خىتاي كومپارتىيەسى نېمە ئۈچۈن «شىنجاڭ بيۇروسى» قۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى؟

0:00 / 0:00

خىتاي كومپارتىيەسى 4‏-ماي «شىنجاڭ خىزمىتى» گە مەسئۇل يېڭى ئورگان تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىغا ئالاقىدار ئىستىخبارات توپلاش ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ 9‏-ئىدارە، دەپ ئاتالغان بۇ ئورگىنىنىڭ ئاچقۇچلۇق خىزمەت فۇنكسىيىسى خىتاي رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇر رايونىغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە مەسلىھەت بېرىش ۋە سىياسەت تۈزۈشتۇر.

خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ 4‏-ئاپرېل ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا كۆرسىتىشىچە، 9‏-ئىدارىنىڭ ۋەزىپىسى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش، سىياسەتنى تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش، مەركەزنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئالاقىدار ھەر خىل قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىجرا قىلىنىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سۈرۈشكەن.

بۇ ئورگان، چېن چۈەنگونىڭ سېكرىتارلىقىدىكى ئۇيغۇر رايونىدا ئامانلىق تەدبىرى مىسلىسىز كۈچەيتىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىگە، ھىجاپ، ساقال، روزا -رامزان، ئىسلامى تىندىنسىيەسى كۈچلۈك ئىسىملار ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتتىق چەكلىمە قويۇلۇپ، مەيدانى «دېلىغۇل» كادىرلار باستۇرۇلۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. شۇڭا، بۇ ئورگاننىڭ قۇرۇلۇشى دىققەت قوزغاپ، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن بۇ ئورگانغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى؟» دېگەن سوئال پەيدا قىلدى.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ ھازىرقى شارائىتىدا بۇنداق بىر ئورگاننىڭ قۇرۇلۇشى تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تارىخچى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىسى جۇ شۆيۇەن ئەپەندى، كومپارتىيەنىڭ «شىنجاڭ مەسىلىسى»دە پىكىر قىلىش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىدىكى جىددىيلىك، يەنە داۋاملىق سۈكۈت قىلىنسا بولمايدىغان دەرىجىگە كەلدى. بۇ جىددىيلىك نوقۇل پۇقرالارنىلا قايغۇغا سالمايۋاتىدۇ. ئەگەر سەن ئىسىم قويۇشقا، مۇھەممەت، دېگەن ئىسىمنى قويۇشنى چەكلەشكە ئارىلاشقان بولساڭ، دېمەك، بۇ سەن ئارىلىشىۋالغان نەرسە بەك كۆپ بولۇپ كەتتى، دېگەنلىك. مەن بۇرۇن سىچۈەندە تۇرغان. شۇ چاغدا بەزى يېزىلار پىلانلىق تۇغۇت بەلگىلىمىسى چىقىرىپ، ئەر-ئاياللارنىڭ كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتىنى بېكىتىپ بەرگەن. بۇ بىر بىشەملىك ئىدى. ئىشلارغا بۇنداق ئارىلىشىۋېلىش ئاقمايدۇ. مۇشۇنداق بىر جىددىي ئەھۋالدا بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ 9‏-ئالاھىدە ئىدارە قۇرۇپ، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىشى ۋە ئانالىز قىلىشى، بىزنىڭ ئويلىشىشىمىزنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.»

جۇ شۆيۈەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئورگاننىڭ بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ قارمىقىدا قۇرۇلۇشى، خىتاينىڭ بىرلىكسەپكە ئېھتىياج تۇيۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. ئۇ، بۇ خىتاينىڭ «شىنجاڭ مەسىلىسى»دىكى سىياسىتى ئوڭغا قاراپ ماڭىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

جۈ شۆيۈەن مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە (سىياسەت) بەلكى ئوڭغا بۇرۇلۇشى مۇمكىن. ئەگەر 9-ئىدارىنى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى قۇرۇپ، مەخسۇس 'شىنجاڭ مەسىلىسى' نى تۇتقان بولسا، بۇ سىياسەتنىڭ سولغا بۇرۇلىدىغانقىدىن دېرەك بېرەتتى. 9‏-ئىدارىنى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ قۇرۇشى ئۇنىڭ ئوڭغا بۇرۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ مېنىڭ پەرىزىم. چۈنكى، مەن بۇنىڭدىن 2-3 ئاي ئاۋۋال بىر خەۋەر كۆردۈم. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن 2-3 يىل ئىچىدە قوراللىق قىسىملار جەنۇبتا ئاتالمىش تېررورچىلار بىلەن قانلىق ئۇرۇش قىلىپ، 140 نەچچە ئادەم ئۆلگەن. ھەقىقىي سان بەلكى بۇنىڭدىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار چەتئەلگە چىقىپ جىھادچى گۇرۇھلارغا قېتىلدى، دېگەن خەۋەرلەر بار. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ كېلەچىكىگە ئىنتايىن پايدىسىز. مەن ئۆزۈممۇ شۇنى كۈتىمەن، بۇ مېنىڭ سەمىمىي ئارزۇيۇم، 9‏-ئىدارىنىڭ بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىدا ئەمەس، بىرلىكسەپ قارمىقىدا قۇرۇلۇشى، ئۇلارنىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئارزۇسىنى ئىپادىلەيدۇ.»

كومپارتىيە مەركىزى بىرلىكسەپ ھۆكۈمىنىڭ ئۇچۇرىدا، 9‏-ئىدارىنىڭ ۋەزىيەت ئانالىزىغا دائىر ئىشلاردا «مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى شىنجاڭغا ئالاقىدار سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ۋە جامائەت پىكرى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئانالىز ۋە تەتقىق قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى بېكىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سىياسەت، تەتقىقات ئىشلىرىدا بۇ ئورگاننىڭ «شىنجاڭغا ئالاقىدار زور سىياسەت، مۇھىم ۋە نازۇك مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئىشلىرىنى تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، مەركەزگە تەدبىر ۋە تەكلىپ بېرىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق بەزى ئۇيغۇر ئانالىزچىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھازىرقى قالايمىقانچىلىقنىڭ سەۋەبى ئورگانلارنىڭ كەملىكى ئەمەس، ئۇنىڭ سىياسىتىتۇر. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، بۇ خىل ئورگانلار پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قاھار بارات: «بۇ بىرلىكسەپ مىنىستىرلىقى دېگىنى دەۋردىن قالغان بىر مىنىستىرلىق. بىرلىكسەپ بولىدىغان تارىخ ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ ئادەملەر ئۆلۈپ بولدى. ئۇ كۈچلەرمۇ، ئۇ دەۋرمۇ تۈگەپ بولدى. مېنىڭچە، بۇنىڭ يەرلىك خەلقلەرگە قانچىلىك پايدىسى تېگىدۇ، ئۇنى ئۇقمايمىز. ئەمما بۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەمۇرى، سىياسىي ئىشلارنى قانداق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان ئايرىم بىر ئورگاننىڭ بولغىنى ياخشىراق بولىدۇ، بۇ پەقەت ئۆزلىرىگە نىسبەتەن بىر پايدىلىق ئىش بولۇشى مۇمكىن.»

دوكتور قاھار باراتنىڭ قەيت قىلىشىچە، ھازىرقى ۋەزىيەتنى جياڭ زېمىن، ۋاڭ لېچۈەننىڭ سىياسىتى پەيدا قىلغان. ئۇ، ئۇلار پەيدا قىلغان ھازىرقى ۋەزىيەت خىتاينىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر رايونىنى تۈگۈن قىلىپ، يېڭى يىپەك يولى قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە خىرىس ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

قاھار بارات: «جياڭ زېمىن، ۋاڭ لېچۈەن گۇرۇھىنىڭ دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇرۇش، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئارمىيە، ئەسكەرلەرنى ئەۋەتىپ باستۇرۇشنى بۇلار باشلىغان. شۇلار بۇزۇپ قويغان ۋەزىيەت، شۇلار باستۇرۇۋەتكەن بىگۇناھلارنىڭ قارشىلىقى مانا ھازىر ئۆزلىرىنىڭ كۆزلىگەن ئىقتىسادى تەرەققىيات، چوڭ ئىقتىسادى كۆۋرۈك ياساش زور مەقسىتى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىۋاتىدۇ. بىراق، بۇلارنىڭ ھازىر قوللىنىۋاتقان سىياسىتىدىكى ئەڭ زور خاتالىق ۋاڭ لېچۈەن دەۋرىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، قوشۇمچە ھەر تۈرلۈك يېڭى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى بويسۇندۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ لوگىكىغا چۈشمەيدىغان بىر ئىش.» دېدى.

جۇ شۆيۈەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، كومپارتىيە ھازىرقى ئۇيغۇر سىياسىتىنى دەرھال ئۆزگەرتىشى كېرەك. ئۇ، ئەگەر كومپارتىيە سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، بۇنىڭ جۇڭگو ئۈچۈن زور ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئەگەر بۇنداق كۈچلۈك قارشىلىق داۋاملىق پەيدا قىلىنسا، بۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى جۇڭگو ئۈچۈن بىر ئاپەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن.

جۇ شۆيۈەن مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ۋەزىيەت جۇڭگو كومپارتىيەسى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئاگاھلاندۇرۇش. ۋاڭ لېچۈەنگە ئوخشاش بۇنداق كىشىلەرنىڭ بۇ خىل قارام ئۇسۇل-چارىلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇش ھەقىقەتەن بىر خىل تەدبىرمۇ؟ ھەر بىر ئادەم كاللىسىنى كۆپرەك ئىشلىتىشى كېرەك. شۇنداق چوڭ كومپارتىيەنىڭ ئۇنچىلىك كاللىسى يوقمىدۇ، بۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇ بۇ مەسىلىگە كاللا قاتۇرۇشنى خالىمامدۇ؟ مۇمكىن ئەمەس. مەن شۇنداق قارايمەن، ھازىرقى ۋەزىيەت ئەڭ يامان ئەھۋالغا بېرىپ يەتتى. ئىسلام دۆلىتىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئەگەر ئۇ بۇ خىل كۈچلۈك قارشىلىق كەيپىياتىنى داۋاملىق پەيدا قىلسا، بۇ كەلگۈسىدە جۇڭگو ئۈچۈن بىر ئاپەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن.»

خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ ئۇچۇرىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ئورگاننىڭ يەنە بىر فونكىتسىيەسى-ئۇيغۇر رايونى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئالاقىدار ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىدىيە خىزمىتى، ئىقتىسادى تەرەققىيات، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەردىكى قەدىمىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش، مەركەزنىڭ قارار ۋە سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا رىياسەتچىلىك قىلىشكەن.