قازاقىستان ئۇيغۇر شائىرلىرى نېمە ئۈچۈن ۋەتەن ماۋزۇسىغا مۇراجىئەت قىلىدۇ؟ (1)
2014.11.13
مەلۇمكى، ۋەتەن ماۋزۇسى قازاقىستان ئۇيغۇر شائىرلىرى ئىجادىيىتىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئەدەبىياتشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ ماۋزۇغا مۇراجىئەت قىلىشى، بىر تەرەپتىن، ئەنە شۇ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ماكانىنى سېغىنىشتىن، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەركىنلىككە تەشنا خەلقىگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتىدىن كېلىپ چىققاندۇر. ئۇيغۇر ئەدىبلىرى قايسى ئەلدە، قانداق تۈزۈمدە ياشىمىسۇن، قايسى جانېردا ۋە يەنە باشقا قانداق ماۋزۇلاردا ئىجاد قىلمىسۇن، تارىخىي ۋەتەن تەقدىرىنى ھېچ قاچان دىققەتتىن سىرت قالدۇرمىغان.
قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يەكۈنلىشىچە، بىر پۈتۈن قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەزكۇر ماۋزۇغا مۇراجىئەت قىلمىغان بىرەر ئەدىپىنى تېپىشمۇ تەس. بۇنى تاكى ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ مەيدانغا كەلگەن ساناقسىز ئەسەرلەر مىسالىدا كۆرۈشكە بولىدۇ.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر شائىرلىرى ئىجادىيىتىدە ۋەتەن ماۋزۇسى قانداق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن بۇ ماۋزۇغا مۇراجىئەت قىلىدۇ؟ سوۋېت تۈزۈمىنىڭ، كوممۇنىستىك ئىدىيىنىڭ قاتتىق تەسىرى ئاستىدا ئۇلار بۇ ماۋزۇدىن چەتنەپ كەتمىدىمۇ؟ ۋەتەن چۈشەنچىسى ئاستىدا ئۇلار نېمىنى كۆزدە تۇتىدۇ؟ سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلاپ، قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن، بۇ ماۋزۇ ئەتراپىدا يەنە قانداق كۆزقاراشلار شەكىللەندى؟ ياش ئىجادكارلار بۇ ماۋزۇنى قانداق چۈشىنىدۇ؟
بۇ ھەقتە بىز ئاتاقلىق شائىرلار ساۋۇت ئىسكەندەروف، ئېلاخۇن جەلىلوف، جەمشىت روزاخۇنوفلار ھەم ياش شائىرلار شائىرەم باراتوۋا ۋە مولۇتجان توختاخۇنوفلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سوئال: ۋەتەن ماۋزۇسىنىڭ ھەر قانداق بىر مىللەت يازغۇچى-شائىرلىرى ئىجادىيىتىدە ئۇچرايدىغانلىقى كۆپچىلىككە ياخشى مەلۇم. ئومۇمەن، شائىر ئۈچۈن ۋەتەن دېگەن نېمە؟
س. ئىسكەندەروف: شائىر ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس، ئەڭ يۈكسەك تېمىلارنىڭ بىرى شۇ ۋەتەن. ۋەتەن سېنى دۇنياغا كەلتۈرگەن، ۋەتەن سېنى ساپ ھاۋاسى بىلەن، شېرىن، سۈزۈك سۈيى بىلەن تەربىيىلەپ ئۆستۈرگەن ئەزىز ماكان. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتەننى كۈيلىگەن، ئۇنىڭ تەقدىرىگە ئېچىنىپ، شۇنى ئۆز شېئىرىيىتىدە بايان قىلغان شائىرلار ۋەتەنپەرۋەر شائىرلاردۇر. شۇ مەقسەت، شۇ يۆنىلىشتە ناھايىتى يۇقىرى ماھارەت قازانغان شائىرلىرىمىز بار. ھەقىقىي يۈرەك قېنى بىلەن، ئەمرى بىلەن ۋەتەننى كۈيلىگەن شائىرلىرىمىزغا شۇ ئىبارە مۇۋاپىق كېلىدۇ.
سوئال: قازاقىستانلىق شائىر بولۇشىڭىز بىلەن سىز بۇ ماۋزۇغا قانداق مەزمۇندا قارايسىز؟ سىزنىڭ ئىجادىڭىزدا بۇ ماۋزۇ قانداق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ؟
س. ئىسكەندەروف: بىز تەقدىرنىڭ تەقەززاسى بىلەن قازاقىستاندا ياشاۋاتىمىز. قېرىنداش قازاق خەلقىنىڭ بىزگە كۆرسىتىۋاتقان راپاۋىتى ئاز ئەمەس. ئۇنى بىز ئىقرار قىلىشىمىز كېرەك. قازاق خەلقى، قازاقىستان ھەققىدىمۇ، ئۇنىڭ يېتىۋاتقان مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، ئەركىنلىكىنى، مۇستەقىللىقىنى ئىپادىلەيدىغان شېئىرلارنى يېزىپ كېلىۋاتىمىز. بۇ بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىك. لېكىن ئەڭ ئاساسى - تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېرىڭ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ياشاۋاتقان قۇتلۇق ماكان سېنىڭ ئويۇڭدىن، خىيالىڭدىن ھېچ قاچان كەتمەيدۇ. بىز باشقا بىر قېرىنداش خەلقنىڭ دۆلىتىدە ياشاۋاتساقمۇ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئەنە شۇ ماكان، قۇتلۇق دەرگاھ ھېچ قاچان خىيالىمىزدىن كەتمەيدۇ. ھەتتا چۈشلىرىمىزدىمۇ شۇنى كۆرۈپ، چۈشلىرىمىز بۇزۇلۇپ كەتكەندە «خەپ، چۈشتە بولسىمۇ كۆرسەمكەن!» دېگەن ئارمانلار بىلەن يازغان ئىدىم بىر شېئىرىمنى.
سىز ئۆز ئىجادىيىتىڭىزدە بۇ ماۋزۇغا نېمە ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلدىڭىز؟
ئى. جەلىلوف: بىز، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار، ئېلىمىزدىكى باشقا خەلقلەر ئوخشاش ئەركىن، باراۋەرلىكتە ياشاپ، ئەمگەك قىلىۋاتقىنىمىز ھەق. ئامما «بىر ئۇيىنىڭ مۈڭگۈزىگە ئۇرساڭ، مىڭ ئۇيىنىڭ مۈڭگۈزى سىرقىرايدۇ» دېگەندەك، تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۈشكۈل ئەھۋالى، ھوقۇقسىزلىقى، كېلەچىكىنىڭ ئۈمىدسىزلىكى بىزنىڭ يۈرىكىمىزنى ئېچىشتۇرىدۇ. شۇڭلاشقا مەن ئۆز ئىجادىيىتىمدە ئەنە شۇ ئېزىلىپ، خورلىنىۋاتقان قانداش، قېرىنداشلىرىمنىڭ مۈشكۈل ئەھۋالىنى كۆرۈپ، بىر تۈركۈم شېئىرلارنى يازغان ئىدىم. ئاللاتائالا ئادەمنى ئەركىنلىكتە ياشاشقا ياراتقان. شۇڭلاشقا ئادەملەر ۋەتەنسىز، يەنى ئەركىن، ئازاد، مۇستەقىل ماكانسىز ياشالمايدۇ.