ۋەتىنىنىڭ ئازاد بولغان كۈنلىرىگە شاھىت بولۇش يەنى ھايات چېغىدا ئازاد شەرقىي تۈركىستاننى كۆرۈش، بۇ يولدا ھىجرەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇلىرىنىڭ بىرى بولسا كېرەك.
ئارىمىزدا ئەلۋەتتە ئازاد شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئەركىن شەرقىي تۈركىستان ھاۋاسىدىن نەپەس ئېلىپ ئۆسكەن،«ئۇيغۇر خەلقىم تارىخ بەتلىرىگە يەنە قايتىدىن مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان شانلىق سەھىپىلەرنى يازىدۇ» دېگەن ئۈمىد بىلەن ياشاۋاتقان مويسىپىتلارمۇ يوق ئەمەس.
ئامېرىكىغا ئەڭ بۇرۇن يەرلەشكەن، 80 نىڭ قارىسىنى ئالغان بولسىمۇ ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر داۋاسى يولىدا چارچىماي يۈرۈۋاتقان غۇلامىدىن پاختا ئاكا، 12 - نويابىر، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان سورۇن ئەھلىگە ئۆز كەچمىشى بىلەن تارىخنى ئەسلىتىپ كۆزلەرنى نەملىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى فرانك ۋولف ئەپەندى گەرچە خىزمەت سەۋەبى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا ھۆرمەت - ئېھتىرام بىلەن مەكتۇپ يوللىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەكتۇپى سورۇن ئەھلىگە ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
مەكتۇپتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: «ھۆرمەتلىك رابىيە قادىر خانىم، مەن مۇشۇنداق تارىخى مىنۇتلاردا سىز ۋە باشقىلار بىلەن بىرگە سورۇنغا جەم بولالمىغانلىقىمدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم، سىزنىڭ ئاۋازىڭىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاڭلىتىشتا زور رول ئويناپ كەلدى، ھەتتا بىزنىڭ دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكىمىزمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك، سۆز ئەركىنلىكى قاتارلىق ئىنسانىي - ھەق ھوقۇقلىرىغا قارىتا قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقىلارغا قاراتقان دەپسەندىچىلىكلەرنى ساناپ تۈگىتەلمەيمىز. شۇنداقتىمۇ مەن زوراۋان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشلىرى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان خەلقلەرگە ھۆرلۈككە ئېرىشىدىغان بىر كۈننىڭ كېلىشىنى تىلەيمەن، مەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكىنى ئاۋازى تۇنجۇقتۇرۇلغان خەلقلەرنىڭ ئاۋازى بولۇشقا دەۋەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمەن.»
مۇراسىم رىياسەتچىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى دەپ تونۇشتۇرۇلغان گېرىت ۋېن ئەپەندى، تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەبرىك سۆزى قىلدى. ئۇنىڭ تەبرىك نۇتقى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى تەرىپىدىن سورۇن ئەھلىگە ئۇيغۇر تىلىدا تەرجىمە قىلىندى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي تەيۋەن، تىبەت، ئۇيغۇر خەلقلىرىگە زوراۋانلىق قىلىش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرىمەن دەپ چۈش كۆرۈۋاتىدۇ، خىتاي مۇقىملىقنى زوراۋانلىق ئەمەس، بەلكى ھەر بىرىمىزگە ئەركىنلىك، ئۆز ئۆزىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەرگەندە ئاندىن ئىشقا ئاشىدۇ،...... بىز ئۆزىمىزنىڭ بۇ زوراۋان دۈشمىنىگە ھەمكارلىشىپ قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك! شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىڭلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن بىز ھەر زامان ھەمكارلىشىشقا تەييارمىز.»
مۇراسىم ئاخىرلىشىشقا يېقىن ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيەت كۈنىنى قۇتلۇقلاش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشاللىق ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ سۆز قىلغان خىتاي دېموكراتىك تەشكىلات ۋەكىللىرىدىن، ئامېرىكىدىكى«پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى داۋىد ۋۇ، تەشكىلات رەئىسى ياڭ جيەنلىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالدىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ كىرىشىگە قارشىلىق نامايىشقا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك بۇ مەيداندا بولالمىغانلىقى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى:«مەن بۈگۈن، خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىغا ۋەكىل بولۇش سۈپىتىم بىلەن بىزنىڭ بۇ دەۋادا ئۇيغۇرلار بىلەن بىر ئىكەنلىكىمىزنى سىلەرنى قوللايدىغانلىرىمىزنى بىلدۈرمەكچى. خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر بولسۇن، تىبەت بولسۇن، خىتاي بولسۇن ھەممىمىزنى پارچىلاپ يوقىتىش. بىز بۇنىڭغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. بىز بىرلىك - ھەمكارلىق ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشلىرىغا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.»
0:00 / 0:00