كۆزەتكۈچىلەر: «كورونا ۋىرۇسى كرىزىسى دۇنيانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ»
2020.04.13

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقىلىپ، يەرشارىۋى ۋاباغا ئايلانغان تاجسىمان ۋىرۇس دۇنيا مىقياسىدا 100 مىڭدىن ئوشۇق جانغا زامىن بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى. يۇقۇم سەۋەب بولغان ئاقىۋەتلەر ئېغىرلاشقانسېرى خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىغا بولغان نارازىلىقىمۇ كۈچىيىپ بارماقتا.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە ئامېرىكا باش تەپتىشى بىل بار قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى يوشۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن ئىنسانىيەتنى بالاغا تىققانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بولسا بۇ مەيدانىنى ئامېرىكا ۋە خەلقئارالىق رەسمىي سورۇنلاردا ئىپادىلەپ كەلدى. ئۇ سۆزىدە «خىتاي كومپارتىيەسى خىتايدىكى ۋە ئامېرىكادىكى يۇقۇم پەيدا قىلغان چىقىمنىڭ جاۋابكارى، خىتاي كومپارتىيەسى ھېلىھەم ئۇچۇرنى قامال قىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى خەۋپكە ئېتىۋاتىدۇ.» دېگەن.
بىراق ئامېرىكادا چىقىدىغان «ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر مۇلاھىزىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەنقىدلەرنى «ئامېرىكانىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن خىتاي خەلقىنى ئايرىش ئۇرۇنۇشى» دەپ چۈشىنىدىكەن ۋە بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى ئىكەن.
مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى جولنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن بۇ ئىنتايىن نازۇك مەسىلە بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا چوقۇم «كومپارتىيە دېگەنلىك خىتاي دېگەنلىك، خىتاي دېگەنلىك كومپارتىيە دېگەنلىك» دېگەن تەشۋىقاتىمىزنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدىكەن. كوممۇنىزم خاتىرە فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مارىيون سىمىس گېزىتكە قىلغان سۆزىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە سەزگۈر بولۇشىدىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ: «بۇ بىزگە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتىكى بىردىن-بىر يولىنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە باغلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،» دېگەن.
تۈركىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆزىنى بۇ ھاكىمىيەتنىڭ بىردىن-بىر ئىگىسى ۋە قانۇنلۇق ھاكىمىيەت، دەپ قاراپ كەلگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسى بۈگۈنگىچە مۇشۇ خىل ئىدىيە بىلەن ئاياقتا تۇرۇپ كەلگەن. كېيىنكى يىللاردا بولسا ئىقتىسادىي گۈللىنىش ئارقىلىق مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلدى. ئەمما خىتاي كومپارتىيەسى بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلالمىغان تەقدىردە ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى داۋام قىلىشى قىيىنغا توختايدۇ.»
خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى سەزگۈرلۈكى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى باياناتىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئۇ سۆزىدە: «ھازىر خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 90 مىليوندىن ئارتۇق ئەزاسى بار، بۇ ئومۇمىي ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 27 پىرسەنتىنى، يەنى تۆتتىن بىر قىسىمدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنداق كۆپ ساندىكى پارتىيە ئەزالىرى ئائىلىسىدىكىلەر، تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە پارتىيە بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىلماس مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.»
ئامېرىكادىكى تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى گوردون چاڭ ئەپەندى بىزگە قىلغان سۆزىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنىيلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنى خەلقنىڭ قوللايدىغانلىقىنى كۈچەپ تەكىتلىشى ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى:
«خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن مۇقىملىقنى ساقلاش ھەممىدىن مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن كېرەكلىك ھەرقانداق نەرسىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ يۇقىرىقى سۆزنى بۇنچە تەكرارلىشى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنى قوللايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بىز خىتايدىكى بېسىم ۋە چەكلەش ۋاسىتىلىرى سەۋەبىدىن خىتاي خەلقىنىڭ ھەقىقەتەن نېمە ئويلايدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. شۇڭا بىز خىتاي كومپارتىيەسى نېمىنى كۆپ تەكىتلىسە، ئۇلارنىڭ شۇ مەسىلىدە سەزگۈرلۈكىنى پەرەز قىلالايمىز. ئۇلارنىڭ بۇنداق كۆپ تەكرارلىشىدىن قارىغاندا، دېمەك بۇ يەردە ھەقىقەتەن مەسىلە بار. مەسىلەن، ئامېرىكادا پرېزىدېنت ئوتتۇرىغا چىقىپ، ‹ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمىز قانۇنلۇق› دەمدۇ؟ ياق، دېمەيدۇ. چۈنكى ھەممە ئادەم ئۇنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى بىلىدۇ. ھەقىقەتنى سۆزلەپ ئولتۇرمايمىز، ئەمما بىر نەرسىدىن يۈرىكىڭىز پوك-پوك بولغاندا داۋاملىق ئۇ ھەقتە گەپ قىلىسىز. مانا بۇ بىزگە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھەرىكىتىنى ئىزاھلاپ بېرىدۇ.»
