«خەلقئارا سىياسىي كرىزىس ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ كەلگۈسى» يىغىنىدا ئۇيغۇرلار

0:00 / 0:00

2013-يىلى 12-ئاينىڭ 6-7-كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان خەلقئارا سىياسىي كرىزىس ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ كەلگۈسى ناملىق يىغىنغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈنمۇ مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتتى.

ئىستانبۇلنىڭ پەندىك شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن ئومۇمىي ھەمكارلىق بىرلەشمىسى ۋە سىياسىي مۇزاكىرىلەر مەركىزى جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 1-نۆۋەتلىك ئىستانبۇل مۇزاكىرىلىرى يىغىنىغا 32 دۆلەتتىن ئالىملار، سىياسەتچىلەر، زىيالىيلار، مىللەت ۋەكىللىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بولۇپ 80 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى ۋە يىغىن جەريانىدا ۋە يىغىننىڭ ئالدى ‏-كەينىدە ئەرەب دۇنياسىدىن كەلگەن مۇھىم شەخسلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى، بۇ ھەقتە پىكىر-ئالماشتۇردى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ باشقا مەسىلىلىرىگە ئوخشاش شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ يىغىندا ئاساسلىقى خەلقئارا سىياسىي ۋەزىيەت ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

پەندىك كراۋۇن پلازا مېھمانخانىسىدا ئېچىلغان يىغىندا پەندىك شەھەر باشلىقى دوكتور كەنئان شاھىن، ئاممىۋى ھەمكارلىق بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئايخان ئوگان، سىياسىي مۇزاكىرە مەركىزى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر فارۇق قورقماز، تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئەرۇل كايا، سېلىم ئۇسلۇ قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

يىغىندا سۆز قىلغان ئىستانبۇل سىياسىي مۇزاكىرە مەركىزى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر فارۇق قورقماز، ئىستانبۇلنىڭ دىئالوگنىڭ شەھىرى بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ئالدى بىلەن مۇسۇلمانلار ئۆز-ئارا دىئالوگ قۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۆمەر فارۇق قورقماز سۆزىدە يەنە بۇ يىغىن بىلەن پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا نىدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا سۆز قىلغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھەمكارلىق بىرلەشمىسى رەئىسى ئايخان ئوگان بولسا، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ يىغىندىن ناھايىتى مۇھىم پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئىككى كۈن داۋام قىلغان يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى، خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى بىلەن خەلقئارا ۋە رايونلۇق كۈچلەرنىڭ ۋەقەلەر ئۈستىدىكى تەسىرلىرى توغرىسىدا توختالدى. يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى بولسا مىسىر، سۈرىيە، پەلەستىن، ئىراق لىۋىيە، تونىس ۋە يەمەندىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن كېرەك بولغان قەدەمنىڭ بېسىلىشى توغرىسىدا سۆز قىلىندى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى ئەرۇل كايا ئەپەندى سۆزىدە، ھەر يىلى ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ يۈزدە 5%pirsent ئېشىۋاتقانلىقىنى، ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ يۈزدە 86 پىرسەنتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىنىڭ ناھايىتى سەزگۈر بىر يەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە 57 ئىسلام دۆلىتىنىڭ مىللىي دارامەت كىرىمىنى توپلىغاندا گېرمانىيىنىڭ مىللىي كىرىمىدىن ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىندا ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەسىلىلىرى توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىنغا ، ئامېرىكا، بوسنىيە، ئافغانىستان، فاس، فىلىپپىن، ئافرىقا، ئىراق، ئىئوردانىيە، ئەنگلىيە، قاتار، كۆۋەيت، لىۋىيە، مالايشىيا، مىسىر، پاكىستان، رۇسىيە، سومالىيە، تۇنىس، يەمەن، دۇبەي، سۈرىيە، شۋېتسارىيە، شەرقىي تۈركىستان، ئىران، ئالجىرىيە، سۇدان، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق 32 دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن 80 كىشى قاتناشتى.
يىغىنغا قاتناشقان ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم قاتارلىق رەھبەرلەر يىغىن جەريانىدا ئەرەب دۇنياسىدىن كەلگەن مۇھىم شەخسلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى ۋە بۇ ھەقتە پىكىر-ئالماشتۇردى.

ئىسلام دۇنياسى يېڭى بىر دېموكراتىيىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى مۇمكىن

يىغىن ئاخىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خۇلاسە دوكلاتىدا، ئىسلام دۇنياسىنىڭ يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا، بۇنىڭدىن كېيىن يېڭى بىر سىياسىي نىشانغا يۈزلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە ئىگە بولغان كۈچ ۋە شارائىتلاردىن ياخشى پايدىلىنىش، ئۆزگىرىشلەرنى ياخشى ئانالىز قىلغان تەقدىردە يېڭى بىر دېموكراتىيە، يېڭى بىر سىياسەت، يېڭى بىر ئىدارە قىلىشنى ئىنسانىيەتنىڭ پايدىسى ئۈچۈن تەقدىم قىلىش ئىمكانىيىتىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇلاسە دوكلاتىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان خەلقئارا سىستېما ئەمدى دۇنيا جامائىتىنى بىرگە ئېلىپ ماڭالمايدىغان ھالغا كەلدى، خەلقئارا سىستېما بۈگۈنكى كۈننىڭ شارائىتىغا كۆرە بەلگىلىك ئېھتىياجلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا يېڭىدىن قۇرۇلۇشى كېرەك. رايونىمىزدا ۋە دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقانلار ئەسلىدە بۇ ئېھتىياجلار ۋە تەلەپلەرنىڭ كەمچىللىكىدىن ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى چۈشەنچە ۋە قاراشلار بىلەن ئۆتمۈشتىكى شەرتلەر ۋە كونا چۈشەنچىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتۇر. مىللىي ۋە دىنىي ئېتىقاد قىممەت قاراشلىرىنى ئاساس قىلغان قىتئەلەر ئارا گۇرۇپپىلاشما، ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت مەنبەسىدىن يىراقلاشقان باشقۇرۇش چۈشەنچىسى بىلەن غوجىدارلىق، تەرەپبازلىق ۋە ماتېرىيالىزمچە باشقۇرۇش سىستېمىسى بىلەن بىر يەرگە جەم بولالمىغانلىقى ۋە بولالمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى . ئىسلام دۇنياسى بۇ چوڭقۇر داۋالغۇشتىن كەلگەن دولقۇننى ياخشى بىلىش كېرەك. تەلەپكە لايىق يېڭى بىر سىياسىي چۈشەنچىگە يۈزلىنىشى كېرەك. رايونلۇق ھەرىكەتلەرنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئايرىمىچىلىق سىياسەتلەرنى بىكار قىلىدىغان يەرلىك ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئىجتىمائىي مەركەزنى ۋە ئىجتىمائىي قىممەت قاراشلىرىنى ئاساس قىلغان بىر ھاكىمىيەت ئۈستىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ھەم ئىسلام دۇنياسىنى تېخىمۇ ياخشى بىلىش، ھەم رايوندا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك مۇھىت بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۆپلىگەن ساھەلەردە ھەمكارلىشىش مۇھىم.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئىسلام دۇنياسىنىڭ باشقا مەسىلىلىرىگە ئوخشاش شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.