«شىنجاڭ سىنىپى» نىڭ مەغلۇبىيىتىدىن خىتاي مائارىپىنىڭ ئاقىۋىتىگە نەزەر

ئامىستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2025.02.07
ichkiri-toluq-ottura-uyghur-xinjiang-sinipi-mesnewi-oqughuchi-1024 چىڭداۋ 66-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى «شىنجاڭ سىنىپى» دىكى ئوقۇغۇچىلار چاغانلىق پائالىيەتتە مەسنەۋى تۇتۇپ تۇرغان كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 22-يانۋار، چىڭداۋ
iqdedu.com

بىر قانچە يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى ھەقسىزلىقلەرنى پاش قىلىش بىلەن تونۇلغان لى مۇئەللىم (李老师不是你老师) خىتايدىكى «611 ئوقۇش تۈزۈمى» دىكى مەكتەپلەرنى پاش قىلىش ئۈچۈن يېقىندا http://611Study.ICU نامىدا بىر تور سۇپىسى قۇرغان. لى مۇئەللىمنىڭ 2-فېۋرال X ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، مەزكۇر تور سۇپىسىنى ئېلان قىلىپ ھازىرغىچە خىتايدىكى جەمئىي 137 ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ پاش قىلىش خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئاتالمىش «611 ئوقۇش تۈزۈمى» دىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار ھەر كۈنى 12 سائەتلەپ مەكتەپتە دەرس ئالىدىكەن. بۇنداق مەكتەپلەر ھەپتىدە 6 كۈن، ھەتتا بەزىلىرىدە 7 كۈن دەرس ئۆتۈلىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمال دەم ئېلىشىغىمۇ يول قويۇلمايدىكەن. بۇ خىل زىيادە بېسىم بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردا پىسخىكىلىق ئاجىزلاش سەۋەبلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈملەرگە كىرىپ قېلىش قاتارلىق نۇرغۇن ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىكەن. نۆۋەتتە خىتايدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «611 ئوقۇش تۈزۈمى» ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ نورمال بالىلىق ھاياتىنى نابۇت قىلىش دەرىجىسىگە يەتكەن. لى مۇئەللىمنىڭ بۇ ئۇچۇرى بىزدە خىتايدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپى» دا يىللاردىن بۇيان ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە پەيدا قىلىشى تەبىئىي. چۈنكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ «شىنجاڭ سىنىپى» دا دۇچ كېلىۋاتقىنى، خىتاي بالىلىرى دۇچ كەلگەندىن تېخىمۇ ئېغىر بولغان قىسمەتلەردۇر. «شىنجاڭ سىنىپى» خىتاي تەرىپىدىن «ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەقسىز مائارىپتا تەربىيەلەيدىغان ئالاھىدە ئىمتىيازلىق سىنىپ» دەپ تەشۋىق قىلىنسىمۇ، لېكىن بۇنداق ئالاھىدە ئىمتىيازنىڭ بەدىلى ئىزچىل يوسۇندا ئۇيغۇر بالىلىرىنى شەخسىي ئەركىنلىكى، مىللىي مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىدىن مەھرۇم قىلىش بولۇپ كەلمەكتە.

ئۇنداقتا، بىز ئالدى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپى» دا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە توختىلىپ كۆرەيلى.

