ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى: ۋاڭ كېنىڭ خىتاي سەپىرىدە يوقاپ كېتىشى ۋە پەيدا بولۇشى ھەققىدە

0:00 / 0:00

ياپونىيە مەتبۇئاتلارنىڭ 22-مارت ۋە 23-مارتتىكى تور بېكىتى خەۋەرلىرىدە ياپونىيە كوبې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي تەتقىقاتچىسى پروفېسسور ۋاڭ كېنىڭ خىتايغا قىلغان سەپىرىدە يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ياپونىيە ئاساھى گېزىتىنىڭ ئىنگلىزچە خەۋەرلەر تور بېكىتى 22-مارتتىكى خەۋىرىدە «كوبې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئاكادېمىكى خىتايدا يوقاپ كەتتى» دەپ خەۋەر بەردى. «جاپان تايمىس» گېزىتىنىڭ ئىنگلىزچە تور بېكىتىنىڭ 23-مارتتىكى خەۋىرىدە بولسا «كوبې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناس پروفېسسورى يۇرتى خىتايغا قايتىش سەپىرىدە يوقاپ كەتتى» دېگەن سەرلەۋىدە خەۋەر تارقاتتى. ئۇندىن باشقا ياپون تىلىدىكى تور بەتلىرىدىمۇ «ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىس ۋاڭ كې خىتاي سەپىرىدە يوقاپ كەتتى» دېگەن تېمىدا كەڭ خەۋەرلەر تارقالدى.

مەزكۇر خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن كۆپلىگەن تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىپ بىر قىسىم ياپونلار مەتبۇئاتلارنىڭ ئۇنى «ئۇيغۇرشۇناس» دەپ ئاتىشىغا قارشى ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلدى. تۋېتىر تور بېتىدە بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلغان مۇستەقىل ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى ئۇمى خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

-پروفېسسور ۋاڭ كېنى ئۇيغۇرشۇناس دېيىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ، ئۇيغۇر تارىخىنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مەيدانىدا ۋە خىتاي مىللەتچىلىكى ئاساسىدا ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ تەتقىق قىلغان. گەرچە ئۇ ياپونىيەدە بولسىمۇ، ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قارشى ماقالە ۋە كىتابلارنى يازغان. ئۇنىڭ كىتاب ۋە ماقالىلىرىدە تەشۋىق قىلىنىۋاتقىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتۇۋاتقان سىياسىتىنى ئاقلاشتىن ئىبارەت.

ياپونىيە كۈندىلىك خەۋەرلەر تور بېكىتىنىڭ 24-مارتتىكى خەۋىرىدە «خىتايدا تۇغۇلغان ياپونىيە كوبې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 57 ياشلىق پروفېسسورى ۋاڭ كې خىتايغا بېرىپ-كېلىش قىسقا سەپىرىدە يوقاپ كەتتى. ئۇ، كوبې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھازىرقى زامان خىتاي تارىخى پەنلىرى پروفېسسورى بولۇپ، ئىلگىرى خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئېتنىك ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە بۇ تەتقىقاتى ئۈچۈن ياپونىيەدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى» دېيىلگەن.

خەۋەردە كوبې ئۇنىۋېرسىتېتى رەھبەرلىرىنىڭ مەتبۇئاتلارغا بىلدۈرگەن باياناتىمۇ بېرىلگەن بولۇپ ئۇنىڭدا «پروفېسسور ۋاڭ كېنىڭ 1-مارت ياپونىيەدىن خىتايغا سەپەر قىلىشى 10-مارت ياپونىيەگە قايتىپ كېلىشى ئالدىن بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ خىتايغا بارغاندىن كېيىن ياپونىيەدىكى ئائىلىسىگە تېلېفون قىلىپ ئۆزىنىڭ بىر ئاز كېچىكىپ قايتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. سەۋەبى شىئەندىكى ئانىسىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن» دېيىلگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ۋاڭ كېنىڭ ياپونىيەدىكى ئائىلىسى ئۇنىڭ شىئەندىكى ئانىسىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرگەن. ئەمما ۋاڭ كېنىڭ ئانىسى ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ۋە ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بىراق ۋاڭ كېنىڭ ئۆزىنى يوقلاپ كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە كوبې ئۇنىۋېرسىتېتى رەھبەرلىرى پروفېسسور ۋاڭ كېنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى ئەسلىدىكى پىلان بويىچە سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ياپونىيە كۈندىلىك خەۋەرلەر تور بېكىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە پروفېسسور ۋاڭ كېنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىمۇ قوشۇپ بېرىلگەن بولۇپ ئۇنىڭدا:«ۋاڭ كې خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان. 1994-يىلى توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر كەسپىي بويىچە دوكتورلۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن. 2001-يىلىدىن باشلاپ كوبې ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەت قىلغان. ۋاڭ كې 1930-يىللاردىن 1940-يىللارغىچە بولغان ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تارىخىي تەتقىقاتى ئۈچۈن ياپونىيە ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىكى سۇنتورىي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن» دېيىلگەن.

