شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا-شەرق زىيارىتى ۋە ئۇيغۇرلار

ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر
2022.12.12
shi-jinping-salman-2022-12.jpg سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەخت ۋارىسى سالمان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى قارشى ئالماقتا، 2022-يىلى 8-دېكابىر، رىياد.
AFP

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ 2022-يىلى 7-دېكابىر كۈنى سەئۇدىي ئەرەبىستانغا زىيارەتكە كەلدى. ئامېرىكانىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى يېقىن ھەمكارلاشقۇچىسى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنى ناھايىتى ھەشەمەت بىلەن كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭنىڭ قارشى ئېلىنىش دەرىجىسى تېخى يېقىندىلا سەئۇدىي ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولغان ئامېرىكا پرېزدېنتى جۇۋ بايدېندىنمۇ يوقۇرى دەرىجىدە بولۇش بىلەن خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى.

دېمىسىمۇ خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ئوتتۇرا-شەرق دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئەڭ دەسلەپكى نېفىت سودىسىدىن تەرەققىي قىلىپ، ھازىرقى ھەربىي ئوق-دورا سودىسى، يۇقىرى پەن-تېخنىكا، مائارىپ، تىبابەت قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەرگە باغلانغانىدى. خىتايمۇ سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمكارلاشقۇچىسىغا، سەئۇدىي ئەرەبىستانمۇ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت سېتىۋالغۇچىسىغا ئايلانغانىدى.

يېقىنقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى سەئۇدىي ئەرەبىستاندا چوڭ تۈرلەرگە، مەسىلەن، 5G قۇرۇلۇشى، ئۇچقۇسىز ئايرۇپىلان قاتارلىق كۆپلىگەن تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا مەبلەغ سالدى. سەئۇدىي ئەرەبىستاندا «كوڭزى ئىنىستىتۇتى» لىرىنى قۇردى. سەئۇدىي ئەرەبىستانمۇ خىتاي تىلى ئوقۇتۇشىنى ئالىي مەكتەپلەردىن باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكلىرىگىچە كىرگۈزۈپ، كۆپلىگەن ساھەلەردە خىتاي بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا يۈزلەنگەنىدى.

پارىژ گىئو-سىياسىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى خاتتار ئابۇدىئاب (Khattar Abou Diab) فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق ئوتتۇرا-شەرق سەپىرى ھەققىدىكى تېلېفون زىيارىتىدا بىلدۈرۈشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا بىر قىسىم ئورتاقلىقلار بولۇپ، بۇ ئورتاقلىقلار ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقىغا بۈگۈنكىدەك يول ئاچقان. يەنى ئوتتۇرا-شەرق دۆلەتلىرى ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىۋېلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. خىتاي بولسا بۇ دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلاشقاندا «باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكىي ئىشىغا ئارلاشماسلىق» يولىنى تۇتىدۇ.

خاتتار ئابۇدىئاب (Khattar Abou Diab) سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھەققىدىمۇ توختالغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، بىرىنچىدىن، ئوتتۇرا-شەرق دۆلەتلىرى «تېرورلۇققا باغلىنىپ قېلىش» تىن ئەندىشە قىلغانلىقى، ئىككىنچىدىن، «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنىڭ ئالدىنقى شەرتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكىي ئىشىغا ئارلاشماسلىق بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىنى باشلاشتىن بىر قانچە كۈن ئاۋۋال «خىتاي-ئەرەب ھەمكارلىق دوكلاتى» ئېلان قىلغانىدى. دوكلاتتا خىتاي بىلەن ئەرەب دۇنياسىنىڭ دوستلۇقىنىڭ مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى ۋە بۇ دوستلۇقنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن. مەزكۈر دوكلات خىتاي بىلەن ئەرەب دۇنياسىنىڭ ھەمكارلىقىنى مۇنداق تۆت نوقتىدىن شەرھىيىلىگەن.