«شىنجاڭ سىنىپى» نىڭ باشلىنىشى ۋە قوبۇل قىلىنغانلار سانى

ئوقۇش يېشىدىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىدە ياكى ئۆز يۇرتىدىن باشقا جايلاردا پۈتۈنلەي خىتايچە مائارىپتا تەربىيەلەش، 1999-يىلىلا باشلانغانىدى. 2010-يىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق «مەركەز شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىدىكى 12 ۋىلايەت ۋە ئوبلاستنى بۆلۈشۈۋالغان خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى 19 ئۆلكە ۋە شەھەر، ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپى» قۇرۇش ۋە جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنى ئاساس قىلغان رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل بولغان ئىدى. گەرچە 1999-يىلى ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپى» غا ھەر يىلى 800 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بېكىتىلگەن بولسىمۇ، 2010-يىلىغا كەلگەندە ھەر يىلى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپى» دا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 20 مىڭغا، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىن شىمالىي ئۇيغۇر رايونىدىكى «شىنجاڭ سىنىپى» غا كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 15 مىڭغا يەتكەن. دېمەك. «شىنخۇا تورى» نىڭ 2017-يىلى ئىيۇلدىكى بىر خەۋىرىدە، خىتاينىڭ شىنجاڭغا مائارىپتا ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن جەمئىي 13 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ «شىنجاڭ سىنىپى» غا قوبۇل قىلىنغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 77 پىرسەنت ئوقۇغۇچىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋە قىزىلسۇدىن قوبۇل قىلىنغانلىقى دېيىلگەن. خەۋەردە يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپى» سىياسىتى يولغا قويۇلغان 17 يىلدا 90 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ «شىنجاڭ سىنىپى» غا قوبۇل قىلىنغانلىقى، نۆۋەتتە خىتاينىڭ 14 ئۆلكىسىدىكى 93 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 36 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ «شىنجاڭ سىنىپى» دا ئوقۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. بىز بۈگۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپى» دىكى بالىلارنىڭ سانى ھەققىدە ئېنىق بىر ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىسەكمۇ، لېكىن يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن نۆۋەتتە بۇ ساننىڭ تېخىمۇ كۆپەيگەنلىكىنى تەخمىن قىلالايمىز.

«شىنجاڭ سىنىپى» دىكى بالىلارنىڭ تۇرمۇشى

خەلقئارادىكى كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، مائارىپنىڭ رولى پەرقلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە ھۆرمەتنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇشى كېرەك ئىدى. ھالبۇكى، كوممۇنىست خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەسىس قىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپى» ئۇيغۇر بالىلىرىنى مائارىپتا تەربىيەلەشنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى خىتايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان.

باش ئىشتابى سىنگاپوردا بولغان خوڭكوڭ باشقۇرۇشىدىكى «Initium Media (端传媒) » نامىدىكى ئۇچۇر سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە «شىنجاڭ سىنىپى» دىكى ئۇيغۇر بالىلار ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلار بېرىلگەن. ماقالىدە، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورى تىموسىي گروس (Timothy Grose) نىڭ 2019-يىلى نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ سىنىپى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك ئالمىشىشى» ناملىق كىتابىدىكى مەزمۇنلار نەقىل كۆرسىتىلگەن. يەنى ماقالىدە، تىموسىي گروسنىڭ 2006-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان ئون يىلدا 60 تىن ئارتۇق «شىنجاڭ سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرىنى زىيارەت قىلغانلىقى، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ 70 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنىڭ قەشقەر ۋە خوتەندىن كەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ مەكتەپتە ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشى، ئۇيغۇر كىملىكىنى تەكىتلىشى، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلار پۈتۈنلەي چەكلەنگەن، بارلىق ئىش-پائالىيەتلىرى، ئىدىيە-قاراشلىرى، نەگە بېرىپ، نەدە تۇرۇشلىرى، كىم بىلەن ئالاقە باغلىشىغا قەدەر مەكتەپنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ماقالىدە يەنە، بۇ بالىلارنىڭ خىتاينىڭ يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان ئەڭ چوڭ بايرىمى بولغان چاغاندىمۇ ئۆيلىرىگە قايتىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا يىلدا بىر قېتىم، يەنى يازلىق تەتىلدىلا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بالىلارنىڭ مەكتەپتىن سىرتقا چىقىشى ئەزەلدىن مەنئى قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھاياتى پەقەت مەكتەپ ئىچى بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقى، بالىلارنىڭ خىتاي كىملىكىگە سىڭىشىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە خىتاي ئاتا-ئانىلار بىلەن تۇغقان قىلىپ قويۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. دېمەك، بۇنداق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ھاياتى گويا تۈرمە ھاياتىدىن پەرقسىز بولغان.

