كورونا ۋىرۇسى قازاقىستان ئىقتىسادىغا قانچىلىك تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن؟
2020.03.19

قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كورونا ۋىرۇسى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىدا، شۇ جۈملىدىن قازاقىستان ئىقتىسادىدا كۈچلۈك ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرمەكتىكەن.
«قازاقىستان ئىنبىسىنېسس» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن مارات قاىرلېنوفنىڭ «كورونا ۋىرۇسى ۋە قازاقىستان ئىقتىسادى: 3 يا 4؟» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، كورونا ۋىرۇسىنىڭ قازاقىستاندا تارقىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ مەملىكەت ئىقتىسادىغا تەسىر قىلىش كۆلىمى يۇقىرى بولۇپ، بۇنىڭ تۆت خىل تەسىر قىلىش يولى بار ئىكەن، بۇلار تۆۋەندىكى نۇقتىلاردىن ئىپادىلىنىدۇ. بىرىنچى يولى، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى قازاقىستاننىڭ ئومۇمىي كىرىمىنىڭ كېمىيىشىگە ۋە قازاقىستان تەڭگىسىنىڭ كۈچسىزلىنىشىگە ئېلىپ كەلگەن. ئىككىنچى يولى، خىتايدىن كېلىدىغان تاۋارلارنىڭ ئازىيىشى بۇ دۆلەتتە يېمەك-ئىچمەكنىڭ كېمىيىشىگە سەۋەب بولغان. مەسىلەن، ئىلگىرى قازاقىستانغا كىرىدىغان كۆكتاتنىڭ يېرىمىنىڭ خىتايدىن ئېلىپ كېلىنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى. ئۈچىنچى يولى، كورونا ۋىرۇسى قازاقىستانغا مەبلەغ سېلىشنىڭ مىقدارىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىگە ئېلىپ كەلمەكتىكەن. بۇ بىرىنچى نۆۋەتتە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىقتىسادىي لايىھىسىنىڭ توختىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت بولۇپ، قازاقىستاندا ئىلگىرى 55 خىتاي زاۋۇتىنى سېلىش پىلانلانغانىكەن. تۆتىنچى يولى، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىغا يول قويماسلىق مەقسىتىدە كۆرىدىغان چارىلەرنىڭ نەتىجەدارلىقى. ھۆكۈمەتتىن مەزكۇر كرىزىستىن چىقىش ئۈچۈن ئاكتىپ ئىشلەش تەلەپ قىلىنىدىكەن.
كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن، قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم-جومارت توقايېف دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تۇراقلىقىنى تەمىنلەش مەقسىتىدە مەملىكەتنىڭ خەلقئارا زاپاس مەبلەغلىرىدىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. «قازاقىستان لىتېر» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان كىرىلل ژدانوفنىڭ «توقايېف قازاقىستاندا ئىقتىساد ئۈچۈن نېمە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى؟ئى» ناملىق ماقالىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئەلدە ئىجتىمائىي كەسكىنلىك ۋە ئىشسىزلىققا يول قويماسلىق مەقسىتىدە بارلىق چارىلەر كۆرۈلمەكچىكەن. پرېزىدېنت ئۆز نۇتقىدا قازاقىستاندا خەلقئارا زاپاس مەبلەغلىرىنىڭ 90 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
تونۇلغان قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس پيوتر سۋويىك ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، كورونا ۋىرۇسى قازاقىستاننىڭ پەقەت ئىچكى ئىقتىسادىغا خېلى قاتتىق تەسىر قىلىشى مۇمكىن، ئەمما خام ئەشيا ئېكسپورتىغا قاتتىق تەسىر يەتكۈزمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «نېفىت، گاز، قارا ۋە رەڭلىك مېتاللارنى قېزىپ چىقىرىشتا بىزدە كۆپ ئادەم ئىشلىمەيدۇ ھەم ئۇلار چوڭ شەھەرلەردە ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ساھەدە قاتتىق ئۆزگىرىشلەر بولمايدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئەمما ئەلنىڭ ئىچىدە خېلى مەسىلىلەر چىقىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن خېلى كۆپ مىقداردا قوشۇمچە مەبلەغ ئاجرىتىشىغا توغرا كېلىدۇ. بانكىلارغىمۇ، كىچىك تىجارەتكىمۇ ياردەم بېرىلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، مەملىكەتنىڭ قوشۇمچە زاپىسىنىڭ ئەھۋالىمۇ جىددىي. كورونا ۋىرۇسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەلدە پەۋقۇلئاددە ئەھۋالنىڭ ئېلان قىلىنىشى ھۆكۈمەتنى خېلى جىددىي ئىشلەشكە مەجبۇرلايدۇ.»
