ياپونىيەدىن چىقىدىغان «ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلى» نىڭ يېقىنقى سانىدا ئامېرىكا كلارېمونت ماكېننا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور پېي مىن شىننىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيەسى تاتلىق بىر چۈش» سەرلەۋىلىك سىياسىي ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتىدا خەلقئارادا كۆزگە كۆرۈنگەن ئامېرىكىلىق پروفېسسور پېي ماقالىسىدە، خىتاي دۆلىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەتكە جار سېلىپ تەشۋىق قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نەزىرىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بىر ئىستراتېگىيەلىك نىشانى دەپ قارىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خىتاي بۇنى يېقىن كەلگۈسىدە رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، لېكىن خىتاينىڭ بۇ تاتلىق چۈشىنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشىدىن كۆپۈكگە ئايلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ ماقالىسىدە، خىتاينىڭ بۇ ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنىڭ ياۋرو - ئاسىيا رايونىدا تولىمۇ تەسكە توختاۋاتقانلىقىنى، چۈنكى بۇ رايونلاردىكى مىللىي توقۇنۇش، ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتقان تېررورلۇق ھەرىكەتلەر خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى پىلانىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ياۋرو - ئاسىيا رايونىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ بۇ رايوندا ئەمەلىيلىشىشىنى پەقەتلا قارشى ئېلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ھەر جەھەتتىن تەدىرىجى گۈللىنىپ، تەرەققىي قىلىپ كېڭىيىشى موسكۋا ئۈچۈن پايدىسىز ئەھۋال دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پېينىڭ قارىشىچە، رۇسىيە ئۆزى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى زور بولغان ياۋرو - ئاسىيا رايونىنىڭ خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كېتىشىنى ئەسلا قوبۇل قىلمايدىكەن شۇنداقلا رۇسىيە خىتاينى ئۆزىگە تەھدىت دەپ ھېسابلىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ھەر ۋاقىت ئوتتۇرا ئاسىيادىن سىقىپ چىقىرىۋېتىشنى ئويلايدىكەن.
ماقالىدە، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايىفنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ياۋرو - ئاسىيا - خىتاي بىرلىكى قۇرۇش پىلانىغا يېقىندىن يار - يۆلەكتە بولۇۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا ئاستانە ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئاساسلىق مەركەزلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قانۇنشۇناس يامادا قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ دۆلەتلەر تېخىچە دېموكراتىيەلىشىپ بولالمىدى شۇنداقلا كوممۇنىستىك قاراشلاردىن خالىي ئەمەس. شۇڭا ئۇلار بەزى قاراشلاردا يەنىلا خىتايغا يېقىن.
خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاساسلىق ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا قارىلىتىشىدا نوپۇسى ئاز، زېمىنى كۆپ بولغان بۇ رايوندا خىتاي ئىقتىسادىي بەلۋاغ قۇرۇشنى باھانە قىلىپ كۆپلەپ كۆچمەن يۆتكەش غەرىزىدە بولۇۋاتقانلىقىنىمۇ ئاپتور ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان.
قانۇنشۇناس يامادا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
- خىتاي شەرقىي ئاسىيادىكى مالايشىيا، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئۆزىنىڭ كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ، بۇ رايوننى ئاساسەن خىتايلاشتۇرۇپ بولدى. ئەمدىلىكتە ئوتتۇرا ئاسىيادا «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيە شۇئارى ئارقىلىق كۆچمەن يۆتكەش، ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىككىنچى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئايلاندۇرۇشنى، يەنە بىر جەھەتتىن ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇ رايونلاردىكى تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.
خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى ئىش پىلانىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشىنىڭ ئۆزى خەلقئارادىكى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارىشىدا خەتەرلىك ئەھۋال دەپ قارىلىپ،خىتاي دۆلىتىگە بۇ ئىشتا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان ھالدا مەسىلىنىڭ خەتىرىنى قايتا - قايتا ئويلىشىشى كېرەك دەپ كۆپ قېتىم سىگناللار بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بۇ خىل نەسىھەتلەرگە قىلچە قۇلاق سالمىغانلىقىمۇ ماقالىدە ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
ماقالىدە شۇنداقلا خىتاينىڭ پاكىستان، ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان يول قۇرۇلۇشى ھەققىدىمۇ مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ بۇ قەبىلىلەر رايونىدا ئىقتىسادىي بەلۋاغ ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار چۈشى زىددىيەتلەرگە تولغان قەبىلىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەندە دەرھال پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ سرىلانكىغا سالغان مەبلىغى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان مىللەتچىلەر تەرىپىدىن توختىلىپ قويۇلغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ يەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتاي قۇرۇلۇش شىركەتلىرىنىڭ ئىشلىرى توختاپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ پاكىستان، ئافغانىستانغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە توختالغان قانۇنشۇناس يامادا مۇنداق دېدى:
- خىتاينىڭ بۇ رايونلارغا كۆپ مەبلەغ سېلىشى ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئافغانىستان، پاكىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ قىلىشىنى توسۇش ۋە بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە زەربە بېرىشتىن ئىبارەت دەپ قارايمەن.
خىتاينىڭ يېقىندا قۇرغان ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى بىرلەشتۈرىدۇ ۋە شۇنداقلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئۆزى پەقەتلا خىتاينىڭ خەلق پۇلىنى خەلقئارا بازارغا يۈزلەندۈرۈش ۋە ئۇنى خەلقئارالاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پروفېسسور پېي ماقالىسىدە، ھازىرقى شارائىتتا خىتايدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاستىلاۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن غايەت زور ئىقتىسادىي مەبلەغقە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئانچە ئۇزۇنغا بارمايلا يېرىم يولدىلا توختاپ قىلىش خەۋپىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى بىلدۈرگەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00