خىتاي ئالىملىرى نېمە ئۈچۈن تۇنجى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ ئورنى «ۋۇ لېي» شەھىرىنىڭ ئىزىنى تاپالمايدۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاي تارىخچىلىرى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئەڭ دەسلەپ پەيدا بولۇش تارىخىنى ئۆزلىرىنىڭ غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە «غەربىي دىيار قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى» قۇرغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىلىرى بىلەن باشلايدۇ. پۈتۈنلەي خىتاي مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ يېزىلغان كىتابلىرىدا ئاتالمىش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى ۋۇ لېي دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەرگە قۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلىشىدۇ. ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن «تارىخنامە»، «كېيىنكى خەننامە» قاتارلىق تارىخىي مەنبەلىرىدىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى تەكرارلىغاندىن كېيىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرىدىن قېزىۋېلىنغانلىقى تەرغىب قىلغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلما ماتېرىياللىرىنى ئىسپات قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ.

بۇ ئاينىڭ 6-كۈنى خىتايچە تەڭرىتاغ تورىنىڭ مەدەنىيەت سەھىپىسىدە «بايىنغولۇنغا كىرسىڭىز، مول تارىخقا كىرىسىز» دېگەن ماۋزۇدا بىر «ئېلان ماقالىسى» ئورۇن ئالغان. «تارىخىي ئەسلىمىلەرنى جانلاندۇرغاندا، ئىلغار مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن يىپەكتەك يۇمشاق بىر جۈملە بىلەن باشلانغان بۇ ماقالىدا غەربىي يۇرتتىكى 36 دۆلەتنىڭ 11 ئىنىڭ بۇ رايوندا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى ۋۇ لېي شەھىرى ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىنىپ، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 60-يىلى بۇ يەردە غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىى، بۇنىڭ خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتقا ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنىڭ دەلىلى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. بۇ مۇھىم شەھەر ئورنىنىڭ كۈنىمىزدە بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ زورقۇت دېگەن يېرىدە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

تېخى 2018-يىلىلا ئۇلار تىلغا ئالغان بۇ شەھەرنىڭ يەنە شۇ بۈگۈر تەۋەلىكىدىكى كۈيۈك شەھەر خارابىسى ئىكەنلىكى داۋراڭ سېلىنغان ۋە ھەتتا شۇ يىلنىڭ ئەڭ چوڭ ئارخېئولوگىيە مۇۋەپپەقىيىتى سۈپىتىدە ب د ت پەن-مائارىپ ۋە مەدىنىيەت ئورگىنى، يەنى «يۇنېسكو» غا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ئىدىغۇ؟ ئۇ ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان ئۇزۇن ماقالە ھەتتا تەتقىقاتچىلاردىن نيې يۆپىڭ (聂跃平) نىڭ شۇ قېتىم قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى شەرىپىگە خىتاي دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىك خەۋىرى يۇنېسكونىڭ مەخسۇس تور سەھىپىسىدە ھازىرغىچە بار. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئەمدى ۋۇ لېي شەھىرىنىڭ ئەسلى ئورنى قانداقسىگە كۆيۈك قەدىمىي شەھىرى ئەمەس زورقۇت قەدىمىي شەھىرى بولۇپ قالدى؟

شۇنداق، خىتايچە تارىخىي مەنبەلەردىن «خەننامە، غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 60-يىلى تەسىس قىلىنغان دەپ قارالغان قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ ۋۇ لېيدە ئىكەنلىكى يېزىلغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىمۇ نامى تىلغا ئېلىنغان بۇ شەھەرنىڭ ئورنىنىڭ بۈگۈنكى بۈگۈر ناھىيەسى تەۋەلىكىدە ئېكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقانلار كۆپ بولسىمۇ لېكىن، تاكى يېقىنقى يىللارغىچە بۇ شەھەر ئورنىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلىگەن بىرەرسىمۇ چىقمىغانىدى.

ئەڭ دەسلەپ بۇ ئاتالمىش مەھكىمە ئورنىنى كۆرسىتىپ بەرمەكچى بولغان كىشى 1819-يىلى يۈننەندىن ئىلىغا پالانغان خىتاي زىيالىيسى شۈسىڭ بولغان. ئۇ «خەننامە، غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دىن پايدىلىنىپ يازغان «غەربىي يۇرت تاغ-دەريالار خاتىرىسى» ناملىق كىتابىدا بەرگەن ئىزاھاتىدا ۋۇ لېي شەھىرىنىڭ ئورنىنىڭ بۈگۈردە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

1907- ۋە 1913-يىللىرى ئىككى قېتىملىق بۈگۈر سەپىرىدە كۆپلىگەن تارىخىي يەرلەرنى كەزگەن ئەنگىلىيەلىك مەشھۇر ئارخېئولوگ ئاۋرېل ستېيىن (Aurel Stein) كۈيۈك ۋە زورقۇت نامىدىكى قەدىمىي شەھەرلەرنى تەكشۈرگەن ۋە ۋۇ لېي شەھىرىنىڭ بۈگۈر كورلا تاشيولىدىكى چېدىر يېزىسى ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش بىلەن كۇپايىلەنگەن. 1928-يىلى بۈگۈرگە كېلىپ ۋۇ لېي شەھىرىنى ئالايىتەن ئىزدىگەن كىشى خىتاي «ئارخېئولوگ» ى خۇاڭ ۋېنبى بولغان. ئۇ، بۈگۈرنىڭ غەربىدىكى ئۈچقات، شەرقىدىكى كۆيۈك ۋە زورقۇت قەدىمىي شەھەر خارابىلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى قىزىل توپا كۆرۈلگەن يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى قېزىپ نۇرغۇن ئاسارئەتىقىلەرنى تاپقان. ئاخىرىدا ئۇ ۋۇ لېي شەھىرىنىڭ ئورنىنى چېدىردا دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن. ئەمما چېدىر تەۋەلىكىدىكى ئۆزئارا ئارىلىقى 9 كىلومېتىر كېلىدىغان كۆيۈك قەدىمىي شەھىرى بىلەن زورقۇت قەدىمىي شەھىرىنىڭ قايسىسىنىڭ ۋۇ لېي شەھىرى ئىكەنلىكى سوئالىغا جاۋاب بەرمىگەن.

ئۇنىڭدىن كېيىن نەشر قىلىنغان خىتاي تارىخ ماتېرىياللىرى ۋە ھەتتا دەرسلىك كىتابلىرىدا ئۇ ئاتالمىش مەھكىمە ئورنى بۈگۈردە دەپ يېزىلىۋەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ خىتاينىڭ غەربىي يۇرتتا ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنى ھەتتا غەربىي يۇرتنىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنسېرى، خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا مەھكىمىنىڭ ئورنى دەپ قەيت قىلىنغان ۋۇ لېي شەھىرىنىڭ زادى قايسى يەردە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئاللار كۈندىن كۈنگە كۆپەيگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ھەر جەھەتتىن قوللىغان ئىزدەش سەپىرى دەسلەپ خىتاي تارىخىي مەنبەلىرى بىلەن باشلانغان. 1980-يىلىدىن باشلاپ بۈگۈرنىڭ ھەممىلا يېرىدە قىدىرىپ تەكشۈرۈش بىلەن داۋاملاشقان. 1998-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئارخېئولوگىيە ئىدارىسى ۋە مۇزېي بۈگۈردىكى 14 ئورۇندا قېزىش ئېلىپ بارغان.

2015-يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئارخېئولوگىيە ۋە تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى لىن مەيسۇن يېڭى بىر نەزىرىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋۇ لېي شەھىرىنىڭ ئورنىنى كۆيۈك قەدىمىي شەھىرى خارابىسى دەپ جاكارلىغان. ئۇ بۇ قارىشىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن خىتاي دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتى، خىتاي دۆلەتلىك مۇزېي ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي بىلەن بىرلىكتە كۆيۈك شەھىرىدە زامانىۋى ئۆلچەش تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىنىڭ ياردىمىدە قېزىش ئۆلچەش ئىشلىرىنى قىلغان. سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئايروپىلان ياردىمىدە 1000 مېتىر ئىگىزلىكتىن تارتىلغان سۈرەتلەردە بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ ئەتراپىمۇ ئېتىبارغا ئېلىنغان. ئىلمىي دېگەنگە قارىغاندا مەجبۇرىي تەتقىقات دېگەن ئاتالغۇغا مۇۋاپىق كېلىدىغان بۇ نەتىجىگە ئاساسلانغاندا قەدىمكى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە خىتاي شەھەرلىرى كۋادرات شەكلىدە، غەربىي يۇرت ۋە باشقا يەرلەرنىڭ شەھەرلىرى يۇمىلاق شەكىلدە سېلىنغانمىش. كۆيۈك قەدىمىي شەھىرى ئەنە شۇ خىتاي شەھەر قۇرۇلۇشى ئالاھىدىلىكىگە مۇۋاپىق كەلگەنلىكى ئۈچۈن ۋۇ لېي شەھىرىنىڭ ئورنى دەپ قاراشقا پۈتۈنلەي مۇمكىنمىش. ئۇنىڭ بۇ «ئاجايىپ» نەتىجىسى دەسلەپ خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا ناھايىتى چوڭ زىلزىلە پەيدا قىلغان. 2018-يىلى داڭلىق ئارخېئولوگىيە ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنغان بۇ نەتىجە دەرھال يۇنېسكوغا مەلۇم قىلىنىپ ئالاھىدە قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت ئىزلىرى تىزىملىكىگە ئالدۇرۇلغان. يۇنېسكومۇ بۇ يېڭىلىققا كۆڭۈل بۆلۈپ ئايرىم تور سەھىپىسىدە تەشۋىق قىلغان.

لىن مەيسۈننڭ تەسەۋۋۇرىدىكى كۆيۈك شەھىرى. (2018-يىلى)
لىن مەيسۈننڭ تەسەۋۋۇرىدىكى كۆيۈك شەھىرى. (2018-يىلى) (iyaxin.com)

كۈتمىگەن يەردىن ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسى قانچە تىز تارقالغان بولسا، شۇنچە تىز كۆزدىن چۈشكەن. چۈنكى، كۋادرات شەكىللىك قەدىمىي شەھەر قۇرۇلۇشلىرى خەن دەۋرىدە خىتاينىڭ قەدىمى يەتمىگەن باشقا يەرلەردىن ۋە قىتەلەردىنمۇ خالىغانچە تاپقىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىسپاتلار كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ ۋاقىتتا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەنە بىر پروفېسسورى چېن لىڭ (陈凌) يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىپ، شەھەر قۇرۇلۇش شەكلىنىڭ ۋۇ لېينىڭ ئورنىنى بەلگىلەشكە دەلىل بولالمايدىغانلىقى تەكىتلىگەن. ئۇ 2017-يىلى ئەينى ۋاقىتتا خۇاڭ ۋېنبى ئۈچقات شەھىرىدىن تاپتىم دەپ خاتىرىلىگەن ئىككى تامغىنى ئىسپات كۆرسىتىپ، ۋۇ لېي شەھىرى ھازىرقى ئۈچقات قەدىمىي شەھىرىدە بولغان دەپ ھۆكۈم چىقارغان كىشى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، خىتاي دۆلەتلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى ناھايىتى كۆپ مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن «غەربىي رايون قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تۈرى» نىڭ يېتەكچىسى بولۇپ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى بىلەن بىرلىكتە چوڭ بىر ئەترەت تەشكىللەپ بۈگۈرگە كەلگەن. ئۇلار ناھايىتى كۆپ ئادەم كۈچى بىلەن ئۈچقات، كۆيۈك ۋە زورقۇت قەدىمىي شەھەرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قازغان ۋە تەكشۈرگەن. 2022-يىلىغىچە سوزۇلغان بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسى شۇ يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان. ئۇلار كاربۇن 14 ئۆلچەش تېخنىكىسى بىلەن بايقالغان ئادەم ئىسكىلىتلىرى ۋە باشقا بۇيۇملارنىڭ يىل دەۋرىنى ئۆلچەش ئارقىلىق كۆيۈك شەھىرىنىڭ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 550-يىلى ئەتراپىدا قۇرۇلغانلىقىنى، زورقۇت قەدىمىي شەھەرىنىڭ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 60-يىللىرى ئەتراپىدا بىنا قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى ئېلان قىلىشقان. ئۇ بۇ قېتىم مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 60-يىلى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىنى ۋە قېزىۋېلىنغان ياغاچتا ساقلىنىپ قالغان خىتاي ھۆكۈمرانلىقى سىمۋولى دەپ قارىلىدىغان ئازغىنا قىزىل بوياق ئىزىنى دەلىل كۆرسىتىپ، ۋۇ لېي شەھىرى ئورنىنىڭ زورقۇت قەدىمىي شەھەر خارابىسى دەپ جاكارلىغان.

ئۇ، بۇ قېتىمقى پەرىزىنى 2017-يىلىدىكى تەسەۋۋۇرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ۋۇ لېي شەھىرى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 60-يىلى بىنا قىلىنغان. ۋۇ لېي شەھىرى قاراشەھەر بەگلىكى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەندىن كېيىن ئۈچقات شەھىرىگە كۆچكەن دېگەندەك يېڭىچە چۈشەندۈرۈش بەرگەن.

