دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ يېقىندا ئىتالىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا ئىتالىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، سوراق قىلىنىش ۋەقەسى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كەڭ خەۋەر قىلىنىپ، كۈچلۈك مۇنازىرە پەيدا قىلغان ئىدى. مەزكۇر ۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى سەۋەبلىك ھەرقايسى ئەللەرگە قىلىۋاتقان كۈچلۈك بېسىمىنىڭ ئەڭ يارقىن ئۆرنىكى بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەۋە بولغان بىر دۆلەتتە يۈز بېرىشى مەسىلىنىڭ قانچىلىك جىددىيلىكىنى نامايان قىلىپ بەرگەن ئىدى. بۈگۈن بۇ ھەقتە خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ئىقتىساد ژۇرنىلى بولغان «فوربېس» ژۇرنىلىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا دۆلەتلىرىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى مۇلاھىزە قىلىندى.
بۈگۈن ئامېرىكادا چىقىدىغان نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن «فوربېس» تا بۈگۈن «خىتايدىكى مۇسۇلمان ئۆكتىچىلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قوغداشقا ئېرىشىپ كەلگەن، ئەمما بۇ يەنە قانچىلىك داۋام قىلىدۇ» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى جىمىقتۇرۇش ياكى ئۇيغۇرلارنى چەتئەللەردىن قايتۇرۇپ ئەپ كېتىش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەرگە قىلىۋاتقان كۈچلۈك بېسىمى ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغان. ماقالىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ بۇ يىل 26-ئىيۇل كۈنى ئىتالىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى بويىچە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا ئىتالىيە بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ «دولقۇن ئەيسانىڭ ئىتالىيەدە تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى ئىتالىيە پارلامېنتىدا نۇرغۇن ھارارەتلىك مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولدى. خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرگە ئۇيغۇرلارنى جىمىقتۇرۇش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ باھالىدى» دەپ يېزىلغان.
ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ جەنۇبىي كورېيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىشى ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىم خىتاينىڭ قولى ئارقىلىق توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان، ھەتتا بىر قېتىم ئۇ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە بۇ ئاقىۋەتتىن قۇتۇلۇپ قالغان. ئۇ ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەلۇم دۆلەتكە كىرىش ياكى بىرەر يىغىندا سۆز قىلىشتىن چەكلەنگەن ئىشلارغا يولۇققان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم ئىتالىيەدىكىسى ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئىتالىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قۇرغۇچى دۆلەتلىرىدىن بىرى بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دېدى.
فوربېس ژۇرنىلىدىكى ماقالىدە، ئىتالىيەدىكى بۇ ۋەقەنىڭ ئالاھىدە دىققەت تارتىشىدىكى سەۋەب مۇلاھىزە قىلىنىپ، مۇنداق دېيىلگەن:
-2001-يىلى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە بىر چوڭ مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلماقچى بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ كۈچلۈك بېسىم ئىشلەتكەن، ھەتتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىغىن ئېچىلغان تەقدىردە ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئېغىر زەخىمگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ يىغىننى ئېچىۋەرگەن، مانا بۇ سەۋەبتىن پائالىيەتچىلەر ئىتالىيەدىكى بۇ ۋەقەدىن ئالاھىدە چۆچۈگەن....
ماقالىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللاپ كەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىلىرى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ھېچقاچان چەكلىمە قويمىغانلىقى بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە، «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر جەننەتمۇ» دېگەن سوئال قويۇلغان. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە ئىتالىيەدىكى ۋەقەدە ئىنتېرپول قوللىنىلغان بولسا، مىسىردىكى ۋەقەدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە بېسىم ئىشلەتكەنلىكىگە دائىر يىپ ئۇچى بارلىقىنى، جۈملىدىن بەزى ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ ۋېنگىرىيەگە ئوخشاش خىتايغا ئېھتىياجى ئېشىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئارتقانسېرى خىتاينىڭ ئۆكتىچىلەر ھەققىدىكى تەلەپلىرىگە قارشىلىق قىلىشتىمۇ ئاجىزلىشىشىنى مۇمكىنلىكىنى، چۈنكى ھازىر ۋېنگىرىيە قاتارلىق بىر قىسىم شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانى»دىكى مۇھىم دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىنىڭ گېرمانىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەرنى تېز پۈكتۈرەلمىسىمۇ، ئەمما شەرقىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەردە تەسىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى، مىللىي ۋە دىنىي ئەركىنلىكى، تىل-يېزىق، مائارىپ ھوقۇقلىرىغا قاتتىق چەكلىمە قويۇش، چېكىدىن ئاشقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈش ۋە پارتىيىگە ساداقىتىنى ئىپادىلەش قاتارلىق چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەتلەرنى يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەقبىنىمۇ ئاشۇرغانلىقى مەلۇم. مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىسىر دائىرىلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق تۇتقۇن قىلىنىشى بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالىدۇر. نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇنداق رادىكال سىياسەتلىرىنى «بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا. ئادرىيان زېنز ئەپەندى سۆزىدە، ئىلگىرى تىبەتنى ئىدارە قىلغان چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇ يەردە تىبەتتىكىدىنمۇ قاتتىق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىياغا ئېچىلىدىغان دەرۋازىسى بولغان ئۇيغۇر ئېلىدا مۇقىمسىزلىق بولغان تەقدىردە«بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانى» سۇغا چىلىشىدىغان بولغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىكىگە قاراتقان بېسىمنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانى» ئەمەلىيلەشسە، خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىيادىكى تەسىرى زورىيىدىغان بولغاچقا، بۇ پىلاننى قوغداش ئۈچۈن ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
فوربېس گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدىمۇ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دوكلاتى نەقىل ئېلىنىپ تۇرۇپ، «بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانى» سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جامائەتكە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇش ھەققىدىكى بېسىمىنى ئاشۇرۇشىنىڭمۇ، يەنە مۇشۇ «بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلغان.
0:00 / 0:00