زامانىمىزدىكى دۇنيا سىياسىي ۋەزىيىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى بەزى ئانالىزچىلار يېڭى بىر مەيدان «سوغۇق ئۇرۇش» نىڭ باشلىنىشى، دەپ تەسۋىرلەۋاتقاندا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا دائىر كىتابلار» تىزىملىكىدە نەشر قىلىنغان كىتاپلار قاتارىدىن ئۇيغۇرلارغا دائىر بىر پارچە كىتاب ئورۇن ئالدى. ئۇ بولسىمۇ ئەزەربەيجاندىكى باكۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئەزەربەيجان پارلامېنتىنىڭ سابىق ئەزاسى جەمىل ھەسەنلى ئەپەندىنىڭ يېقىندا نەشردىن چىققان «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتى: ستالىن ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلق ھەركىتى» ناملىق ئەسىرىدۇر. غەرپ دۇنياسىدىكى ئوقۇرمەنلەرگە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ-قارشىلىقنىڭ يىلتىزى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي كارتىنىسىنى تەسۋىرلەپ بېرىشتە مەزكۇر ئەسەر ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئاپتورنىڭ ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «ۋىلسۇن مەركىزى» دە زىيارەتچى ئالىم بولغان مەزگىللىرىدە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ھەركىتى ھەققىدىكى ئارخىپلار» نى رۇسچىدىن ئېنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىشى بىلەن بۇ ھەقتىكى قىسمەن سىرلار تاشقىي دۇنياغا مەلۇم بولۇشقا باشلىغان ئىدى. بۇ قېتىمقى ئەسەردە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى لاگېرلار سىياسىتى ۋە زور كۆلەملىك سىياسىي باستۇرۇش ھەركىتىدىن سۆز باشلانغان ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل زىددىيەتلىك ۋەزىيەتنىڭ ئۇرۇقى ئەمەلىيەتتە ئۇزۇن يىللار ئىلگىرىلا چېچىلغانلىقى، بولۇپمۇ 1930- ۋە 1940-يىللاردا كۆرۈلگەن جياڭ جېشى رەھبەرلىكىدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئەمەلىيەتتە دەل مۇشۇ خىل قارشىلىقنىڭ تېخىمۇ قەدىمىي ئۈلگىسى ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. دەرۋەقە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئويغىنىش ھەركىتىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان بۇ دەۋر تارىخشۇناسلارنىڭ زور قىزىقىش دائىرىسىدە بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىگىرمە-ئوتتۇز يىل مابەينىدە مۇشۇ مەزگىلدىكى تارىخ ھەققىدە يەتتە-سەككىز پارچە مەخسۇس ئەسەر نەشر قىلىنغان. بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى غەرپ دۇنياسىنىڭ ئالىملىرى يازغان بولسا، يەنە بەزىلىرىنى خىتاي مۇتەخەسسىسلەر يېزىپ چىققان. ئاپتور بىلەن بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا گەپ ئالدى بىلەن مۇشۇ يەردىن باشلاندى. جەمىل ھەسەنلى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆزىنىڭ بۇ ئەسىرىنىڭ بۇ ساھەدىكى باشقا ئەسەرلەردىن قانداق پەرقى بارلىقى قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «دەرۋەقە، بۇ بىر قىزىق سوئال بولدى. ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ ئەسەرلەر يېزىلدى. مەسىلەن، لىندا بېنسون، جېيمىس مىلۋارد، فرېدرېك ستار، جاستىن جاكوبس، دېيۋىد بروفىي قاتارلىقلار بۇ ھەقتە مەخسۇس كىتاپ يازدى. ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مەن ئىشلەتكەن ماتېرىياللارنى ئىشلەتمىگەن. نېمىشقا دېسىڭىز، بۇ كىتاپنى يېزىش جەريانىدا مەن پايدىلانغان ماتېرىياللارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تېخى تاشقىي دۇنياغا مەلۇم بولمىغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى مەخپىي ئارخىپلاردۇر. يەنە كېلىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى رۇسچە ئارخىپلار بولۇپ، ئۇلاردىكى ئۇچۇرلار بەكلا يېڭى. مەن بىرنەچچە يىللار ئىلگىرى بۇ ئارخىپلار ئۈستىدە مەخسۇس ئىشلىگەن. ئۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئايرىم كىتاپ يېزىش ئويۇم يوق ئىدى. چۈنكى بۇ تېمىنى ئىشلەش ئۈچۈن نۇرغۇن مەسىلىلەر خىتايغا ۋە خىتايچە تىلغا بېرىپ تاقىلىدۇ. بۇ مېنىڭ ئۈچۈن قىيىن ئىدى. ئەمما مەن ستالىن دەۋرىدىكى ئىران كىرىزىسى ۋە تۈركىيە كىرىزىسى ھەققىدىكى كىتابلىرىمنى يېزىش جەريانىدا ك گ ب (КГБ)، ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرلىقى، ستالىن فوندى قاتارلىق جايلاردا ساندۇق-ساندۇقلاپ ساقلىنىۋاتقان ئارخىپلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارغا دائىر كۆپلىگەن ئارخىپلارنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم. قارىسام، ستالىن ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئىران، تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق جايلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر يۆنۈلۈشلۈك سىياسەت ئوربىتىسىدىكى نۇقتىلار ئىكەن. يەنە كېلىپ قارايدىغان بولساق، بۇ جايلاردىكى سىياسىي ئاقىۋەتنىڭ نەتىجىلىرىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئاشۇ ئىككى پارچە كىتابنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا دائىر بۇ ئەسەرنى يېزىپ چىقتىم.»
ئاپتور ئەسىرىدە 1930-يىللاردىكى پەۋقۇلئاددە تارىخىي باسقۇچتا كۆرۈلگەن ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتىگە ئالاھىدە سەھىپە ئاجراتقان. بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بولغان قىزىقىشى يۇقۇرى پەللىگە چىقىۋاتقان 1930-يىللاردا بۇ رايوندا مىللىي ئويغىنىش ھەركىتى قانات يېيىشقا باشلىغان. يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا، 1912-يىلى قۇمۇل رايونىدا پارتلىغان تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭى، 1917-يىلى كۇچادىكى مەمەت ئەلىخان قوزغىلىڭى قاتارلىقلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان خەلق قوزغىلاڭلىرى مۇشۇ مەزگىلگە كەلگىچە ئۈزۈلمەستىن تۇرپان، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىمۇ ئوخشىمىغان كۆلەمدە پارتلاپ تۇرغان. بۇلاردىن چوڭراق بىر قېتىملىقى جىن شۇرېن «شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ پادىشاھى» بولۇۋالغاندىن كېيىن 1931-يىلى قۇمۇل رايونىدا بارلىققا كەلگەن.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، 1930-يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەسىرى بەكمۇ ئاجىز بولغان. جىن شۇرېن سوۋېت بولشېۋىكلىرىنىڭ تەسىرىنى چەكلەش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىرى ۋە زىيالىلىرىنى كۆپلەپ تۇتقۇن قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىچكىرىدىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى زور ساندا يۆتكەپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنى تالان-تاراج