«شىنجاڭ سىنىپى» نىڭ مەغلۇبىيىتى

خىتاي شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپى» نى ئۇيغۇرلارنى خىتاي كىملىكىگە سىڭدۈرۈۋېتىشنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللانغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئۈنۈمى خىتاي كۈتكەندەك بولمىغان. تىموسىي گروسنىڭ كىتابىدىكى تەكشۈرۈش ۋە زىيارەتلەردىن قارىغاندا، گەرچە «شىنجاڭ سىنىپى» دىكى ئۇيغۇر بالىلار، خىتاي بالىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولغان تەقىبلەش، خىتايلاشتۇرۇش، دىنىي ۋە مىللىي كىملىكلىرى چەكلىنىش، ئۆيلىرىگە قايتىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنماسلىق، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۇلارنى كۆرۈشىگىمۇ تۈرلۈك چەكلىمە قويۇلۇش، ھەتتا خىتايلاشتۇرۇشنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرۇشتەك مۇھىتتا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل مۇھىت ئۇيغۇر بالىلارنى خىتايلاشتۇرۇشقا ئەمەس، بەلكى مىللىي كىملىك ئېڭىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان. يەنى «شىنجاڭ سىنىپى» دىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنى شۇ مەكتەپتىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلاردىن پۈتۈنلەي پەرقلەندۈرگەن، ھەتتا ئۆز كىملىكىنى خىتاي كىملىكىنىڭ قارشى نۇقتىسىغا قويۇش ھالىتى شەكىللەنگەن. تېخىمۇ قىزىقارلىقى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردا ئۆز كىملىكىنى قوغداش ئېڭى تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنى خىتاي ئوقۇغۇچىلاردىن يىراق تۇتۇش، خىتايچە سۆزلىشىش بېكىتىلگەن ۋاقىتلاردا قەستەن ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىش، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەشكىللىنىپ پۇتبول ئويناش، خىتايلارنى ئارىغا ئالماسلىق ۋە خىتايلار بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشنى رەت قىلىش دەرىجىسىگە يەتكەن.

2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇن بىلەن تەڭ بۇ بالىلارغا قارىتىلغان تەقىبلەشلەر، مېڭە يۇيۇشلار ۋە ئۇلارغا بولغان تىزگىنلەشلەرنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەنلىكى ئېنىق. ھالبۇكى، «شىنجاڭ سىنىپى» دىكى ھايات، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كىملىكىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان، مىللىي كىملىك، تىل، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرى تارتىۋېلىنىپ، خىتايلاشتۇرۇشنى قوبۇل قىلىش مائارىپىنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇتقان. دېمەك، ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپى» نىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر بالىلىرىنى سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى مەكتەپ ھاياتى ئۇيغۇر بالىلارغا ئۆزلىرى ئۆگەتكەن.

خۇلاسىلىگەندە، مائارىپنىڭ مەقسىتى مىللەتلەر ئارىسىدىكى كىملىك، مەدەنىيەت، ئېتىقاد پەرقىنى ھۆرمەتلىمەستىن، ئەكسىچە بۇ پەرقلەرنى يوقىتىشنى نىشان قىلغاندا، ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغىنى ئۆچمەنلىك، ئىرقچىلىق ۋە بۇ سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇشى؛ يوقىتىلىش قىسمىتىگە دۇچار بولغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىك ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ئېنىق. بۇ دەل خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىنىپى» پىلانىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبتۇر. بۇ ئەھۋال بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى مائارىپ سىستېمىسى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك ھاياتىغا تەھدىت پەيدا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي بالىلىرىغىمۇ ئېغىر بېسىملارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى ئېنىق. ناۋادا بۇ ھالەتكە خاتىمە بېرىلمىگەندە، كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان قارشىلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش بىلەنلا چەكلەنمەسلىكى مۇمكىن. خۇددى لى مۇئەللىمگە ئۇچۇر تەمىنلىگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلاردەك، خىتاينىڭ مائارىپ زوراۋانلىقىغا قارشى يېڭى بىر ئەۋلاد خىتاي ياشلىرىنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس!

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.