خەيرلىك سەپەردە خالمۇرات غوپۇر

ئوبزورچىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2020.08.28
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Xalmurat-ghopur-2016.JPG خالمۇرات غوپۇر بېيجىڭدىكى مەركىزىي خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىدە. 2016-يىلى ئاۋغۇست.
CCTV

«خالمۇرات غوپۇر ئورۇنلاشتۇرغان، چاتاق چىقمايدۇ!» دېگەن ئىدى بىر دوستۇم بۇندىن بەش يىل بۇرۇنقى 23-ئاۋغۇست. ئۇ كۈنى مەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئورۇنلاشتۇرغان بىر سودا ئۆمىكىگە تەرجىمان بولۇپ تۈركىيەگە بېرىشقا تەكلىپ قىلىنغان ئىدىم. ئۆمەك تۈركىيەدە ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى قۇرۇش ئۈچۈن يولغا چىقماقچى ئىكەندۇق. «بارالمايمەن» دېدىم، ئەمما سەۋەبىم ئۇلارنى قايىل قىلالمىدى. ئۆمەكتىكىلەر خالمۇرات غوپۇرغا ئىشەندى. ئۇلار مېنىڭ دىلويۇمنى ئاددىي چاغلاپ قالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرىشىچە مېنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت بىلەن كېسىلگەنلىكىم ئۇلارنى خاتىرجەم قىپتۇ.

مېنىڭ تۈركىيەگە بېرىشقا ئەمەس، ئىستانبۇلغا بىلەت ئالالىشىمغا، ئۈرۈمچىدىن ئايروپىلانغا چىقالىشىمغا تىرناقچىلىكمۇ ئىشەنچىم يوق ئىدى. ئۆمەكنى تەشكىللىگەن خالمۇرات غوپۇر ھەرقانچە قابىل رەھبەر بولغان تەقدىردىمۇ خىتاينىڭ چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈشلىرىگە ئارا تۇرالمايتتى. ئۇ ھەر قانچە ئىناۋەتلىك سىياسىي ئەرباب ۋە مۇھىم شەخس بولغان تەقدىردىمۇ مېنى تۇتقان ۋە دائىم پايلاپ يۈرىدىغان، ئايرۇرپورتتا قول سېلىشى مۇمكىن بولغان دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىغا بۇيرۇق بېرەلمەيتتى.

تەرجىمانلىق تەكلىپىنى رەت قىلىش ئۈچۈن ھەقىقەتنى ئېيتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مەن ۋە ئىككى دوستۇم تەڭرىتاغ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئىقتىسادى جىنايەت بىلەن ئەيىبلىشىگە قوشۇلغىنىمىز ۋە ئىقرار بولغىنىمىز ئۈچۈن سىياسىيغا باغلىنىپ يېتىپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالغانىدۇق. مەن بۇ گەپلەرنى دېيەلمىگەچكە ئۆمەكتىكىلەر «ئىقتىسادىي جىنايەت بولغاندىكىن ھېچ گەپ يوق، خالمۇرات غوپۇر باش بولغان ئىشتىن چاتاق چىقمايدۇ!» دېگەندە چىڭ تۇردى.

25-ئاۋغۇست كەچتە، ئۆمەك تاموژنا تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندە مېنى ئايرىم ئۆيدە ئېلىپ قالدى. ئايروپىلان مەن سەۋەبلىك يېرىم سائەت كېچىككەندە بەلكىم ئۇلار ھەممىنى چۈشەندى بولغاي، بىرقانچەيلەندىن باشقا ھېچ بىرىنىڭ چىرايى ئېچىلمىدى، كېيىنكى كۈنلەردىمۇ ماڭا چىش يېرىپ گەپمۇ قىلمىدى. ئىستانبۇلدىكى مېركۇرى مېھمانسارىيىدا بىر قانچە كۈن تۇرۇپ قالدۇق. خالمۇرات غوپۇر بىلەن شۇ يەردە ئۇچراشتۇق. تۇنجى كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ ئارىمىزدىكى بىر دوپپىلىق مويسىپىتنىڭ ئالدىغا كېلىپ كۆرۈشكىنىگە دىققەت قىلدىم. چۈنكى ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۇ قەشقەرلىك بوۋايغا مەنسىتمىگەندەك قاراپ زەردەمنى قايناتقانىدى.

خالمۇرات غوپۇرنىڭ تەلەپپۇزى يېنىك ۋە سىلىق ئىدى. مەن ئۇنىڭ رۇسىيەدە دوكتۇرلۇقنى پۈتكۈزۈپ ئۇيغۇر تېبابەت تەتقىقات ئورنى قۇرۇپ چىققانلىقىدىن، ئۇيغۇر تېبابەت دورا زاۋۇتى بەرپا قىلغانلىقىدىن ۋە ئاخىرىدا تېببىي ئۇنۋېرىستىتتا ئۇيغۇر تېبابەت فاكۇلتېتىنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى بىلەتتىم. مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسىنى ئاۋۋال زامانىۋى تەجرىبىخانىغا، ئاندىن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىغا، ئاخىرىدا تەتقىقات قوشۇنى يېتىشتۈرىدىغان مائارىپ بازىسىغا ئىگە قىلغانىدى.

خالمۇرات غوپۇر شۇ كۈنى ئۇ يەنە ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنى تېببىي ئۇنۋېرىستېتقا قوشۇۋېلىشنىڭ ئۇيغۇر تېبابەت تەرەققىياتى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى سۆزلىدى. ئۇنىڭ خوتەندىكى ئۇيغۇر تېبابەت ئالىي تېخىنىكومىنى تېببىي ئۇنۋېرىستېتىقا ئۆزگەرتىش ھەققىدە بەرگەن چۈشەندۈرۈشلىرىگە قايىل بولدۇم. ئۇنىڭ شىنجاڭ ئۇنۋېرىستېتىغا ئىسلام ئىنستىتۇتىنى قوشۇۋېتىش تەشەببۇسى مېنى ھەيران قىلغانىدى. ئۇنىڭچە ئىسلام ئىلىملىرىنى ھۆكۈمەت بىر ئىلىم دەپ ئېتىراپ قىلسا بۇ ئىلىمنى ئوقۇيدىغانلارمۇ تولۇق ئوتتۇرىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۆتكەنلەردىن تاللىنىشى كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭچە ھازىرقى ئۆلىمالار ئىسلامدىن ئۇيغۇرلارغا ماس پىكىر يارىتالمىغاچقا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەرەپلەشمەكتىكەن. ئۇنىڭچە كونا پىكىرلەر خەلقنىڭ دىنى ئېھتىياجىغا، دۇنياۋى يۈزلىنىشكە ۋە ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشماي قالغان، شۇڭا ئىسلام ئىنىستۇتىنى شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىنىڭ بىر بۆلۈمى قىلماي تۇرۇپ ئۇنداق يۇقىرى ساپالىق ئۆلىمالارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا بولمايدىكەن.

خالمۇرات غوپۇرنىڭ مەن خاتىرەمگە يېزىپ قويغان ئەسلى سۆزى مۇنداق ئىدى. «بەزى ئۇيغۇر ئۆلىمالار ئۇيغۇرلار ئىسلامنى تارىختىن بۇيان ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگىنىپ كەلگەن، كىچىكىدىن يېتىشىپ چىقمىسا ئالىي مەكتەپتە بەش يىل ئوقۇغانغا ئۆگىنىپ بولالمايدۇ، دەپ قارايدىكەن. مەن ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تېبابەت تەتقىقات ئورنى قۇرغاندا، فاكۇلتېت قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىمۇ تېۋىپلار شۇ گەپنى قىلغان. تېبابەت دېگەننى ئۇستازغا ئەگىشىپ كىچىكىدىن باشلاپ ئۆگىنىدۇ، ئالىي مەكتەپتە ئۆگىنىپ بولالمايدۇ، دەيدىغانلار چىققانىدى. مانا بىز بۈگۈن ئۇيغۇر تېبابىتىنى تەجرىبىخانىغا ئېلىپ كىردۇق، ئالىي مەكتەپتە ئۆگىتىۋاتىمىز، قېنى شۇ بولمايدۇ، دېگەنلەر؟ شۇڭا بىز خەلقىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلەيمىز دەيدىكەنمىز ئىدىيەمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىز كېرەك. ھازىر ئىسلامنى ئالىي مەكتەپتە بەش يىل ئوقۇپ ئۆگىنىپ بولغىلى بولمايدۇ، دېگەن گەپ بىلەن بۇرۇنقى تېبابەتنى مەكتەپتە ئۆگەنگىلى بولمايدۇ دەپ قاراشنىڭ پەرقى يوق». ئۇنىڭ شۇ كۈنى «بىز تۈركىيەگە مەبلەغ سالغىلى، تېبابىتىمىزنى تەشۋىق قىلغىلى كەلدۇق. ئۇيغۇرلار چەتئەلگە بىر بولسا بىلىم ئالغىلى، پۇل خەجلىگىلى ياكى بولمىسا يېلىنىپ پاناھلانغىلى چىقمىسۇن، بىلىم بەرگۈچى، ئىگىلىك تىكلىگۈچى، زاۋۇت قۇرغۇچى بولۇپمۇ چىقسۇن، دۇنيا بىزنى تىلەمچى كۆرۈپ قالسا بىزگە ئىشەنچ قىلالمايدۇ!» دېگەن سۆزى ھېلىمۇ يادىمدا.

