تۈركىيە خەلقىنىڭ تېررورغا قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئىلھام بەردى

0:00 / 0:00

د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنىۋەرجان ئەپەندى يېقىن تارىخ ۋە كۈنىمىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق، كىشىلىك ھوقۇق كۈرەشلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئېرىشىشنىڭ يېگانە يولىنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن تىنىمسىز كۈرەش قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى، تۈركىيە خەلقىنىڭ تېررورغا قارشى تۇرۇش شوئارى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەتەنپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئىلھام بەرگەن. د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنىۋەرجان ئەپەندى ۋەتەن سۆيگۈسىنىڭ تۈركىيەدىكى ھەر دىن، ھەر مىللەت كىشىلىرىنى بىر پىكىر ئاستىغا جەم قىلىشىدەك كۆرۈنۈشلەردىن ھاياجانلانغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭمۇ بۇ خىل مىللىي روھتىن ئۈلگە ئېلىشى زۆرۈرلۈكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك ھەق-ھوقۇق كۈرەشلىرىنى ئەسلەپ، بۇ كۈرەشلەرنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جانلىق دەرس ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە، ئۇيغۇر ئىلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشلەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ باشقا مىللەتلەردەك ھۆر، خاتىرجەم ياشىشى ئۈچۈن ئۆز ۋەتىنىگە ئىگە بولۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرت ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈردى.