ھەسسىلەپ ئېكسپورت قىلىۋاتقان «شىنجاڭ مېۋىلىرى»—ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى
2024.12.31
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلانغان «شىنجاڭ پاختىسى»، «شىنجاڭ پەمىدۇرى»، «شىنجاڭ كۈنتاختىسى» قاتارلىق تۈرلۈك مەھسۇلاتلار خەلقئارادا دىققەت قوزغاش بىلەن تەڭ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار دەپ قارىلىپ، غەرب دۇنياسىدا تۈرلۈك جازالارغا ئۇچراپ كەلدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش مەسىلىنىڭ ئاشكارىلىنىشى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بولغان دىققىتىنىڭ كۈچىيىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى پەمىدۇر، پاختا قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ئاساسلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى مەجبۇرىي تارتىۋېلىش، ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماش، ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىش قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى سەۋەبىدىن بولغانىدى. ئۇ ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدە تېرىلغۇ كۆلىمى، ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى ۋە ئېكسپورت قىممىتى بىردىنلا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن باغۋەنچىلىك كەسپىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقى دىققەت قوزغاشقا ئەرزىيدۇ.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنخۇا تورى» دا 27-دېكابىر «بۇ يىل 1-ئايدىن 11-ئايغىچە شىنجاڭنىڭ قورغاس ئېغىزىدىن ئېكسپورت قىلىنغان مېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ ئېشىش نىسبىتى 175.9 پىرسەنتكە يەتتى» ناملىق بىر خەۋەر ئېلان قىلىنغان. قىزىق يېرى شۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدە باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىنىشى خىتاي تەرىپىدىن «مېۋە-چىۋە ماكانى» دەپ تەرىپلەنگەن يېرىم ئەسىردىن كۆپ ۋاقىتتا ئەسلا كۆرۈلمىگەن. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ چەت ئەللەرگە زور نىسبەتتە ئېكسپورت قىلىنىش دەرىجىسىگە يېتىشى ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالارلىق بىر ئىش.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2020-يىلىنىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان بىر سانلىق مەلۇماتىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ 106 مىليون موغا يېتىپ، تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي كۆلىمى جەھەتتە خىتاي بويىچە بەشىنچى ئورۇنغا ئۆتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇ مەزگىل دەل خىتاينىڭ « 13-بەش يىللىق پىلانى» (2016-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان بەش يىل) يۈرگۈزۈلگەن مەزگىل بولۇپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىش بىلەن كوپىراتىپ قۇرۇش جىددىي شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان. ھەتتا 2020-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانچىلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ سانى 28 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. كوپىراتىپلارغا ئەزا قىلىنغان دېھقانلارنىڭ سانى 1 مىليون 806 مىڭ 100 گە يېتىپ، دېھقانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 38 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. كوپىراتىپلارغا ئەزا قىلىنغان دېھقانلارنىڭ ئەمگەك يېشىدىكىلىرى ئاساسەن دېھقانچىلىق كەسپىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلانغان. خىتاينىڭ 13-بەش يىللىق پىلانى مەزگىلى ئوخشاشلا مىليونلىغان ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىغا قامالغان، يوقىتىلغان، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرى مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغان، تۇتقۇن قىلىنغان، لاگېرغا قامالغان، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا ئۆي-ماكانلىرىدىن كوللېكتىپ كۆچۈرۈلگەن ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بۈگۈن ئاللىبۇرۇن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاققۇنلىرى، خىتاي كارخانىلىرىدىكى قۇل ئىشچى، لاگېر، تۈرمىلەردىكى سىياسىي جىنايەتچى… ۋەھاكازالارغا ئايلىنىپ كەتتى. بۇ دېھقانلارنىڭ قىسمەتلىرى شەخس بىلەنلا چەكلەنگەن بولماستىن، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى، پەرزەنتلىرى ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ زور كۆلەملىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى كوپىراتىپلارغا بېرىلگەنىكەن، ئۇ ھالدا بۇ تېرىلغۇ يەرلەرگە تېرىلغان كۆكتات ياكى مېۋە-چىۋىلەر، ئاشلىق ياكى باشقا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ قەيەرگە ئېكسپورت قىلىنىپ، قانچىلىك ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بولمايدىغانلىقى ئېنىق. مىسالغا ئالساق، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنلەش – سېتىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى باغۋەنچىلىك كەسپىگە ئالاقىدار كوپىراتىپلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، ئوراپ - قاچىلاش، تىرانسپورت توشۇش قاتارلىق بارلىق سانائەت بازىلىرى بۇ ئورگان تەرىپىدىن بىر گەۋدىلەشكەن سانائەت لىنىيەسىگە ئايلاندۇرۇلغان. ھەتتا كۆپلىگەن خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس سېتىش مەركىزى، زەنجىرسىمان دۇكان، سودا مەركىزى، مەخسۇس سېتىش سۇپىسى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلغان. ھەتتا خىتاي سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «غەربنىڭ مېۋىسىنى شەرققە يەتكۈزۈش سىناق كارخانىسى» دەپ بېكىتىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشتىكى ئەڭ مۇھىم ئورگانغا ئايلانغان. 2022-يىلىدىكى خىتاي ئىستاتىستىكىسىدىن قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باغۋەنچىلىككە ئالاقىدار تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 21 مىليون 130 مىڭ مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 15 مىليون 250 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر دەل تارىم ئويمانلىقىدا ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. دېمەك، ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان تارىم ئويمانلىقىدا باغۋەنچىلىك كۆلىمى ئۇيغۇر ئېلىدىكى باغۋەنچىلىك ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ 70 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن. بۇ دېگەنلىك ئەلۋەتتە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا شىددەت بىلەن ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان يۇقىرىقى «شىنجاڭ مېۋىلىرى» نىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تارىم ئويمانلىقىدىن چىقىدۇ دېگەنلىكتۇر.
ئەھۋال يۇقىرىقىدەك بولغان تەقدىردىمۇ، باغۋەنچىلىككە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى ياخشىلانغان بولسا كوپىراتىپ مەسىلىسىنى بىر ئاز بولسىمۇ «توغرا چۈشىنىش» مۇمكىن ئىدى. ئەمما رېئاللىق بۇنىڭ دەل ئەكسىچە! خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 2024-يىل يانۋاردىكى بىر خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 6200 يۈەنگە يەتكەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇ دېگەنلىك باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 500 يۈەن ئەتراپىدا دېگەنلىك بولۇپ، بۇ سان ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئەڭ نامرات رايونلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ 2020-يىلىدىكى يىللىق كىرىمى بولغان 12 مىڭ 588 يۈەندىنمۇ يېرىم ھەسسە تۆۋەن تۇرىدۇ. جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقانلارنىڭ 50 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنىڭ كىرىمى باغۋەنچىلىكتىن كېلىدىغانلىقىنى خىتاي ئۆزى خەۋەر قىلغان. بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، 2024-يىلىغا قەدەر ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ 50 پىرسەنتىنىڭ يىللىق كىرىمى يەنىلا 6 مىڭ يۈەندىن ئاشالمىغان بولۇپ، خىتايدىكى ئەڭ نامرات خەلق ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ كەلگەن.
خۇلاسىلىگەندە، دۇنيا مىقياسىدا نام چىقىرىۋاتقان «شىنجاڭ مېۋىلىرى»، ئۇيغۇر ئېلىدىكى پاختا، پەمىدۇر، كۈن تاختىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا ئوخشاشلا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان!
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]