قىزىقارلىق يېرى چېن لىڭنىڭ 4 يىل داۋاملاشقان قېزىش، تەكشۈرۈش تەتقىقاتلىرىغا ۋە يېڭىچە ئىلمىي تەھلىللىرىگە سەۋەبچى ھەم ياردەمچى بولغان ھەل قىلغۇچ مەنبە ئۇ تارىخىي ئىزلارنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدىكى ناملىرى ۋە مەنىلىرى بولغان. ئۈچقات شەرھىرىنىڭ ئىچكى، تاشقى ۋە سىرتقىدىن ئىبارەت 3 قىسىمغا ئايرىلىدىغانلىقىنى، كۆيۈك شەھىرى ئىسمىنىڭ كۆيۈش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئۇچۇرىغا ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىق ئېرىشكەن.

چېن لىڭ ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن زورقۇت ئىسمىنىڭ شەھەر بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تەھلىل قىلغان بولسا ئىدى، بەلكىم ئۇنىڭ مېڭىسىدە يەنى بىر يېڭى ئەقىل تۇغۇلغان بولاتتى. «زورقۇت» سۆزىنىڭ تۈزۈلۈشى ئورخۇن ئابىدىلىرىدىن بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشىدا ئۇنۋان سۈپىتىدە كۆرۈلگەن، تۇرپاندا يەر ئىسمى بولۇپ ساقلىنىپ كەلگەن غەربىي ئۇيغۇر قاغانلىقى پادىشاھلىرىنىڭ بىر نەچچىسىنىڭ ئىسمىدىكى ئىدىقۇت (ئىدوق+قۇت) يەنى «قۇتلۇق ھۆكۈمدار» قۇرۇلمىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. دېمەك زورقۇت سۆزى ئۇيغۇر تىلىدا چوڭ، كۈچلۈك، ھەيۋەتلىك مەنىسىدىكى پارىسچە «زور» سۆزى بىلەن «مۇقەددەس، قۇتلۇق» مەنىسىدىكى «قۇت» سۆزىدىن تۈزۈلگەن. دېمەككى، «زورقۇت» ئىسمى ئەسلىدە بۇ شەھەرنىڭ بىر «چوڭ قاغان» نىڭ ياكى «كۈچلۈك قاغان» نىڭ ئوردىسى جايلاشقان يەر ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ.

ئۇنداقتا چېن لىڭنىڭ ئاخىرقى خۇلاسىسىنى توغرا دېيىشكە بولامدۇ؟ «خەننامە غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە ئاتالمىش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ ۋۇ لېيدە ئىكەنلىكى يېزىلغانلىقى خىتايلارنىڭ بۇ شەھەرنى بىنا قىلغانلىقى مەنىسىنى بېرەمدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن خىتاي تارىخ ماتېرىياللىرىدا شۇنداق شەھەر قۇرۇلۇشى ھەققىدە يېزىلمىغان؟

چېن لىڭنىڭ ئاخىرقى خۇلاسىسى ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت تەتقىق ۋە تەھلىل قىلىش ئاساسىدا چىقىرىلغان بولسىمۇ لېكىن، يەنىلا يېتەرلىك ماددىي دەلىللەرگە تايىنىلمىغان. شۇڭا ئۇ بىر پەرەزدىن باشقا نەرسە ئەمەس. «خەننامە غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە «مەھكىمە ۋۇ لېي شەھىرىدە ئىدى» دېگەنلىك ھەرگىزمۇ شەھەرنىڭ مللادىيەدىن بۇرۇنقى 60-يىلى يېڭىدىن قۇرۇلغانلىقى مەنىسىدە كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ تەھلىلى ۋە دەلىللىرى ئۇ شەھەرنىڭ بۇرۇن مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرسىز. ئۇ، قوللانغان كاربۇن 14 ئارقىلىق تېپىلغان ‍ئىسكىلىت ۋە بۇيۇملارنىڭ يىل دەۋرىنى ئۆلچەش كۆيۈك شەھىرىنىڭ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 550-يىلى ئاللىقاچان گۈللەنگەن بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلىپ، خىتايلارنىڭ ئۇ ۋاقىتتا غەربىي يۇرتنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە شەھەرنىڭ خۇاڭ ۋېنبى بۇرۇن پەرەز قىلغاندەك خەن سۇلالىسى سالغۇنى لى گۇاڭلى سەمەرقەنت سەپىرىدە كۆيدۈرۈۋەتكەن لۈن تو شەھىرىمۇ ئەمەسلىكىنىمۇ ئېنىقلاپ بەرگەن. كۆيۈك ئىزلىرىنىڭ بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەت كۆيدۈرۈش ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان ۋە نۇرغۇن تۆمۈر بۇيۇملار تېپىلغان. ئۇنداقتا بۇ دەلىللەر ئۇ ئورۇننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى بىر تۆمۈر تاۋلاش ئورنىنىڭ خارابىسى ئىكەنلىكىنى نېمە ئۈچۈن چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ؟!

