خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى گېرمانىيەدە قانداق قارشى ئېلىندى؟

0:00 / 0:00

گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىنىڭ ئانچە كۆڭۈللۈك بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى گېرمانىيە زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرىلا گېرمانىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلىرىدىن خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيەسى، يېشىللار پارتىيەسى ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خايكو ماستىن ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلار توغرۇلۇق ئوچۇق گەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

جەنۇبىي گېرمانىيە تېلېۋىزىيەسىنىڭ 1-سېنتەبىر چۈشتە ئېلان قىلغان «ماس خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى قوبۇل قىلدى» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خايكو ماسنىڭ ئانچە قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشەلمىگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خايكو ماس بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ ئوچۇق سەينادا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ۋاڭ يىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىغا باشلاپ كىرگەن ۋە ئۇنى مۇخبىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا تاشلاپ بەرگەن. ماس ئالدى بىلەن ۋاڭ يىغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، خوڭكوڭدا قايتىدىن سايلام ئۆتكۈزۈشنى ۋە خىتاينىڭ خوڭكوڭغا مەجبۇرىي تاڭغان «دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنى» نى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئارقىدىنلا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ب د ت نىڭ مۇستەقىل بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ رايوندىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ماسنىڭ بۇ سۆزلىرىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ۋاقىت تەلەپ قىلغان. ئۇ ئارىدىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە ئېغىز ئېچىپ «ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىز، بۇنىڭغا خەلقئارانىڭ ئارىلىشىش ھەققى يوق» دېگەن ۋە ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش مەركىزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسەبىيلىكتىن خالىي قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇخبىرلارنىڭ يامغۇردەك سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن. ئەمما ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ياۋروپادىكى 5 دۆلەتتە ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە ئىزچىل ھالدا «دەككىسىنى يەپ كەلگەن».

يېشىللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى سۆزچىسى مارگارېتې باۋزې خانىم جەنۇبىي گېرمانىيە تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ خۇسۇستىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىدە يېتەرلىك ئاۋاز چىقارماي كەلدى. ئەمدى بولسىمۇ مەيدانىنى ئېنىق ئىپادىلىشى لازىم» دېگەن.

جەنۇبىي گېرمانىيە تېلېۋىزىيەسىنىڭ 1-سېنتەبىر كەچتە ئېلان قىلغان «خىتايدىن ئايرىلىش» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خايكو ماسنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبىتىنىڭ ئارقا پەردىسىگە 3 چوڭ تېما يوشۇرۇنغان. بۇنىڭ بىرى، خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنىڭ بەربات بولۇشى، ئىككىنچىسى، ئۇيغۇرلار ۋە مىليونلىغان ئۇيغۇرلار قامالغان جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى، ئۈچىنچىسى، تەيۋەن مەسىلىسى.

خەۋەردە ئىزاھلىنىشىچە، ۋاڭ يى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىقلار، خوڭكوڭدىكى خالىغانچە قولغا ئېلىشلار، تەيۋەن دۇچ كېلىۋاتقان ھەربىي تەھدىت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى» بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇنىڭغا چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشىنى ئەزەلدىن خالىماي كەلگەن. شۇڭا ماس بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ھېچنېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن ۋە ئەسلىدىلا ھېچ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىكەن.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى نوربېرت رۆتگېن بۇ سۆھبەت ھەققىدە مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاينى «ھەم ئىقتىسادىي رىقابەتچى، ھەم سىستېمىلىق رەقىب» دەپ ئاتىغان. ئۇ سۆزىدە، خىتاي بىلەن باشقا مەسىلىلەردە كېلىشەلمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇھىتنى قوغداش جەھەتتىن ھەمكارلىشىش لازىملىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ سىرتقا قارىتا تەھدىت ۋە بېسىملىرىنى رەت قىلىش لازىملىقىنى تىلغا ئالغان.

جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى 1-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «ئاشكارا ھۇجۇملۇق سۆھبەت» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خايكو ماسنىڭ بېسمىىغا دۇچ كەلگەن شۇ دەقىقىلەردە «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك! تىبەتلەرگە ئەركىنلىك! خوڭكوڭغا ئەركىنلىك!» دېگەن نامايىش سادالىرى يىغىن زالىغا ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇرغان، بۇ سادالار ۋاڭ يىغا يېتەرلىك دەرىجىدە بېسىم پەيدا قىلغان.

دەرۋەقە، د ئۇ ق نىڭ تەشكىللىشى بىلەن 1-سېنتەبىر كۈنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسى ئالدىغا يىغىلغان يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇق، تەيۋەنلىك ۋە يەرلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى جاراڭلىق شوئار سادالىرى بىلەن خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنىدى. د ئۇ ق نىڭ بېرلىندىكى تارماق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇرباننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىشنى ئۇلار خىتايغا قارشى پارلامېنتلار بىرلىكى IPIC نىڭ گېرمانىيەدىكى ئەزالىرى بىلەن بىرگە ئۇيۇشتۇرغان.

زامان گېزىتى 1-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «ئۇنچە ياخشى بولمىدى» ناملىق ئانالىز ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئىتالىيە زىيارىتىدە خوڭكوڭ مەسىلىسىگە، فىرانسىيە زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى كەسكىن سوئال-سوراققا، نورۋېگىيە زىيارىتىدە «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى خوڭكوڭغا بېرىش» توغرىسىدىكى سوئالغا، گېرمانىيەدە ئۇيغۇرلار، خوڭكوڭلۇقلار، تەيۋەنلىكلەر مەسىلىسىگە دۇچ كېلىپ ئېغىر بىر بېسىمنى باشتىن كۆچۈرگەن. ماقالىدا «ۋاڭ يى ياۋروپانى زىيارەت قىلىمەن دېمەي، ئۆيىدىلا ئولتۇرغان بولسا ياخشى بولاتتىكەن» دېگەندەك ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن.

شۋېتسارىيە دۆلەتلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە قانىلى 1-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «ماس خوڭكوڭدا سايلام ئۆتكۈزۈشنى، ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىشنى ئىلگىرى سۈردى» ناملىق خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ۋاڭنىڭ بۇ قېتىمقى گېرمانىيە زىيارىتى بىر تەرەپتىن كېلەر ھەپتە باشلىنىدىغان «گېرمانىيە-خىتاي قانۇن دىئالوگى» نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن 9-ئاينىڭ 14-كۈنى باشلىنىدىغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لايىن، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مەركىل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پىرېزىدېنتى چارلىز مېچىل بىلەن سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەتكە يول ئېچىش ئۈچۈن ئىكەن.

گېرمانىيەدىكى مەتبۇئاتلاردا ۋاڭ يىنىڭ بىر ھەپتىلىك ياۋروپا زىيارىتىگە قارىتا ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالىلەرنىڭ، خەۋەرلەرنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ. مەيلى گېزىت-ژورناللاردا بولسۇن ياكى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا بولسۇن، بۇ ماقالە ۋە خەۋەرلەردە ئۇيغۇرلار ھەم جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئاساسلىق تېما بولۇپ كەلمەكتە.