مىڭ يىلدىن ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولغان بۇ دوستلۇقنى قەدىرلەش ۋە داۋاملاشتۇرۇش

دوكلاتنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدىلا خىتاي بىلەن ئەرەب دۇنياسى ئارىسىدىكى مىڭ يىللىق دوستلۇقنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. شۇنداقلا خىتاي بۇ «دوستلۇق» نى تۇتقا قىلىپ، ئىسلام دۇنياسىغا بولغان سەمىمىيىتىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان. چۈنكى شۇنداق قىلغاندىلا، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان سالاھىيىتىدىن ئەمەس، بەلكى «ئۈچ خىل كۈچ» (تېرورچى، بۆلگۈنچى، ئەسەبىي) بولغانلىقى سەۋەبىدىن «قايتا تەربىيەلەش» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا ئەرەب دۇنياسىنى قايىل قىلالىشى ۋە ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقى ھەم قوللىشىغا ئېرىشىشى مۇمكىن؛

يېڭى دەۋردە خىتاي-ئەرەب ھەمكارلىقىنىڭ قايسى ساھەلەرگە مەركەزلىشىشى

ئىككىنچى بۆلىكىدە، خىتاينىڭ مىسىر، ئالجىرىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقى؛ قاتار، ئىراق، ئىئوردانىيە، سۇدان، ماراكەش، جىبۇتى، ئوممان، كۇۋەيت قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. شۇنداقلا بەزى دۆلەتلەر «ئوتتۇرا-شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارلاشقان» دا، خىتاينىڭ دەرھال مەيدانغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ «دېموكراتىيەنى قالقان قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارلىشىشىنى توسىغانلىقى؛ ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ خىتاينىڭ شىنجاڭ، تەيۋەن، خوڭكوڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلىرىدە ئىزچىل يوسۇندا خىتاينى قوللاپ كەلگەنلىكى» نى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ئەرەب-خىتاي دوستلۇقىنىڭ «ھەقىقىي، چىن دوستلۇق» ئىكەنلىكىگە مۇسۇلمانلارنى ئىشەندۈرمەكچى بولغان.

تارىخىي ئۆزگىرىش دەۋرىدە ئادالەتكە سەپ تۇتۇپ، ھەمكارلىقنى تېزلىتىش

خىتاي بۇ نوقتىدا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ يىل ئۆكتەبىردىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ 51-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشىغا ئارلاشماقچى بولغانلىقى، ئەمما ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ «ئادالەت تەرەپتە» تۇرۇپ، خىتايغا دەستەك بەرگەنلىكى؛ خىتاينىڭمۇ پەلەستىن مەسىلىسى، سۈرىيە ئۇرۇشى قاتارلىق مەسىلىلەردە «ئادالەتنى ياقىلاپ، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇپ، پەلەستىننى كۈچلۈك قوللاپ كەلگەنلىكى» نى تىلغا ئالغان. يەنى بۇ نوقتىدا خىتاي ئۆزى بىلەن غەرب جەمئىيىتىنىڭ قىممەت قاراشلىرى ئارىسىدا سېلىشتۇرما ياساپ، خىتاينى ئادالەتپەرۋەر، غەربنى بولسا ئادالەتكە قارشى سەپكە ئايرىش ئارقىلىق، مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشى، دوستلىشىشىنىڭ ئادالەت بىلەن بىر سەپتە بولۇش بولىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرمەكچى بولغان.

خىتاي-ئەرەب تەقدىرداشلىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش

بۇ نوقتىنى كۆپ شەرھىيىلىمىسەكمۇ، تەقدىرداشلىق دېگەن سۆزدىنلا، خىتاينىڭ نىمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنىشىمىز ئېنىق. پۈتكۈل غەرب دۇنياسى بىلەن كەلگۈسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تالىشىش رىقابىتىگە چۈشكەن خىتاي ئۈچۈن بۇنىڭ ئۆزى، مۇسۇلمان دۇنياسىنى خىتاي بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇشقا چاقىرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

يوقۇرىقىلاردىن مەلۇمكى، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق سەئۇدى ئەرەبىستان سەپىرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، ئوتتۇرا-شەرق دۆلەتلىرى بىلەن غەربكە قارشى ئىتتىپاقداشلىق تۈزۈش، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا-شەرقتىكى تەسىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىش.

دېمىسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدىكى «تىنچ تەرەققىي قىلىش» سەپسەتەسىنىڭ ئورنىنى، «بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئارقىلىق، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش» ئالدى. بۇ ۋەجىدىن خىتاي پۈتۈن كۈچى بىلەن خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا ئۆزىگە تەھدىت دەپ قارىغان ھەرقانداق خەۋپنى كۈكۈم-تالغان قىلىش، يىلتىزىدىن يوقىتىش، ئەسلى-ۋەسلىنى قۇرۇتىۋېتىشنى ئۆزىگە قىبىلنامە قىلىپ، «قۇدرەت تېپىش» قا يۈزلەندى. خىتاي ئىچىدە ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» تۆھمىتى بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كېلىدىغان ئىچكىي خەۋپ دەپ بېكىتىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى مەيدانغا چىقاردى. خىتاي سىرتىدا بولسا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا خىلاپ بولغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ھېسابلىغان غەرب دۇنياسىنى، ھاكىمىيەتكە خەۋپ كەلتۈرىدىغان «سىرتقى دۈشمەن كۈچ» دەپ قارىدى. شى جىنپىڭ 2017-يىلىدىكى 19-قۇرۇلتايدا غەربكە قارشى مەيدانىنى ئېنىق جاكارلاپ، 2025-يىللىق، 2035-يىللىق ۋە 2050-يىللىق پىلانلىرىنى ئېلان قىلدى. مەزكۈر پىلاندا، ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسى ئاساسلىق رىقابەت نىشانى بولۇپ، خىتاي 2025-يىلى پەن-تېخنىكىدا غەربنى بېسىپ چۈشۈش، 2035-يىلى ئىقتىسادتا ئامېرىكانى بېسىپ چۈشۈش ۋە 2050-يىلى دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق خىتاي چۈشىنى روياپقا چىقىرىش نىشان قىلىنغانىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يوقۇرىقى پىلانلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا، ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نى ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇپ چىققانىدى. مانا ئەمدى، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا-شەرقتىكى ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىنىمۇ، غەرب دۇنياسىغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە ئۆزىگە ئىتتىپاقداش قىلىش قەدىمىنى ئالدى.

شى جىنپىڭ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە غەرب دۇنياسىغا قارشى تۈزۈۋاتقان بۇ بۈيۈك پىلانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ئېھتىماللىقى بارمۇ؟

مەنپەئەتلەر قېرىنداشلىق، دوستلۇق ۋە قىممەت قاراشلارنىڭ ئۈستىگە قويۇلۇشقا باشلىغان بۇ مۇرەككەپ تارىخىي ۋەزىيەتتە، شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا-شەرقتىكى ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقى ئېنىق. ئەمما خىتاي يەنىلا ھەربىي، ئىقتىسادىي جەھەتلەردە، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقئارالىق ئىشەنچ دەرىجىسى قاتارلىقلاردا ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىش ئىقتىدىدارىغا ئەسلا ئىگە ئەمەس. ئامېرىكا بىلەن ئوتتۇرا-شەرق ئەللىرى ئارىسىدا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىن بۇيانقى بىر ئەسىرگە يېقىن قويۇق مۇناسىۋەت بار بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ يېڭىدىن باش كۆتۈرىۋاتقان خىتاينىڭ كىچىككىنە ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ئالدىدا ۋەيران بولىدىغانلىقى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس. تېخىمۇ مۇھىمى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ خەلقئارادىكى يۈكسەك ئورنىغا خىتاي پۇلى تەھدىت پەيدا قىلالىغۇدەك ئەھۋالدا ئەمەس. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ھەممىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل بولماستىن، بەلكى بۇ دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچى، ئىشەنچلىك دەرىجىسى، ئىجتىمائىي بىخەتەرلىكى قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەرگە چېتىشلىق ئىنچىكە مەسىلىدۇر. ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مۇستەبىتلىك سالاھىيىتى، ئىجتىمائىي بىخەتەرلىكىنىڭ مۇقىمسىزلىقى، ئىشەنچلىك دەرىجىسىنىڭ تولىمۇ تۆۋەن، قانۇن سىستېمىسىنىڭ سۈپەتسىز بولۇشى، ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە يەنىلا ئامېرىكادىن كۆپ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەيلى خىتاي ئوتتۇرا-شەرق ئەللىرىگە قانچىلىك يېقىنلاشسۇن، ئوتتۇرا-شەرق مۇسۇلمان دۇنياسى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ غەربنىڭ ئويۇنى بولماستىن، بەلكى خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ئىكەنلىكىنى ھامان بىر كۈنى تونۇپ يېتىدۇ. ئۇ چاغدا خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى «ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش» تەك رەزىل نىيىتى ئەسلا ئىشقا يارىمايدۇ.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.