زورقۇت شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىدىن مەلۇم بولغىنىدەك ئۇ يەر بۇرۇن بىر خىتاي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان مەھكىمە ئەمەس، بەلكى بىر دۆلەت ياكى قاغانلىق مەركىزى بولغانلىقى ئېنىق. تارىخىي بىلىملىرىمىزدىن مەلۇمكى، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 50-يىللارنىڭ ئاخىرىغا يېقىن غەربىي دىيارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ھۇنلار شۇ يىللاردا يۈز بەرگەن بىر قىسىم تەبىئىي ئاپەتلەر شۇنداقلا ئىمپېراتۇرلۇقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تالاش تارتىشلار سەۋەبىدىن ئاجىزلاپ قالغانىدى. شۇڭا ئۇلار مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 60-يىلى بىر مەزگىل ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش مەقسىتىدە شىمالىي تەرەپلەرگە كۆچكەن. پۇرسەتپەرەسلىك قىلغان خەن سۇلالىسى بىر يىلدىن بېرى ئەلچى ۋە كۆزەتكۈچى نامى بىلەن غەربىي دىياردا يۈرگەن جېڭ جى ئىسىملىك بىر كىشىسىنى دەرھال قورۇقچىبەگ دەپ ئاتاپ بوش قالغان ھۇن زېمىنىغا ئىگە بولۇۋالماقچى بولغان. جېڭ جى ھۇنلار تاشلاپ كەتكەن شەھەرلەردىن بىرىگە چۈشكەن. شۇڭا ئۇنىڭ شەھەر بىنا قىلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق. تاكى يەنە شۇ ۋۇ لېيگە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇردۇق دەپ داۋراڭ سېلىۋاتقان «ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى» نىڭمۇ ئورنى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس. چۈنكى، بۇ ئاتالمىش مەھكىمە خىتاي سىياسىي تارىخچىلىرى تەسەۋۋۇر قىلغاندىن كىچىك بولۇپ، مۇقىم بىر ئورنىمۇ بولمىغان. قورۇقچىبەگ ئاتالغان كىشىلىرىنىڭ ۋەزىپىسىمۇ ھەر خىل مەنسەپ تامغىلىرى ۋە ھەدىيەلەرنى يېنىدا كۆتۈرۈپ، پەرقلىق بەگلىكلەر ئارىسىدا ئايلىنىپ، بەگلەرنى مەنسەپ ۋە ھەدىيەلەر ئارقىلىق خەن سۇلالىسىگە خىزمەت قىلىشقا ماقۇل كەلتۈرۈشتىن باشقا ئىش بولمىغان. خىتاي تارىخچىلىرى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 60-يىلىدىن مىلادىيەدىن كېيىنكى 107-يىلىغىچە جەمئىي 167 يىل جەريانىدا قورۇقچىبەگ بولغان دەپ كۆرسىتىدىغان 23 كىشى ئىچىدە بىرىنىڭمۇ ئولتۇرغان مەھكىمە ئورنىنىڭ ھېچ بىر تارىخىي مەنبەدە تىلغا ئېلىنماسلىقىنىڭ ئۆزىلا بۇنىڭ يېتەرلىك ئىسپاتى.

قورۇقچىبەگ لى چوڭنىڭ تامغىسى ۋە غەربىي دىيارنىڭ ئەڭ شەرقىدىكى چىئاڭ بەگلىكىگە ئاتالغان تامغىنىڭ ئۈچقاتتىن تېپىلىشىمۇ بىزنىڭ بۇ قارىشىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەھقىقلەيدۇ. خالاس!

قىسقىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن مۇقىم يەرلىشىپ باقمىغان قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى ۋۇ لېينىڭ ئورنىنى ئەلۋەتتە مەڭگۈ تاپالمايدۇ.

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.