخىرى» ۋە باشقىلار شۇلار جۈملىسىدىندۇر. ئومۇمەن بۇ يىغىنغا 40 تىن ئوشۇق ئالىم ئىشتىراك قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.