قىلىشنى كۈچەيتكەن. ئەنە شۇ خىل خىتاي كۆچمەنلىرىنى ھېمايە قىلىشقا مەسئۇل بولغان جىن شۇرېن ھەربىي قىسىملىرىنىڭ قۇمۇلدىكى بىر ھەربىي ئوفىتسېرى شۇ جايدىكى نامدار كىشىلەردىن بولغان سالىھ دورغىنىڭ قىزىنى مەجبۇرىي خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغاندا بۇنىڭدىن قاتتىق ھاقارەت ھېس قىلغان سالىھ دورغا ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى توي كېچىسى 50 نەچچە خىتاي چېرىكىنى ئېتىپ تاشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ تېزدىن قۇمۇلغا كېڭىيىپ، خوجانىياز ھاجى خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مىللىي ئازاتلىق ھەركىتىنىڭ بايراقدارىغا ئايلانغان. جىن شۇرېن قوشۇنلىرىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقىدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى بىلەن غۇلجىدا سابىت داموللا، تۇرپاندا مەخسۇت مۇھىتى، خوتەندە مەمتىمىن بۇغرا قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەركەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بولۇپمۇ خوجانىياز ھاجىنىڭ تاشقىي موڭغۇلىيەدىن ھەربىي ياردەم سوراپ ئەۋەتكەن مەكتۇبىدىكى «بىز مۇسۇلمانلار يۈز يىللاپ خىتايلارغا ئىت-ئېشەكنىڭ ئورنىدا ئىشلەپ كەلدۇق. ئۇلار بىزنىڭ يەرلىرىمىزنى تارتىۋالدى، يەۋاتقان ئاش-نېنىمىزنى ۋە مال-مۈلكىمىزنىمۇ ئالدى. ئەمما بىز بۇنىڭ ھەممىسىگە سەۋر قىلدۇق. ئەمدى ئۇلار بىزنىڭ ئۆيدىكى خوتۇن-قىزلىرىمىزغا قول سۇنۇشقا ئۆتتى. بىز ئىلاجىسىز ئۇلارغا قارشى چىقىپ، ئۆز زېمىنىزنىڭ ئىگىسى بولايلى، دېدۇق» دېگەن سۆزلىرى شۇ ۋاقىتتىكى يەرلىك خەلقنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.
قۇمۇل قوزغىلىڭى باشلانغاندىن كېيىن گەنسۇدىكى تۇڭگان مىلىتارىست ما جوڭيىڭ تېزدىن «ياردەم بېرىش» نامىدا بۇ قوزغىلاڭغا قىستۇرۇلۇپ كىرگەن. گەرچە ئۇنىڭ مەقسىدى ئۈرۈمچىنى ئىگىلەپ، بۇ رايونغا يېڭى «پادىشاھ» بولۇش بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مەقسىدىگە يېتەلمىگەن ۋە گەنسۇغا قايتىپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن جەڭ ئىشلىرى خوجانىياز ھاجىغا قالغان. ئەنە شۇنداق ئەھۋالدا خوجانىياز ھاجى «پۈتۈن دۇنيادىكى ئېزىلگۈچى خەلقنىڭ ئازاتلىق ئىشلىرىغا ياردەم بېرىمىز» دەپ جاكارلىغان سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىدۇ، دەپ ئويلىغان. ئەمما ئۇلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەم ئېلىش تەلىپى رەت قىلىنغان. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئەڭ چوڭ خام ئەشيا بازىسى قىلىۋالغان سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنداق بىر پارچە «لوق گۆش» نىڭ ئەنگلىيە ياكى ياپونىيەنىڭ ئالقىنىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ قالغان. يەنە كېلىپ شۇ ۋاقىتتا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «تۇران ئىمپېرىيەسى» نامىدا بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى، بۇنىڭ «شەرقىي تۈركىستاندىن تاكى قازاقىستانغىچە بولغان كەڭ زېمىندىكى قۇدرەتلىك دۆلەت بولىدىغانلىقى»، بۇ دۆلەتكە ما جوڭيىڭنىڭ رەھبەر بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار موسكۋاغا يېتىپ كېلىشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بەرپا بولۇشقا سوۋېت ئىتتىپاقى قەتئىي قارشى چىققان.
بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا جەمىل ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەسىلە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە بېرىپ تاقىشىدۇ. چۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ خىل ئازاتلىق ھەركىتى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ كۆزىگە سىغمايتتى. يەنە بىر ياقتىن شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلارنىڭ مۇستەقىل ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ماھىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى مۇستەملىكە قىلىۋالغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئۈچۈن خەتەرلىك سىگنال ئىدى. بۇنداق ئەھۋالدا سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنىڭغا يول قويالمايتتى. ئىككىنچىدىن، بۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى خىتايغا قارىتا زېمىن كېڭەيتىش كويىدا ئەمەس ئىدى ھەم بۇنىڭغا تەييارلىقىمۇ يوق ئىدى. شۇڭا ئۇلار شەرقىىي تۈركىستاندا سوۋېت ئىتتىپاقىغا سادىق بىر ھاكىمىيەتنىڭ بولۇشىنىلا ئارزۇ قىلاتتى. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلار شۇ ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ بەش پىرسەنتىگىمۇ بارمايدىغان خىتايلار ئىدى. شۇڭا سوۋېت ئىتتىپاقى خوجانىياز ھاجىغا ئەمەس، ئەكسىچە خىتايلارغا ياردەم بېرىشنى تاللىۋالدى. بۇنىڭ بىلەن خوجانىياز ھاجىنىڭ موڭغۇلىيە ئارقىلىق موسكۋاغا ئەۋەتكەن ياردەم مەكتۇپلىرى جاۋابسىز قېلىۋەردى. ستالىن بولسا ئۆزلىرىنىڭ سىزغان سىزىقى بويىچە ماڭىدۇ، دەپ قارىغان بىر كىشىنى تىكلەپ چىقتى. گەرچە موسكۋادىكى كومۇنىستىك ئىنېرناتسيونال ‹زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلققە ياردەم بېرىمىز› دەپ ۋەدە قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسارەتتىن قۇتۇلۇپ ھۆر بولۇشىغا كەلگەندە ئۇلارنىڭ بۇ شوئارى قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالدى. شۇ سەۋەبتىن ستالىننىڭ ياردىمى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا ئەمەس، بەلكى زۇلۇم سالغۇچىغا ئەۋەتىلدى. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى سوۋېتكە سادىق كىشى ياردەمگە ئېرىشتى.»
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، خوجانىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار 1932-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۆلكە ئارمىيەسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، قاراغوجا جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئارقىدىنلا تۇرپان ۋە قوشنا رايونلار بۇنىڭغا ئاۋاز قوشقان. ئۈرۈمچى ۋە سانجىدىكى تۇڭگانلار، ئالتايدىكى ئوسمان باتۇر قوشۇنلىرى، خوتەن ۋە قەشقەردىكى ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئىسيانلىرى تېزدىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنى پۈتۈنلەي پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان. ئەنە شۇنداق ھالقىلىق پەيتتە شېڭ شىسەي ئۆلكىلىك ئارمىيەنىڭ غوللۇق گېنېرالىدىن بىر كېچىدىلا جىن شۇرېننىڭ ئورنىغا چىقىپ «دۇبەن» بولغان. ئەمما ئۇنىڭ «شىنجاڭ پادىشاھى» بولۇۋېلىشى ئېغىر خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن: شەرقتە خوجانىياز ھاجى، ئۈرۈمچى بويلىرىدا ما جوڭيىڭ باشچىلىقىدىكى تۇڭگانلار، ئىلىدىن جاڭ پېييۇەن باشچىلىقىدىكى خىتايلار ئۇنى قورشاپ كەلگەندە، ئۆزىنىڭ «كوممۇنىزىمچى» ۋە «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك دوستى» ئىكەنلىكىنى «ئىسپاتلاش» قا ئۈلگۈرگەن شېڭ شىسەي ستالىننىڭ ئەنە شۇ خىلدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەربىي ياردىمىگە ئېرىشكەن. شۇنداقلا ستالىننىڭ قولى ئارقىلىق ئۆزىگە قارشى بۇ كۈچلەرنى دەسلەپكى قەدەمدە چېكىندۈرۈپ ئۈرۈمچىدىكى «دۇبەن» لىك ئورنىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان. ئەمما ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىغان.
بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.