خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە چىققاندىن بۇيان ھوقۇقنى مىسلىسىز دەرىجىدە قولىغا مەركەزلەشتۈرگەندىن سىرت، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى باستۇرۇپ، ئۇچۇر - پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغدى. كۆزەتكۈچىلەر شى جىنپىڭنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە، ئىلگىرىكى دۆلەت رەئىسلىرىدىنمۇ بەك قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇنداقتا، بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ، بۇ شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈكلىدىكىن دېرەك بېرەمدۇ؟
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن خىتايدا چىرىكلىككە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ، كومپارتىيەنىڭ نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى تۇتقۇن قىلدى. ئارمىيە ۋە پارتىيە ئىچىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ھوقۇقنى يۈكسەك دەرىجىدە قولىغا مەركەزلەشتۈردى. نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ خىتايدا ماۋزېدۈڭ ۋە دېڭ شياۋپىڭدىن قالسىلا، خىتايدىكى ئەڭ كۈچلۈك بىر رەھبەر بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
«مالىيە ۋاقتى» گېزىتى شى جىنپىڭ ھەققىدە ئېلان قىلىۋاتقان «شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوسى» سەرلەۋھىلىك چاتما ماقالىلىرىدە كۆرسىتىشىچە، شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ بىرىنچى كۈنىدىن ئېتىبارەنلا رادىكال قارارلار ئارقىلىق ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ كويىغا چۈشكەن. ئۇ چەتئەللەردىكى ۋە خىتايدىكى كىشىلەرنىڭ پەرەز قىلغىنىنىڭ ئەكسىچە، دېموكراتىيىلىشىش يولىغا قاراپ ئەمەس، بەلكى دۆلەتنى قاتتىق قوللۇق سىياسەت بىلەن باشقۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىرى بولۇپ چىققان.
ئامېرىكا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ۋاڭ ياچيۇنىڭ ئېيتىشىچە، شى جىنپىڭنى ھەقىقەتەن يۇقىرىدا دېيىلگەنلەرگە ئوخشاش دېڭ شىياۋپىڭدىن كېيىنكى ئەڭ كۈچلۈك رەھبەر دەپ قاراشقا بولىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شى جىنپىڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھوقۇقنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرۈۋاتقانلىقى ئېنىق. ئۇ بۇ ئارقىلىق خىتايدىكى بارلىق ساھەلەرنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. مۇتەخەسسىسلەر ئۇنى بۇ جەھەتتە خۇ جىنتاۋ ۋە جاڭ زېمىننى بېسىپ چۈشتى، دەپ قارايدۇ.»
ئۇنداقتا بۇ قۇدرەتنىڭ ئىپادىسىمۇ ياكى ئاجىزلىقنىڭمۇ؟
«مالىيە ۋاقتى» گېزىتى بۇ ھەقتە مۇلاھىزىسىدە «نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر شى جىنپىڭنىڭ ئاممىۋى جەمئىيەتكە قىلىۋاتقان باستۇرۇشىنى يىراقنى كۆرمەسلىك ۋە خەتەرلىك دەپ باھالايدۇ. ئۇلار بۇنى رېجىمنىڭ ئاساسىنىڭ ئاجىزلىقى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىدىن يوقسۇللۇقى ۋە ئۆزىگە ئىشەنچى يوقلۇقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدۇ» دېگەن.
ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچىلاردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ شى جىنپىڭنى قۇدرەتلىك دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنمۇ بۇنى ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايمەن. چۈنكى قۇدرەتلىك بىر لىدېر ھەرگىزمۇ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى سولاپ قويمايدۇ. ئۇ قۇدرىتىدىن پايدىلىنىپ ئازراق بولسىمۇ ئەركىنلىك بېرىش ئارقىلىق ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى نامايان قىلىدۇ. بىراق ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىنلا ئۆزىگە ئىشەنچسىزلىك بىلەن ئىش قىلدى. مەسىلەن، ئۇ نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى قولغا ئېلىپ، ھۆكۈم ئېلان قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلالمىدى. بۇ پارتىيە ئىچىدىمۇ قارشىلىقنىڭ كۈچلۈكلۈكىنىڭ ئىپادىسى، شۇڭا ئۇ ئۆزىگە يول ئېلىپ قويدى. ئۇ خۇ جىنتاۋ دەۋرىدىن كېلىپ قالغان ئازراق ئەركىنلىكتىن قورقتى. شۇڭا ئۇ مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى، پارتىيىنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدىغان مەتبۇئاتلارنى يوقاتتى. ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندە ئېيتقان بىر مەشھۇر گېپى بار «سوۋېتتىن بىر ئوغۇل بالا چىقمىدى» دەيدىغان. شۇڭا ئۇ ئۆزىنى كومپارتىيىنى گۈمۈرۈلۈشتىن قوغدايدىغان «بىر ئوغۇل بالا، بىر قەھرىمان» دەپ قارايدۇ. مانا بۇلاردىن ئۇنىڭ كومپارتىيىنىڭ ۋەيران بولۇشىدىن قورقۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئۇنداقتا، خىتاي پەقەتلا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق بۇندىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ؟ مالىيە ۋاقتى گېزىتى بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە شى جىنپىڭنىڭ بۇ خىل سىياسەتلىرى ۋە ھازىرقى ئىقتىسادىي سىياسىتى بىلەن داۋاملىق پۇت تىرەپ تۇرالايدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىغان. ئۇلار شى جىنپىڭ «جۇڭگو چۈشى» دە ئوتتۇرىغا قويغاندىكىدەك بىر جۇڭگونى يارىتىش ئۈچۈن چوقۇم ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ بايان قىلىنغان: «شى جىنپىڭ ئارزۇ قىلىۋاتقاندەك تەرەققىياتنى - يەنى يېشىل، ئىجادچان، مۇلازىمەت ۋە ئىستېمالنى ئاساس قىلغان بىر جۇڭگونى يارىتىش ھازىرقى مەۋجۇت سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي سىياسەت بىلەن ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا مەركەزدىن باشقۇرۇلىدىغان ئىقتىسادىي سىياسەت بىلەن مۇمكىن بولمايدۇ. ئاممىۋى ئەركىنلىك، قاتماللىققا رىقابەت ئېلان قىلىش ئەركىنلىكى، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئىستېمالچىلار ھوقۇقىنى قوغداش، ئىلمىي مۈلك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە پۇقرالىق ھوقۇقىنى ئىشلىتىش قاتارلىق ھەممىسى ھازىر جۇڭگو ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىجادچان ۋە زامانىۋى ئىقتىساد بەرپا قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېمېنتلاردۇر. شى جىنپىڭ ئەپەندى ۋە كومپارتىيە ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، يۇقىرىدىكىلەر ھەممىسى ئۆزىنىڭ كۈچىنى ئازايتىش ۋە جەمئىيەت ئۈستىدىكى كونترولىنى يۇمشىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ شى جىنپىڭغا ئوخشاش سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ ئەڭ زور خاتاسى ‹سىياسىي ئىسلاھات ۋە غەربچە ئىدىيىلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە يول قويۇش› دەپ خۇلاسە چىقارغان بىرىنىڭ قۇلىقىغا خوش ياقماسلىقى مۇمكىن.... لېكىن خىتايدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ داۋامى ۋە شۇنداقلا ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسىي مۇقىملىق ئۈچۈن كوممۇنىستىك پارتىيە چوقۇم سىياسىي ئىسلاھاتنى قەدەممۇ - قەدەم باشلىشى، مۇستەقىل ئەدلىيە ۋە سىياسەتتىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن ئاساس يارىتىشنى باشلىشى كېرەك.»
«مالىيە ۋاقتى» گېزىتى خىتايدا ھازىر كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامداپ كېتىۋاتقان، ئادەتتە سىياسەت بىلەن قىلىچىلىكمۇ ئالاقىسى يوق كىشىلەرنىڭمۇ خىتايدا بېسىم ئارتىپ كەتتى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنىڭغا خىتايدىكى بىر ئوتتۇراھال سەۋىيىدە ياشايدىغان بىر دۆلەت مەمۇرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەنچە شى جىنپىڭ دەۋاتقان «جۇڭگو چۈشى» تەيۋەندە ئاللىقاچان ئەمەلىيلىشىپ بوپتۇ. ئۆتكەن يىلى شى جىنپىڭ بىلەن ما يىڭجيۇنىڭ تارىخى ئۇچرىشىشى تېلېۋىزوردا تارقىتىلغان ئىدى. شى جىنپىڭنىڭ ئۇزۇن - ئۇزۇن نۇتقى تېلېۋىزوردا بېرىلدى. لېكىن نۆۋەت ما يىڭجيۇغا كەلگەندە ئۇلاپ تارقىتىش كېسىۋېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن قىزىم مەندىن ‹سەھنىدە ئىككى كىشى بار ئىدىغۇ، نېمىشقا پەقەت ئۇلارنىڭ بىرىلا سۆزلەيدۇ› دەپ سورىدى. بىر بالا چېغىدا بۇ سوئالنى سورىغان يەردە، ھەممە كىشى بۇ سوئالنى سورىمامدۇ؟»
«مالىيە ۋاقتى» گېزىتى مۇلاھىزىسى داۋامىدا، خىتاي ئۈچۈن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئەركىنلىكنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ «شى جىنپىڭ ئەگەر ‹دېموكراتىيىلىشىش› دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشنى قەتئىي خالىمىسا، ئۇنى «خىتاي دۆلىتىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشى» دەپ ئاتىسىمۇ بولىدۇ، مانا بۇ ئۇنىڭ ئەڭ قىممەتلىك مىراسى بولۇپ قالىدۇ» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئۆتكەن يىلى تۇتقۇن قىلىنغان 300 ئەتراپىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ئىچىدىكى جوۋ شىفىڭ ۋە جەي يەنمېن قاتارلىق بىر قانچە مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئۈستىدىن ئارقا - ئارقىلاپ سوت ئېچىپ، ئۇلارنى «ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 7 يىللىق ۋە 3 يىللىق قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي سوتلىرىنىڭ بۇ قارارىنى ئەيىبلىگەن ۋە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
0:00 / 0:00