غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرى بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2 - ئاۋغۇست كۈنى مەركىزى ئاسىيادىكى تۆت دۆلەتكە قارىتا رەسمىي زىيارىتىنى باشلىغانلىقىنى، ئۇنىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي بۆلگۈنچىلىرىگە قارشى بىرلىكسەپ قۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.
فرانسىيە ئاۋازى 2 - ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېنىق قىلىپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزى ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارغا قوشنا ۋە قېرىنداش بولغان قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ھەم تۈركمەنىستاندىن ئىبارەت تۆت دۆلەتكە قارىتا رەسمىي زىيارىتىنى باشلىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كېلىشىم ۋە ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش بولىدىغانلىقى، تېررورغا قارشى كۈرەشنىڭ ئاساسىي نىشانى بولسا ئۇيغۇر مىللىي بۆلگۈنچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. خەۋەردە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سانى ۋە سالمىقىدا زور يۈكسىلىش بولغانلىقى تىلغا ئېلىندى.
خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىلى 4 - ئاۋغۇست قەشقەردە يۈز بەرگەن « سەمەن يولى ۋەقەسى» دىن كېيىنلا، مۇقىملىق باھانىسىدا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسۇل بولغان «قار يىلپىزى ئالاھىدە ئەترىتى»نى ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشتۈرگەن ئىدى. 20 - ئاۋغۇست قاغىلىقتا يۈز بەرگەن يىلقىچى قانلىق قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە تېررورىزمغا قارشى مەخسۇس ھەرىكەت گۇرۇپپىسى تەسىس قىلدى. غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە قارشى ئەزەلدىن شەپقەتسىزلىك بىلەن باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگىنىگە قارىماي، ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر قېتىم بىرەر ۋەقە يۈز بەرگەن ھامان، مۇقىملىق شۇئارى بىلەن باستۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش چاقىرىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەت قارا تېررورلۇقىنى قانات يايدۇرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنى نەق مەيداندىلا قىرىپ تاشلاشتەك ۋەھشىلىك دەرىجىسىگە بېرىپ يېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
خەۋەرلەردە، 2009 - يىلى يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى قانلىق باستۇرۇش بۇيرىقىنى خىتاينىڭ سابىق رەئىسى خۇ جىنتاۋ بەرگەندەك، 23 - ئاپرىلدىكى سېرقبۇيا ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنى رەھىمسىزلىك بىلەن قىرىپ تاشلاش بۇيرۇقىنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ چۈشۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنماقتا. شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى مەركىزى ئاسىيا زىيارىتىدە، مەخسۇس ئۇيغۇر تېررورىزىمىغا قارشى ھەرىكەت ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىنداشلىرى بىلەن يېڭى كېلىشىملەر ئىمزالاشنى ئاساسىي كۈنتەرتىپكە قويۇشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچى كۈچلىرىگە بولغان ئەندىشىسىنىڭ بارغانسىرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، مەركىزى ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستانلار زامانى كەلسە، ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ تايانىچ بازىلىرىغا ئايلىنىدىغان رايونلار بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەزكۇر رايونلارنى زور مىقداردىكى ئىقتىسادىي ياردەمگە تايىنىپ ئۆز تەسىرى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشماقتا. بۇندىن سىرت، ئافغانىستان، پاكىستان، رۇسىيە قاتارلىق ئەللەرگىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى مەبلەغ سېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.
د ئۇ ق ياشلار كومىتېتى رەئىسى غەيۇر قۇرباننىڭ قارىشىچە، مەركىزى ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستانلار زامانى كەلسە، ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ تايانىچ بازىلىرىغا ئايلىنىدىغان رايونلار بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەزكۇر رايونلارنى زور مىقداردىكى ئىقتىسادىي ياردەمگە تايىنىپ ئۆز تەسىرى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا تېرىشماقتا. بۇندىن سىرت، ئاۋغانىستان، پاكىستان، رۇسىيە قاتارلىق ئەللەرگىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى مەبلەغ سېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.
غەيۇر قۇرباننىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەركىزى ئاسىيا ئەللىرى ھەمدە ئۇيغۇر ئىلىگە قوشنا باشقا ئەللەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ئاتالمىش «تېررورىست» لارغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بۇ ئەللەرنىڭ پۇقرالىرىغا قارىتامۇ سودىدا ئېتىبار بېرىش ئالدامچىلىقىنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ تىلى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەدھىيىلىگۈزىدىغان رەسۋاچىلىقلارغىمۇ مۇراجىئەت قىلماقتا. مەسىلەن؛ تەڭرىتاغ تورىنىڭ شىنجياڭ گېزىتىدىن كۆچۈرۈپ باسقان 3 - سىنتەبىردىكى «جۇڭگو شىنجاڭدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ» ناملىق ماقالىسىدا، ئاۋغانىستانلىق سودىگەر جەيىن ئاجا، قىرغىزىستاندىن ئوقۇشقا كەلگەن ئالىيە، رۇسىيىلىك ساقياھەتچى شۇتكىن، قازاقىستانلىق تىجارەتچى يانبايەۋ دېگەنلەرنىڭ تىلىدىن ئۈزۈندىلەر بېرىپ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى تەرەققىياتنىڭ زورلىقى، ئۇيغۇر - خىتاينىڭ ئىناق - ئىجىل ياشايدىغانلىقى، ئۇيغۇر خەلقنىڭ باي - باياشاتلىقىدەك ساختا مەنزىرىلەر يارىتىلغان.
0:00 / 0:00