شىۋېتسارىيەدە نەشردىن چىقىدىغان نېۇە زۈرچەر گېزىتى»دە 3 - مارت ئېلان قىلىنغان «شى جىنپىڭ خەلقتىن قورۇقماقتا» ناملىق ماقالىدە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقتىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«شى جىنپىڭ خەلقتىن قورقماقتا» ناملىق بۇ ماقالە، يېقىندا زور تەسىر قوزغىغان خىتايدىكى يەر - مۈلۈك سودىگىرى رېن جىچياڭنىڭ تور بەتتە سۆزلىگەن نۇتقىنى ئانالىز قىلىش ئاساسىدا ھازىرلانغان بولۇپ، ماقالە «شى جىنپىڭنىڭ بىرلا رېتسىپى بار، ئۇ بولسىمۇ، مەيلى پارتىيە ئىچى ياكى جەمئىيەتتە بولسۇن، ھېچقانداق قارشى پىكىر بولماسلىقى لازىم. بولىدىكەن، بېسىم ھەر قاچانقىدەك يەنىلا كۈچلۈك» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن باشلانغان.
ماقالىدە خىتاينىڭ خەلق ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە غەرب ئەللىرىنىڭ سۈكۈت قىلماسلىقى تەلەپ قىلىنغان. «غەرب ئەللىرى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، خەلقنىڭ ھەق - ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىدا قىزىل سىزىقتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇشى، بۇ ئارقىلىق خىتايدىكى رېن جىچياڭغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى ۋە كەلگۈسىدە " غەربلىكلەر بىزنى ئۇنتۇپ، بىر بۈرجەككە تاشلىۋەتتى" دېيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نى تەشەببۇس قىلغان.
«شى جىنپىڭ خەلقتىن قورقماقتا» ناملىق بۇ ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتايدىكى باي سودىگەر رېن جىچياڭ «ئىككى ئومۇمى يىغىن» ئېچىلىشتىن ئىلگىرى تور بەتتە پىكىر بايان قىلىپ «خىتاي خەلقى ئۇنتۇلۇپ، بىر بۈرجەككە تاشلىۋېتىلدى» دېگەن. ئۇ سۆزىدە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقتىن بارغانسېرى ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، خەلقتىن قورقىۋاتقانلىقىنى، بېسىم سىياسىتىنىڭ چەك - چېگرىلاردىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ كەلگۈسىدىن ئەندىشىگە چۈشكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ نۇتقى خىتايدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ۋە ھۆكۈمەت تەرەپتىن دەرھال چەكلەنگەن. خىتاي خەلقى ئۇنىڭغا «رېن زەمبىرەك» دېگەن لەقەمنى قويىۋالغان.
ئەمما بۇ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاخىرقى قېتىم پىكىر بايان قىلىشى بولۇپ قالغان. بۇ سەۋەبتىن، ئۇنىڭ تور بەت ئادرىسلىرى تاقىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن «پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان، كومپارتىيەنىڭ ئىناۋىتىنى تۆككەن، قۇتراتقۇلۇق قىلغان» دېگەندەك ئاتاقلاردا ئەيىبلەنگەن. بىراق، ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئۇنىڭغا چارە كۆرۈلگەنلىكى تېخى مەلۇم ئەمەس.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 3 - مارت بۇ ھەقتىكى خەۋەردىن نەقىل ئېلىپ بايان قىلىشىچە، «شى جىنپىڭ خەلقتىن قورۇقماقتا» ناملىق بۇ ماقالىدە يەنە، خىتايدىكى بايلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنىڭ باشقا دۆلەتكە كۆچمەن بولۇپ بولغانلىقى ياكى كۆچمەن بولۇشنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتايدىكى بايلارنىڭ كۆچمەن بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنى «پەرزەنتلىرىنى ياخشى مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە قىلىش، ساپ ھاۋا، پاكىز يىمەكلىك بىلەن بېقىش» دېيىلگەن ھەمدە تىلغا ئېلىنمىغان مۇھىم بىر سەۋەبنىڭ «مال - مۈلكىنىڭ دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش» ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، شى جىنپىڭنىڭ مەقسىتىنىڭ 21 - ئەسىردىمۇ خىتاينى كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى دۆلەت ھالىتىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. «شى جىنپىڭنىڭ خىتاينى قۇدرەتلىك بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتە ھەرىكەت ئىقتىدارى بولغان، ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققىي قىلغان، جەمئىيەت مۇقىم بولغان» بىر ۋەزىيەتكە ئېھتىياجى بارلىقى ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق شەكىلدىكى ئۆكتىچى پىكىرگە قارشى تۇرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزاسى، خوڭكوڭلۇق خىتاي زىيالىيسى مانيان، رېن جىچياڭنىڭ پىكرىنى قوللاپ، شى جىنپىڭنىڭ سىياسىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ «ئۇنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ» دېدى. ئۇ سۆزىدە، « شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن چىرىك ئەمەلدارلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى، ئادۋوكاتلارنى تۇتقۇن قىلىپ، خەلقنىڭ يۈرىكىنى مۇجىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ تۈپ مەقسىتى؛ ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىشەنچى ۋە ھىمايىسىدىن ئايرىلىپ قالغان كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە مۇستەھكەملەشكە مەركەزلەشمەكتە» دېدى.
فىرانسىيەلىك خىتايشۇناس مارى ھولىزمان خانىممۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنىڭ بىر رېئاللىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ سۆزىدە، « شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى خەلقنى ئۆزىگە دۈشمەنگە ئايلاندۇرىدىغان زوراۋانلىق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. ئۆز خەلقى بىلەن دۈشمەنلەشكەن ھاكىمىيەتلەرنىڭ قانچىلىك ھەربىي قۇۋۋىتى، مالىيە قۇۋۋىتى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ھامان بىر كۈنى ھالاكەتلىك تەقدىردىن قۇتۇلالمايدۇ» دېدى.
خىتايدىكى باي سودىگەر رېن جىچياڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەر يالغۇز خىتايدا مەشھۇر بولۇپلا قالماستىن، غەرب ئەللىرى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىمۇ ئىلگىرىكى ھەپتىلەر كەڭ تەشۋىق قىلىنغان ئىدى. ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى» تورى ئۆز ۋاقتىدىلا ئۇنىڭ پىكرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، رېن تىلغا ئالغان غەربچە قىممەت قارىشىغا رەددىيە بەرگەن. بىراق بۇ رەددىيە رېننىڭ نۇتقى بىلەن قوشۇلۇپ تور بەتلەردىن ئۆچۈرۈپ تاشلانغان.
ب ب س خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، رېن جىچياڭ 1951 - يىلى سەندۇڭ ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى رېن چۈەنسىڭ ئۆز ۋاقتىدا خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان. 1981 - يىلىدىن باشلاپ، رېن جىچياڭ يەر - مۈلۈك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ، خىتايدىكى داڭلىق بايلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. 2016 - يىلى 2 - ئايدا شى جىنپىڭ كومپارتىيە ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ پارتىيىگە تەۋەلىكى ۋە پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى لازىملىقى ھەققىدە سۆزلىگەندىن كېيىن، رېن جىچياڭ ئىتىراز بىلدۈرۈپ، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە «پارتىيىنىڭ بارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى تەۋەلىككە ئىگە بولۇپتۇ، ئۇ خەلق مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلمىغان چاغدا، خەلق ئۇنتۇلۇپ، بىر بۈرجەككە تەشلىۋېتىلىدۇ» دېگەن.
0:00 / 0:00