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمى ئەھۋالى ھەققىدىكى ئەھۋالنى دەسلەپتە يوشۇرۇشى بىلەن دۇنياغا كەڭ تارقىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە پەيدا قىلغان ئىنسان چىقىمى ۋە ئىقتىسادىي چىقىمى زورايغانسېرى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقى كۈچەيگەن. بىر قىسىم ئۇچۇرلاردا يەنە بۇنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي قاتلىمىدىمۇ شى جىنپىڭگە نارازىلىق قوزغىغانلىقى مەلۇم.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» دە 13-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇس كرىزىسىنى يوشۇرۇشى نەتىجىسىدە دۇنيانىڭ ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويۇشى» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ھەرخىل تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ۋىرۇستىكى جاۋابكارلىقىدىن قېچىشقا ۋە ياكى ئوبرازىنى قايتا تىكلىمەكچى بولغان بولسىمۇ، بۇ ئۇرۇنۇشلارمۇ كارغا كەلمىگەن. ئەكسىچە، نۇرغۇن دۆلەتلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش، خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرلىرىنى يۆتكەپ چىقىپ كېتىش، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش تەشەببۇسلىرى ئوتتۇرىغا چىققان.
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، «ئامېرىكا ۋىرۇس كرىزىسىدىن كېيىن سەھىيە ئەسلىھەلىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىشنى توختىتىپ، ئۇلارنى رەنجىتىپ قويغاندىن كېيىن، خىتاي دەرھال سەھىيە ئەسلىھەلىرىنى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ھەدىيە قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاپ، ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى لىدېرلىق رولىنى تارتىۋېلىشقا تىرىشىپ باققان. بىراق خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇنداق ئاسان ئەمەلگە ئاشمايدىكەن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىرۇس ھەققىدىكى ئەمەلىيەتنى يوشۇرۇش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئىشەنچىنى يوقىتىپ بولغان.»
ماقالىنى ئامېرىكا-خىتاي سىياسەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى چى ۋاڭ يازغان بولۇپ، ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ۋىرۇس ھەققىدىكى ئۇچۇرنى تۇنجى ئاشكارىلىغاندا ئەڭ ئاۋۋال خىتاي ئۆزىنىڭ شېرىكى دەپ بىلىدىغان رۇسىيە، شىمالىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەر چېگرالىرىنى تاقاپ، خىتاي پۇقرالىرىنى قايتۇرۇۋەتكەن بەرگەن ئىكەن. دېمەك، ئۇلار خىتاينىڭ ۋىرۇس ھەققىدە راست گەپ قىلغانلىقىغا دەسلەپتىلا ئىشەنمىگەن.
ئاپتور مۇلاھىزىسىنى مۇنداق داۋام قىلغان: «خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تېخى نەچچە ئاي ئىلگىرىلا خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ 5G ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشىشىگە يول قويۇپ ئامېرىكانى غەزەپلەندۈرگەن ئەنگلىيە ھازىر خىتاي بىلەن ‹ھېسابلىشىش› نى كۆزلەۋاتىدۇ. بورىس جونسون باش مىنىستىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا 5G قارارىغا مەسئۇل بولغان، ئۇ ھازىر تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى. ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاينىڭ ‹ماسكا دىپلوماتىيىسى› ئۇرۇنۇشلىرى ئەكس تەسىر ياراتتى، ئىسپانىيە ۋە گوللاندىيەدە خىتايدىن كەلگەن سەھىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ ساختىلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆرسىتىلدى. ھەتتا ئىران چېغىدا خىتاينىڭ يۇقۇم ھەققىدىكى ئەمەلىيەتنى يوشۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.»
ئاپتور چى ۋاڭنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ھازىرقىدەك ئىقتىسادىي كۈچكە ئايلىنىشىدا ئامېرىكا زور رول ئوينىغان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ ئىشەنچىنى يوقاتقان خىتاينىڭ ئەمدى خەلقئارادا قايتىدىن ئوبرازىنى تىكلەپ چىقىشى قىيىنغا توختايدىكەن.
گوردون چاڭ ئەپەندىمۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئامېرىكانىڭ ۋىرۇس كرىزىسىدىن كېيىنكى خىتاي سىياسىتىنىڭ پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە، ئامېرىكانىڭ خىتاي سىياسىتى ئۆزگىرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىدىغانلىقى ئېنىق بولماسلىق بىلەن بىرگە، مەن ئامېرىكانىڭ ۋىرۇستىن كېيىنكى خىتاي سىياسىتى ۋىرۇس ۋەقەسىدىن ئىلگىرىكى سىياسىتىدىن پەرقلىق بولىدۇ، دەپ قارايمەن. مەن شەخسەن شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى بىزنىڭ ھازىرقى مۇناسىۋىتىمىز ئامېرىكا ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەس، شۇنداقلا خىتاي خەلقى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئەمەس. ئىلگىرىكى نۇرغۇن ئامېرىكالىق رەھبەرلەر خىتايغا ياردەم قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ئۆزىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ ئامېرىكاغا دۈشمەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. شۇڭا بىز ئۆزىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك. مەن ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە شۇنداق بولۇش ئېھتىماللىقىنى يۇقىرى دەپ قارايمەن.»
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» دىكى ماقالىدىمۇ ئاپتور چى ۋاڭ مۇنداق دېگەن: «ۋىرۇسنىڭ قانداق باشلانغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلىشى ئۆز خەلقى ھەم شۇنداقلا دۇنيانىڭ ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزدى. بەلكىم شى جىنپىڭ تەشۋىقات ۋە نازارەت ئارقىلىق ئۆز خەلقىنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى كونترول قىلىشى مۇمكىن، ئەمما دۇنيا بۇنى ئاسانلىقچە ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئەمدى شى جىنپىڭ يوقىتىلغان ئىشەنچنى قايتا تىكلەش ئۈچۈن يېڭىچە ئۇسۇل ۋە تېخىمۇ ياخشى مەسلىھەتچىلەرگە موھتاج.»