پيوتر سۋويىك قازاقىستان ئاھالىسىنىڭ ۋەزىيەتنى ھازىرچە تېخى تولۇق چۈشىنىپ ئۈلگۈرمىگەنلىكىنى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەھۋالنىڭمۇ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ پەيدا بولىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قانچىلىك ئاكتىپلىق كۆرسىتىدىغانلىقىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پيوتر سۋويىك يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە يەنە بىر نەرسىنى ياخشى چۈشىنىش كېرەككى، بۇ قېلىپلاشقان ۋەزىيەت تەڭگىنىڭ كۈچسىزلىنىپ كېتىشىگە ئېلىپ كەلدى. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يەردە يول قويغان چوڭ خاتالىقى مانا شۇ تەڭگىنىڭ كۈچسىزلىنىپ كېتىشىدۇر. بۇنى خەلق كەچۈرمەيدۇ. سەۋەبى دوللارنىڭ ئۆسۈشى بىلەن يېمەك-ئىچمەك باھاسىمۇ ئۆسۈشكە باشلىدى، سۆزسىز يەنە ئۆسىدۇ.»
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شېرىپجان نادىروف دۇنيا ئىقتىسادى كورونا ۋىرۇسىدىن قانچىلىك زىيان تارتسا، قازاقىستان ئىقتىسادىمۇ شۇنچىلىك زىيان تارتىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئىقتىسادىمىز رۇسىيە، خىتاي، قوشنا مەملىكەتلەر ۋە ياۋروپا بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. بىر مەسىلە-نېفىت. نېفىت ھازىر تۆۋەنلەپ كېتىپ، ئۇ پۇل سىستېمىسىغا تەسىر قىلىۋاتىدۇ. بىزدە چەتئەل بىلەن باغلىنىش قانچە چوڭ بولسا، شۇنچە كۆپ زىيان بولىدۇ.»
شېرىپجان نادىروفنىڭ ئېيتىشىچە، كورونا ۋىرۇسى ۋەزىيىتىنى يەنە قانچە ۋاقىتقا سوزۇلىدىغانلىقى ھەققىدە بىرەر پىكىر قىلىش قىيىن. كۆپلىگەن مەملىكەتلەر ئاپرېل ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىنى تەخمىن قىلماقتىكەن. ئۇ يەنە ۋاقىت ئۆتۈپ، كۈننىڭ ئىسسىشى بىلەن كورونا ۋىرۇسى ئوخشاش كېسەللەرنىڭ كۈچسىزلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى، دۇنيا ئالىملىرىنىڭمۇ ۋىرۇسقا قارشى ۋاكسىنا چىقىرىپ، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئىمكانىيىتى پەيدا بولۇشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«لىتېر» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستاننىڭ بىرىنچى پرېزىدېنتى فوندىدىن كورونا ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە 200 مىليون تەڭگە ئاجرىتىلىپ، بۇ ئاساسەن نۇر-سۇلتان ۋە ئالمۇتا شەھەرلىرى ئارىسىدا تەڭ بۆلۈنىدىكەن. ئەمدى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان قاسىم-جومارت توقايېفنىڭ مۇراجىئىتىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان تىجارەتچىلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ۋە يېڭى ئىش ئورۇنلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە كەم دېگەندە 300 مىليارد تەڭگە بۆلۈش قارالماقتىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندا كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى ھەققىدە رەسمىي بىلدۈرۈش ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئالمۇتا شەھەرنىڭ چوڭ سودا مەركەزلىرىدە ئاھالىنىڭ ئوزۇق-تۈلۈك مەھسۇلاتلىرىنى كۆپلەپ سېتىۋېلىشىدا جىددىيلىك پەيدا بولۇشقا باشلىغانىدى. شۇنداقلا بەزى يېمەك-ئىچمەك باھالىرىنى كۆتۈرۈۋېلىش ئەھۋاللىرىمۇ يۈز بېرىپ، بۇ ئاھالى ئارىسىدا ئەنسىزچىلىك پەيدا قىلدى. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي قازاقىستان ھۆكۈمىتى كورونا ۋىرۇسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاھالىنى پاراكەندىلىككە بېرىلمەسلىككە چاقىرىپ، ئاھالىنى ئاساسىي ئوزۇق-تۈلۈك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە بار مۇمكىنچىلىكلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.