ئانالىزچىلار: «قوش تىللىق» مەكتەپلەر ۋە «كادىر تەربىيىلەش» نىڭ مەقسىتى نېمىدىن ئىبارەت؟
خىتاي تاراتقۇلىرىدا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ «قوش تىللىق مائارىپ» ۋە «ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تەربىيىلەش» كە سالغان مەبلىغى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى. ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، «قوش تىللىق مائارىپ» قا مەبلەغ سېلىش «ئۇيغۇرلارنى تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش» نى مەقسەت قىلغان بولسا، ئاتالمىش «ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تەربىيىلەش» خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىق بىر تۈركۈم ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ «مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» نى نىشان قىلغان.
خىتاي خەۋەرلىرىدە، يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانچە كۆپەيتىلگەن «قوش تىللىق مائارىپ» قا سېلىنغان مەبلەغ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ مەبلەغ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلغان ھەقسىز «قوش تىللىق يەسلى» لەر ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.
«شىنجاڭغا ياردەم» تورىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «قوش تىللىق مائارىپ» قۇرۇلۇشى پىلانى بويىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان قوش تىللىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ 222 گە يەتكەن. قوش تىللىق يەسلىلەر ئۈچۈن سېلىنغان مەبلەغ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، 2017-يىلى 8-ئايغىچە يېڭىدىن سېلىنىدىغان ۋە ئۆزگەرتىپ يېڭىلىنىدىغان قوش تىللىق ھەقسىز يېزا يەسلىلىرىنىڭ 4387 گە يەتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى. خەۋەردە يەنە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 1 مىليون 128 مىڭ نەپەر يەسلى يېشىدىكى بالىلار بارلىقى تىلغا ئېلىنىپ، بۇنىڭ ئىچىدە 769 مىڭ 400 گۆدەكنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «1-نومۇرلۇق قۇرۇلۇشى» ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.
چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن، ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، نۆۋەتتە گېرمانىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان «شىنجاڭغا ياردەم» ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىدا «قوش تىللىق مائارىپ» مەبلىغىنى ئاشۇرۇشتىكى مەقسىتى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى تىل، مائارىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت.
ئابدۇۋەلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ زېمىندا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى خىتاي مائارىپىغا يۈزلەشتۈرۈش، ھەتتا پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئانا تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىۋېتىپ، يېڭى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا خىتاي مەدەنىيەت بىرلىكىنى سىڭدۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە يەنە، ئىقتىسادىي ئىسلاھات پىلانى يولغا قويۇلغان 20 يىل جەريانىدا، بولۇپمۇ 2010-يىلى ئېچىلغان «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم» خىزمىتىدىكى «ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش» قۇرۇلۇش پىلانىدا «يېزا كادىرلىرى» ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى قايتا تەربىيىلەش ئارقىلىق، يېڭى بىر ئەۋلاد ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى تەربىيىلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىدە ياخشى ئۈنۈم يارىتىلغانلىقى تەكىتلەندى.
خەلق تورىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم» سەھىپىسىنىڭ 17-ئىيۇل دۈشەنبە كۈنىدىكى سانىدا «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىگە نۇقتىلىق ياردەم قۇرۇلۇشى» دا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە، 2012-يىلدىن بۇيان بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە مەكتىپىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىگە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدىن 4 قارار جەمئىي 1006 نەپەر يېزا كادىرىنى تەربىيىلەپ بېرىپ، خوتەننىڭ مۇقىملىق خىزمىتى تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقانلىقى مەدھىيىلەندى.
گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا مۇخبىر بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوتەنگە نىشانلىق ياردەم پىلانى ھەققىدىكى مەخسۇس خەۋەرلەر پروگراممىسىنى ئىشلىگەن مەزگىلىدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئۆتتى.
پەرھات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىللاردىن بۇيان خىتاي تەشۋىقاتىدىكى خوتەنگە ئىقتىسادىي ياردەم خەۋەرلىرىدە «نامراتلارنى يۆلەش» تەشۋىقاتىدىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىق «ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تەربىيىلەش» ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارمۇ زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدىكى تەشۋىقاتلىرىدا نامدا «خوتەندىكى نامراتلىقنى تۈگىتىشتە دېھقانلارغا بېيىش يولى يارىتىش ۋە ئەتلەسچىلىك،گىلەمچىلىك ۋە قاش تېشى پىششىقلاش قاتارلىق مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ساھەدە ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەيدىغانلىقىنى داۋراڭ سالسىمۇ، ئەمما بۇ يىللاردا «ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تەربىيىلەش» نامىدا خوتەندە خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىق بىر تۈركۈم يېزا كادىرلىرىنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا ئالدى بىلەن ئاشۇ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا تايىنىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن ئاتالمىش ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى يەرلىك ئۇيغۇرلارغا خىزمەت قىلىش ئەمەس، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە ساداقىتىنى ئىپادىلەشنى نىشان ۋە مەقسەت قىلغىنى ئۈچۈن، يىللاردىن بۇيان يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ رادىكاللاشقان خىزمەت ئىستىلى ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىدىغان، قارشىلىق ۋەقەلىرى كۆپىيىدىغان، تېخىمۇ جىددىيلەشكەن ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن.