خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ گورباچېفنىڭ ئىزىنى بېسىۋاتامدۇ؟

0:00 / 0:00

بىر خوڭكوڭلۇق مۇتەخەسسىس يېقىندا ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسىدە شى جىنپىڭنىڭ سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى پرېزىدېنتى مىخائىل گورباچېفقا ئوخشاش چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق كومپارتىيەنى ساقلاپ قالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. ھالبۇكى، بۇ ھەقتە پىكرى يۈرگۈزگەن كۆزەتكۈچىلەر، ش جىنپىڭ دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەسىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىنىڭ 26 - يانۋاردىكى سانىغا خوڭكوڭدىكى سىياسىي ئىقتىساد كۆزىتىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئىقتىسادشۇناس مۇتەخەسسىس چېڭ لۇڭنىڭ «خىتاي گورباچېفنىڭ قەدىمىنى بېسىۋاتىدۇ» ناملىق سىياسىي ئىقتىسادىي ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

ياپونىيە «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلى
ياپونىيە «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلى


مۇتەخەسسىس چېڭ لۇڭ ماقالىسىدە 2016 - يىلىنىڭ بېشىدىلا خىتاينىڭ پايچېكى بازىرى تۆۋەنلەپ، مىللىي دارامىتى كېمىيىپ، ئۇزۇندىن بۇيان ئىقتىسادىي «گۈللەندى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان خىتاي دۆلىتى ئىقتىسادىنىڭ دۇنياغا تەلتۆكۈس ئاشكارىلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ماقالىدە، خەلقئارادا خىتاي ئىقتىسادىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاي ئىقتىسادى ئەمەلىي بولمىغان بىر خىل بازار ئىگىلىكىگە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. بۇ تولىمۇ بىر خەتەرلىك بىر ئەھۋال. 1978 - يىلى دېڭ شاۋپىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ خىتاي ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرگەن ئىدى» دەپ باھا بەرگەن.

چېڭ لۇڭنىڭ دېيىشىچە، ھازىر خىتايدا ھۆكۈمەت پۈتكۈل ھوقۇقنى ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرۈۋېلىپ جەمئىيەت ۋە دۆلەت كونتروللۇقىنى كۈچەيتىپ دېموكراتىيەدىن يىراقلىشىشقا باشلىغان.

ئۇنىڭ قارىشىچە، «خىتاي كومپارتىيەسى دېموكراتىيىنى يولغا قويۇپ، سىرتقا قارىتا ھەقىقىي ئىشىكنى ئېچىۋەتسەك، ئۆز ھاكىمىيىتىمىزنى ۋە ئىقتىسادىمىزنى كونترول قىلالمايمىز» دەپ ئەندىشە قىلىدىكەن. ئەگەر خىتاي كومپارتىيەسى بۇ خىل ئەندىشە بىلەن ئىشىكنى تاقاپ، دېموكراتىيەدىن يىراقلاشسا خىتاي ئىقتىسادى كرىزىسقا يولۇقىدىكەن.

ئۇنىڭ تەھلىلىچە، خىتاي ھازىرقى ۋاقىتتا سىرتقا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، دۆلەتنى كومپارتىيەنىڭ سىياسىتىگە ئوراپ، ئىقتىسادىي بازارلارنى ئۆلتۈرگەن.

ئۇ ماقالىسىدە، خىتاي بىر تەرەپتىن كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشىپ غەرب دېموكراتىك ئىدىيىسىنىڭ ئۆزىگە سىڭىپ كىرىشىنى توسۇپ، خىتايدىكى بارلىق ئىنسان ھەق - ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئاراغا ئۆزىنىڭ دېموكراتلىشىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينى ئاللىقاچان چۈشىنىپ بولدى، ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ خىتاي ئىقتىسادىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

چېڭ لۇڭنىڭ كۆزىتىشىچە، قارىماققا خىتاينىڭ ئىقتىسادى غەرب دۆلەتلىرىدىن ئېشىپ كەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولماستىن خىتاي ئىقتىسادى يەنىلا قالاق، سىستېمىسىز، ئاساسى يوق كۆپۈك شەكىللىك ئىقتىساد ئىكەن. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلەت ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بارلىق شىركەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى توپلاپ كۈچلەندۈرۈپ، تۆمۈر يول، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق خەلقئارا تىجارەت تۈرلىرى بىلەن رىقابەتلەشمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئاقىۋەتتە يەنىلا خىتاي شىركەتلىرى مەبلەغ جەھەتتىن ئاجىز كېلىپ قالغان.

مۇتەخەسسىس چېڭ لۇڭ خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ غۇلاپ چۈشۈشىدىكى تۈپ سەۋەبلەرنى شىركەت خوجايىنلىرى خىيانەتچى، پارىخور، مەسئۇلىيەتسىز بولغانلىقتىن، دەپ قارايدۇ.

ئۇ، ماقالىسىدە شى جىنپىڭنىڭ، سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى پرېزىدېنتى، دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ شەرەپ قازىنىپ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مىخائىل گورباچېفنىڭ ئىزىنى بېسىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «شى جىنپىڭ خىيانەتچىلىككە، پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىنى ساقلاپ قالماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ يول دەل سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى گورباچېف باسقان يوللار ئەمەسمىدى؟» دەيدۇ.

ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد پەنلىرى پروفېسسورى دوكتور سېئىجى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە توختىلىپ:«گورباچېف ئەينى ۋاقىتتا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر يالغۇز ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ئىدى، ئەمما خىتاينىڭ ھازىر دۇچ كېلىۋاتقىنى ئىقتىسادىي مەسىلىلا ئەمەس، بەلكى ئۆز ئىچىدىكى دېموكراتىيە ھەرىكەتلىرى ۋە مىللەتلەر مەسىلىلىرى» دېدى.

تەتقىقاتچى چېڭ لۇڭ، خىتاينىڭ قەدىمكى ۋە يېقىن زامان تارىخى ھەققىدە توختىلىپ:«سودا تارىخىمىز سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلانغان، تىجارىتىمىز ئەنگلىيەدىن يەتتە يۈز يىل ئۇزۇن دەپ ئۆزىدىن ماختىنىپ يۈرگەن خىتاي دۆلىتىدە ھازىرغىچە بىرەر قېتىم سانائەت ئىنقىلابى يۈز بەرمىدى. 1911 - يىلى چىڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ دۆلەت قۇرغان خىتاي مىللىتىدىن بىرەرسىنىڭ، بۇ دۆلەتنى باشقۇرۇشقا ماجالى يەتمىدى. 1923 - يىلى خىتاي رەھبىرى جاڭ كەيشى سوۋېتلار ئىتتىپاقىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ دۆلەت سىستېمىسىنى ئۆزلىرىگە تەتبىقلىماقچى بولدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنمۇ خىتاي ئىزچىل سوۋېت ئىتتىپاقىغا چوقۇنۇپ بىر مەزگىل سوۋېت كومپارتىيەسىنىڭ يولىنى تۇتتى. ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گورباچېفنىڭ قەدىمىنى بېسىۋاتىدۇ» دەيدۇ.

مۇتەخەسسىس چېنلۇڭ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىسىدا:«شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان " ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى"نىڭ خەزىنىسى ھازىر پۈتۈنلەي قۇرۇقدالدى. خىتاي ئېكسپورتى تۆۋەنلىدى. خىتاينىڭ بايلىرى ئۆز خەزىنىسىگە توپلىغان پۇللىرىنى ئېلىپ چەتئەللەرگە قېچىشقا باشلىدى. خىتايدا جەمئىيەت داۋالغۇپ مۇقىمسىزلىشىش كۆرۈلدى» دەيدۇ.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناس مۇتەخەسسىسلىرىدىن غالىپ مىجىت ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەۋاتقان خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ھاكىمىيەتكە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.