شى جىنپىڭنىڭ ئۆمۈرلۈك رەئىس بولۇشى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟

0:00 / 0:00

يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلغان خىتاي خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ يىللىق يىغىنىدا خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى «دۆلەت رەئىسى ئىككى قاراردىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتەشكە بولمايدۇ،» دېگەن ماددىنى ئۆزگەرتىش قارارى تەستىقلانغان. بۇ خەۋەر رۇسىيە، قازاقىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى. بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردا شى جىنپىڭنىڭ ئۆمۈرلۈك رەئىس بولۇشىغا يول ئېچىلىشىنىڭ ھەم خىتايدا ھەم خەلقئارادا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە بىر قاتار زەنجىرسىمان تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى بەس-مۇنازىرە قىلىنغان.

«رېگنۇم» تورىدا ئېلان قىلىنغان «شى جىنپىڭنىڭ خىتاينى ‹مەڭگۈلۈك ئىدارە قىلىشى› مەخپىي خەۋپلەرنى يوشۇرىدۇ» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى ماكسىم ئىسايېف شى جىنپىڭنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىنىڭ ئىستىبداتلىق خاراكتېرگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاز دېگەندە ئىككى خەۋپنى تۇغدۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىرىنچىدىن، شى جىنپىڭنىڭ تەختتىن كېتىشى بىلەن مەملىكەتنى ئىدارە قىلىشتا مەسىلە پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئىككىنچىدىن، خىتاي خەلقىنىڭ دىققىتىنى ئىچكى كرىزىستىن، يەنى مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرىدىن تاشقى ھەربىي پىلانلارغا ئاغدۇرۇلۇشى، يەنە كېلىپ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولۇش سەۋەبىنى سىرتقى دۈشمەنلەرگە دۆڭگىشى مۇمكىن ئىكەن.

ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «شۇنداق بىر خەۋپ مەۋجۇتكى، بۇ قەدەم خىتاينى ئۇزۇن مۇددەتلىك چوڭ مۇقىمسىزلىققا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ‹ئالىي داھىي› غا تايىنىش ھاكىمىيەتكە ئىنتىلىۋاتقان بارلىق رىقابەتچىلەرنىڭ يوقىتىلىشىغا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئىنتايىن قىيىن بولىدۇ». ماكسىم ئىسايېف، شى جىنپىڭنىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىق ئارزۇسىنىڭ خىتاينى ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە مۇپتىلا قىلىدىغانلىقىنى، يەنى خىتاي سىياسىي تۈزۈمىنىڭ بۇزۇلۇشىغا، باشقا مەملىكەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

«ستولېتىيې رۇسىيە» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «خىتايچە ‹شەخسكە سىغىنىش› شى جىنپىڭنى خىتاينى مەڭگۈ ئىدارە قىلىشقا ئېلىپ كەلدى» دېگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى دىمىترىي مېلنىكوف، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىر مۇنچە ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مەملىكەتنىڭ ئايرىم رايونلىرىدا ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىققا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ماقالىسىدە بۇ ئەھۋاللارنىڭ خىتاي خەلقىنى ئىجتىمائىي نارازىلىقلارغا باشلايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايدا مىللىي مەسىلىلەرنىڭ بارغانسېرى سۇ يۈزىگە چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ دەلىل بولالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس كونستانتىن سىرويېژكىن شى جىنپىڭنىڭ ئۆمۈرلۈك رەئىسلىك تەختىگە ئولتۇرۇشىنىڭ خىتاينى بەزى خەۋپلەرگە باشلاپ كېلىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، خىتايدا مۇنداق قارار ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىمۇ تۇغۇلغان ئىدى. ئىلگىرى، يەنى 2013-يىلى كۆپلىگەن ئىسلاھاتلار پروگراممىسى قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە داۋاملاشتۇرۇش قىيىن بولغان ئىدى. شى جىنپىڭغا دائىم توسالغۇلار بولغانلىقى سەۋەبىدىن ھېچ نەرسە قىلىنمىغان ئىدى. ھازىر ئۇ ئۆز گۇرۇھىنى تەشكىللەشكە باشلىدى. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىغىنلاردا شۇنداق ئىش مەقسەت قىلىندى. بۇنىڭ بارلىقىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ۋاقىت كېرەك.»

قازاقىستاننىڭ رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاي خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ مەزكۇر قارارنى تەستىقلىغانلىقىنىڭ تارىخىي ۋەقە ئىكەنلىكى ئېيتىلسا، قازاق تىللىق مۇستەقىل تور بەتلىرىدە بۇ ئىسلاھاتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقلەرگە نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىش مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. «ئاباي قازاقىستان» تورىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي كۈچەيمەكتە. قازاق قانداق قىلىدۇ؟» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى ئاسقات قاسېنغالى شى جىنپىڭنىڭ ئۆمۈرلۈك تەختكە كېلىشى بىلەن يېقىنقى ئون يىلدا خىتاينى نېمە كۈتىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆز تەخمىنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ، ئىچكى ۋەزىيەتنى تەرتىپكە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلىيە قاتارلىق ئاپتونوم رايونلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، بۇ رايونلاردىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىشىنى، بىلىم ئېلىشىنى چەكلەپ، پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاق قېرىنداشلىرىنى ئاتا يۇرتقا كۆچۈرۈش لازىملىقىنى، كەلگۈسىدە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىدىن يەنىمۇ قاتتىق زەرداب چېكىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئاسقات قاسېنغالى يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باشقا خەلقلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادلىرىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردە باشقا مەملىكەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش مۇمكىنلىكىنى، قوشنا موڭغۇلىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى بېسىۋېلىش نىيىتىدە بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرۋاقىت خىتاي تەھدىتىگە سەزگۈر بولۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېيوفنىڭ پىكرىچە، خىتايدا ئۆمۈرلۈك رەئىسلىك تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنى يەنىمۇ كۈچىيىپ، ئومۇميۈزلۈك «شەخسكە چوقۇنۇش» نى پەيدا قىلىدىكەن. غالىم ئاگېلېيوف بۇنىڭ سۆزسىز ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىدىكى تۈزۈملەرگە مەلۇم تەسىرلەرنى يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە دىكتاتورلۇق تۈزۈمنىڭ كۈچىيىپ، خەلق مەنپەئەتلىرىنىڭ ئىككىنچى پىلانغا قالىدىغانلىقىنى، دېموكراتىك قەدىرىيەتلەرنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭدىن تاشقىرى خىتاينىڭ «يىپەك يولى» پروگراممىسى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان تەسىر دائىرىسى تېخىمۇ ئېشىپ بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. سىياسەتشۇناس ئاگېلېيوف ئوتتۇرا ئاسىيا رايوندىكى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ خىتايغا بىرىنچى نۆۋەتتە ئىقتىسادىي جەھەتتە بېقىندىلىقىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
غالىم ئاگېلېيوف ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت، يەنى بۇ يەردىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مەملىكىتىمىز بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر كۆپىنچە ئەنە شۇ خەلقلەرنىڭ كېلەچەكتە قانداق بولۇشىغا قاراپ تۈزۈلىدۇ. مۇبادا بۇ خەلقلەرگە نىسبەتەن ئىنسان ھەقلىرىنىڭ بۇزۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى شىكايەتلەر داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقسا، ئۇ چاغدا ئىككى مەملىكەت مۇناسىۋەتلىرى ياخشىلانمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن دىپلوماتىيىلىك يوللار ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ مەسىلىدە بىر پىكىرگە كېلىشىنى خالىغان بولار ئىدىم.»

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا مەڭگۈلۈك رەئىسلىك تۈزۈمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى دىكتاتورلۇق سىياسىي سىستېمىغا يول ئېچىپ، دېموكراتىيىگە قەتئىي يول قويۇلمايدىكەن. ئۇ بۇ ئىسلاھاتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ناھايىتى كۆپ ئېغىرچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، ھازىرقى چېكىدىن ئاشقان تەقىبلەش، جازالاش داۋاملىشىۋېرىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرىستاندا ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› ئىستراتېگىيىسى داۋاملىشىدۇ، ئەمما ئۇ ئۇيغۇرلارغا ھېچ قانداق پايدا بەرمەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر زېمىنىدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رولى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي مائارىپ تامامەن يوققا چىقىرىلىدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ قارشىلىقىنى كۈچەيتىدۇ.»

قەھرىمان غوجامبەردى يەنە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىمۇ دىكتاتورلۇق تۈزۈمگە قارشى، ئېنىقراقى شى جىنپىڭغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلدى.