تەتقىقاتچى ۋولف: بېيجىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاننى بازا قىلىپ، خىتاينىڭ غەربىنى قالايمىقان قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ

0:00 / 0:00


26 - ئىيۇل گېرمانىيە دولقۇنلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بريۇسسېلدىكى جەنۇبىي ئاسىيا دېموكراتىيە مۇنبىرى تەتقىقات ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى ۋولف ئەپەندى، خىتاينىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇجاھىتلىرىنىڭ تەھدىتىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

26 - ئىيۇل كۈنى گېرمانىيە دولقۇنلىرىدا ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن جىھادقا قاتنىشىدۇ؟» ناملىق زىيارەت ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن بولغان زىددىيىتى، خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ رادىكال ۋە ئەسكىرىي ھەرىكەت يوللىرىغا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، ئۆز ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا چىقىش يولى تاپالماي، پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى ئەلقائىدە ھەمدە تالىبانلار سېپىگە قوشۇلىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مۇجاھىتلارنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېلدىكى جەنۇبىي ئاسىيا دېموكراتىيە مۇنبىرى تەتقىقات ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى سىگفىرېد ۋولف ئەپەندىنىڭ تىلى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ زىيارەت خاتىرىسىنىڭ مۇقەددىمىسىدە، خىتاينىڭ كۈنسېرى قاتتىق ئېزىشىگە ۋە ئاسسىمىلىياتسىيە بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان، بايلىقلىرى تالان - تاراج قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىكى جىھادىي كۈچلەرنىڭ بارغانسېرى قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى ئىسلامىي كۈچلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىسلام دۆلىتى كۈچلىرىنىڭ خىتايغا جەڭ ئېلان قىلغانلىقى، بۇنىڭغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان ئادالەتسىز مۇئامىلىسىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى بايان قىلىنغان.

مۇخبىر شامىل شامىسنىڭ تۇنجى سوئالى «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن خەلقئارالىق جىھات ھەرىكەتلىرىنىڭ نېمە ئالاقىسى بار؟» دېگەندىن ئىبارەت بولغان. سىگفىرېد ۋولف ئەپەندى جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ توقۇنۇشلىرىنى جىھات ھەرىكەتلىرى بىلەن رادىكاللىققا باغلاشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە نەزەر ئاغدۇرۇش زۆرۈرلۈكىنى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلىرىنىڭ زادى قانچىلىك دەرىجىدە جىھاتچىلارنىڭ تورىغا قېتىلىۋاتقانلىقىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ سېپىگە قوشۇلغانلىقىنى، بۇ تەشكىلاتنى ئامېرىكىنىڭ 2002 - يىلى تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ يەنە، ب د ت نىڭ ئە ت ئى م نى بازا تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بار دەپ قارايدىغانلىقىنى، بۇ تەشكىلاتتىكى ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بازا تەشكىلاتى ۋە ئافغانىستاندىكى تالىبانلار بىلەن بىرگە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇندىن باشقا، چېچىنىيەدە ئەسكىرىي تەربىيە كۆرگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىزىستاندىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقانلىقىنى، ئىسلام دۆلىتىنىڭ سۈرىيەدىكى قىسمىغا ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

بىراق، د ئۇ ق نەشرىيات - تەشۋىقات كومىتېتى مۇدىرى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، بۇ خىل قاراشنىڭ پۈتۈنلەي بىر تەرەپلىمە ئىكەنلىكىنى، ب د ت نىڭ بۇ پىكرىنىڭ خىتاي تەشۋىقاتىنى ئاساس قىلغانلىقىنى، رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

«ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن قېچىپ، جىھاتچىلار سېپىگە قوشۇلۇشىغا نېمە تۈرتكە بولماقتا» دېگەن سوئالغا سىگفىرېد ۋولف ئەپەندىنىڭ جاۋابى: «تۈركىي مىللەتلەر ئائىلىسىگە تەۋە بولغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى شىنجياڭنىڭ ئەسلى ئىگىسى دەپ قارايدۇ ھەمدە بۇ رايوننى شەرقىي تۈركىستان، دەپ ئاتايدۇ. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان يېقىنچىلىقنى ھېس قىلىپ، خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىشنى ياكى تېخىمۇ كۆپ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇققا ئېرىشىشنى خالايدۇ. ئىقتىسادىي مەنپەئەت ۋە رايون ئىستراتېگىيىسىنى كۆزدە تۇتقان خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى قاتتىق زەربە بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر ئىلىنى ئۆز كونترولى ئاستىدا تۇتۇپ قېلىشنى ئۈمىد قىلماقتا. بۇنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق». دېگەندىن ئىبارەت بولغان.

سىگفىرېد ۋولف ئەپەندى يەنە قوشۇمچە قىلىپ، 2009 - يىلىدىكى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۇيغۇر - خىتاي ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 197 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 2012 - يىلىدىن باشلاپ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۇقىرى دولقۇن ھاسىل قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سەۋەبلەردىن قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز ھالدا خىتايدىن قېچىپ، باشقا دۆلەتلەرگە يەرلىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

«يېقىندا تايلاند ھۆكۈمىتى 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى. سىزچە خىتاي ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلار» دېگەن سوئالغا سىگفىرېد ۋولف ئەپەندى «ھېچ شۈبھىسىزكى، ئۇلار چوقۇم ئېچىنىشلىق زىيانكەشلىككە، قېيىن - قىستاققا، ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ، ھەتتا بەزىلىرى ئىز - دېرەكسىز يوقىتىۋېتىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاللابۇرۇن ئۇلاردىن بىر قىسمىنى كۆزدىن يوقاتتى» دەپ جاۋاب بەرگەن. سىگفىرېد ۋولف ئەپەندىنىڭ «خىتاي پاكىستاندىن پايدىلىنىپ، ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر رادىكال كۈچلىرىگە زەربە بېرىش مەقسىتىگە يىتەلەمدۇ» دېگەن سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا، پاكىستاننىڭ خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن ئۆز دائىرىسىدىكى ئۇيغۇر رادىكال كۈچلىرىنى چەكلەشكە مەلۇم دەرىجىدە كۈچى يەتسىمۇ، ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قول ئۇزۇتۇشقا قادىر ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. «ئۇيغۇرلار مەسىلىسى پاكىستان - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن قانداق تەھدىتلەرنى پەيدا قىلىدۇ» دېگەن سوئالغا بېرىلگەن جاۋابتا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خىتاي بىلەن پاكىستان ۋە پاكىستان بىلەن ئافغانىستان مۇناسىۋىتىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، رايوننىڭ مۇقىمسىزلىقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق ئەندىشىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاننى بازا قىلىپ تۇرۇپ، غەربىي دىياردا پاراكاندىچىلىك تۇغدۇرۇشىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

زىيارەتنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوئال «ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرى خىتاي - پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا رىقابەت ئېلان قىلامدۇ - يوق؟» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، سىگفىرېد ۋولف ئەپەندى «بۇ رايوننىڭ ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىرىنچى ھۇجۇم نىشانى بولۇش ئېھتىمالى بار» دەپ جاۋاب بەرگەن ھەمدە شۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن تەقدىردە، خىتاي - پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.