خالمۇرات غوپۇر ناتىق ئىدى. شۇ كۈنى ئۇنىڭ ئىستانبۇلدا ئۆمەك ئەزالىرىنى قايىل قىلغان نۇتۇقلىرىدەك نۇتۇقلارنى بۇرۇنمۇ ئاڭلىغانىدىم. ئۇنىڭ تەرىپى، رىغبەتلىك نۇتۇقلىرى ۋە ئىلھامبەخش سۆزلىرى ھەققىدە دوستلاردىنمۇ كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم. مېنىڭ شاھىت بولغىنىم 2007-يىلى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلىگەن نۇتقى ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەتكە يېڭى چىققاندا ئۆگىنىشتە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. خالمۇرات غوپۇرنىڭ شۇ يىللاردا كەچلەردە ئائىلىسىدە ئۆگىنىش شارائىتى يوق ئىكەن. ئۇنىڭغا ئىدارىدە ياتاق بېرىلمەي، كۈندۈزى ئىشلەپ كەچلىرى ئىشخانا بىناسىدىكى بىر ھاجەتخانىغا قاتلىما كارىۋات قويۇپ ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىغا شۇ يەردە تەييارلىق قىلغانىكەن. ئۇنىڭ نۇتۇق ئاخىرىدا «جېنىم بالىلار، ئوماق ساۋاقداشلار، بىز باشقىلاردىن ئىككى ھەسسە قاتتىق ئۆگىنىشىمىز كېرەك، ئىستىقبالىمىز تىرىشچانلىقىمىزغا باغلىق، ئەمدى ئۆگەنمەسلىككە باھانىمىز يوق!» دېگەن گەپلىرى ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ.

خالمۇرات غوپۇر تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن 2018-يىلى خىتاي ئىشلىگەن تەشۋىقات فىلىمدا «2030-يىلى بىر خەلىپىلىك قۇرۇپ ئۆزى داھىيسى بولماقچى بولغان» دېگەن بىر كۈلكىلىك جۈملە ئۇچرايدۇ. خالمۇرات غوپۇر بىلەن ئۇچراشقان خەيرلىك سەپەردە ئۇنىڭ «مەن ئاپتونوم رايونغا رەئىس بولغان بولسام» دېگەن سۆزىنى بىر قانچە قېتىم ئاڭلىغانىدىم. ئەمما مەن ئۇنىڭ خەلىپىلىك دېگەن سۆزنى چۈشىنىدىغانلىقىغىمۇ ئىشەنمەيمەن. كىچىكىدىن خىتايچە ئوقۇغان، ئۇيغۇر تىلىنى ئۇيغۇر تېبابىتىنى ئۆگىنىش جەريانىدا مۇكەممەللەشتۈرگەن بۇ زىيالىي ھېچ قاچان خەلىپىلىك چۈشى كۆرۈپ يۈرمەيدۇ. خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى» ئوتتۇرا شەرقتىكى كاللاكېسەر رادېكال «دەپ ھېسابلىغان بولغاچقا ئۇ ئەمەلىيەتكە پەقەتلا ئۇيغۇن بولمىغان بىر يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقىرىپتۇ.

مەن بىلىدىغان خالمۇرات غوپۇر كاللىسى ھەر دائىم پىلانلار بىلەن لىقلانغان، قولى ئىشلار بىلەن مەشغۇل، كىشىلەرنى بۇغداي ناندەك سۆزلىرى بىلەن ئايلاپ بۇغداي نانسىز ئىشلىتەلەيدىغان تەشكىلاتچى ئىدى. ئۇ تەشكىللىگەن شۇ خەيرلىك ئۆمەك مېنىڭ سەپەر قىلىشىمغا ۋە تەۋەككۈل قىلىپ قارماقتىن قۇتۇلۇشۇمغا سەۋەب بولغانىدى. ئەلۋەتتە خالمۇرات غوپۇرنىڭمۇ بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن قىلغان خاتالىق ۋە سەۋەنلىكلىرى يوق ئەمەستۇر. پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش، تەتقىقاتلارنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئورگانلارنى قۇرۇش ۋە يېتەكلەش جەريانىدا يۈز ئادەمنى خوش قىلسا مىڭ ئادەمنى رەنجىتكەن يەرلىرى باردۇر. پەقەت ئۇيغۇر ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلمىغان ئادەملا ھېچ بىر دۈشمەنلىك، ئۆچمەنلىك ۋە سۆز چۆچەكلەردىن يىراق ياشايدۇ. مەيلى نېمە بولمىسۇن ئۇ ئۇيغۇر تېبابىتىنى زامانىۋى تەجرىبەخانىلارغا، زاۋۇتقا ۋە دوراخانىلارغا ئېلىپ كىرگەن، ئۇيغۇر ياشلارغا ئۈلگە بولۇپ ئىلھاملاندۇرغان، تېبابەت ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن ئۇيغۇردا مىللەتكە پەخىر ۋە ئىشەنچ ئۇرغۇتقان تۆھپىكار شەخس ئىدى.

خالمۇرات غوپۇرنىڭ تەرجىمىھالى

خالمۇرات غوپۇر 1960-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1983-يىلى شاڭخەي جۇڭيى تېبابەت ئۇنۋېرىستىتىنى پۈتتۈرگەن. 1988-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرىستىتىدا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1993‏-يىلى رۇسىيەنىڭ سانكىت-پېتېربۇرگ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. 1996‏-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرى، 1998‏-يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ۋە مۇدىرى بولغان. 2017‏-يىلى 3‏-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورا مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا يۆتكەلگەن. 2017-يىلى دېكابىردا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 2018-يىلى «بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى» بىلەن ئىككى يىل كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. خالمۇرات غوپۇرتەتقىقات ھاياتىدا 300 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. خىتايدا ۋە چەتئەللەردە 10 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب نەشر قىلدۇرغان.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.