خەۋەردە يەنە، ۋاڭ كېنىڭ خىتاي سەپىرىدە يوقاپ كېتىشى ياپونىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقان خىتاي ئاكادېمىكلىرى ئىچىدە يۈز بەرگەن تۇنجى قېتىملىق ئىش بولماستىن، ياپونىيە توكيو گاكۇئېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى، خىتاي پۇقراسى پروفېسسور جۇ جيەنرۇڭنىڭمۇ 2013-يىلى 7-ئايدا خىتايغا قىلغان سەپىرىدە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىر مەزگىل تۇتۇپ قىلىنىپ 2014-يىلى 1-ئايدا ياپونىيەگە قايتۇرۇلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. خەۋەردە شۇنداقلا بېيجىڭ مىللەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختىنىڭمۇ بۇ يىل 1-ئايدا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

ھوڭكوڭدىكى «ستاندارت» خەۋەرلەر تور بېكىتىمۇ بۇ ھەقتە 24-مارت خەۋەر تارقاتقان بولۇپ، خەۋەردە كوبې ئۇنىۋېرسىتېتى باياناتچىسى شىنسۇكې تويوشىمانىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا «ۋاڭ كېنىڭ ئائىلىسى ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىرىنىڭ ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا سۆزلىشىپ بېقىشنى تەلەپ قىلدى» دېگەن ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدىن ئېلىنغان نەقىلمۇ بېرىلگەن.

ئەمما ياپونىيەدىكى «سانكې نيۇز» تور بېكىتىنىڭ 25-مارت خەۋىرىدە ۋاڭ كېنىڭ 3-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچ سائەت 8:30 دا ئامان-ئىسەن ئوساكادىكى كانساي ئايرودرومىغا قايتىپ كېلىپ، مەكتەپ مەسئۇللىرى بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكى ۋە مەكتەپ رەھبەرلىرى بۇ ھەقتە پات يېقىندا ئاخبارات ۋە مەتبۇئاتلارغا ئۇچۇر بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ۋاڭ كې ياپونىيەگە سالامەت قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ياپونلار يەنىلا ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولدى. بۇ خىلدىكى قاراشتىكىلەردىن مۇستەقىل تارىخ تەتقىقاتچىسى ئۇمى خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

-ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى ۋاڭ كېنى ئۇيغۇرشۇناش دەپ ئاتاپ، خىتايدىكى دۇنيانىڭ دىققىتىنى چېكىۋاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە باغلاپ، ئۇنى بەلكىم خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى دەپ ئويلىدى. ئەمدىلىكتە بولسا ئۇ سالامەت ياپونىيەگە قايتىپ كەلدى. بۇ ناھايىتى چۈشىنىكسىز گۇمانلىق بىر ئىش.

ياپونىيە كوبې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسور ۋاڭ كې «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى. مەزكۇر كىتاب 1996-يىلى توكيودا ياپون تىلىدا ۋە 2013-يىلى ھوڭكوڭدا خىتاي تىللىرىدا نەشر قىلىنغان. ئۇندىن باشقا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت يازغان كۆپلىگەن تەتقىقات ماقالىلىرى بار.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.