ئانالىزچىلار خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 70 يىلىغا باھا بەردى

0:00 / 0:00

خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ خىتايدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى بۇ 70 يىلدا خىتاي مىقياسىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ مىسلىسىز ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەككەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

1-ئۆكتەبىر كۈنى «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى مۈشكۈلات ئۈستىگە قۇرۇلدى» ناملىق ماقالىدە «خىتاي كومپارتىيەسى 1949-يىلى خىتاي ئازاد بولدى دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما شۇندىن بۇيان بۇ دۆلەتتە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنىڭ كىشىلەر ئەڭ مۇتاج نەرسىگە ئايلانغانلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالە ئاپتورى فرانك دىكوتتېر خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ھازىرقى زامان تارىخى تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ئۇ ماقالىسىنىڭ بېشىدىلا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 70 يىلى ھەققىدە مۇنداق باھا بېرىدۇ: «2019-يىلى 1-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، ئەمما بۇ 70 يىل ماۋچىلارنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى يىللار بولدى.»

ماقالىدا فرانك دىكوتتېر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ماۋ زېدوڭنىڭ 1948-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىننىڭ ياردىمىدە مانجۇرىيەنى ئىگىلەش تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ. ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «1948-يىلى مانجۇرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى چاڭچۈن شەھىرى 5 ئاي قورشىۋېلىندى، 160 مىڭ خەلق ئاچارچىلىقتا ئۆلگەندىن كېيىن ئاندىن چاڭ چۈن شەھىرى كوممۇنىستلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى، باشقا شەھەرلەرمۇ ئوخشاش تەقدىردە قالماسلىق ئۈچۈن ئارقا-ئارقىدىن كوممۇنىستلارغا تەسلىم بولدى. 1949-يىلىنىڭ ئاخىرى بېيجىڭدا قىزىل بايراق لەپىلدىدى.»

مەزكۇر ماقالىدە يەنە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردىكى باستۇرۇش ھەققىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «1949-يىلدىن 1952-يىلغا قەدەر خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تېررورلۇق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، 2 مىليون خەلقنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلدى. ئۇلارنىڭ زور كۆپ قىسمى ئۈستىدىن تەنتەربىيە سارايلىرىدا ئاممىۋى يىغىلىش ئۆتكۈزۈلۈپ، ھۆكۈم ئېلان قىلىندى ھەمدە ئۆلۈم جازالىرى ئىجرا قىلىندى.»

مەزكۇر ماقالىدە يەنە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 1958-يىلدىكى «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش»، 1966-يىلىدىن 1976-يىلغىچە داۋام قىلغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي» دەۋرىدىكى قىرغىنچىلىقلار ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋاللار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە 70 يىللىق نەتىجىلىرىنى تەبرىكلەش ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ زوراۋان ھاكىمىيىتىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن.

ماقالە «بىر پارتىيەلىك بۇ دۆلەتتە ھازىر ئۇزۇن مۇددەتلىق ئىقتىسادىي مۇقىملىق تەكىتلىنىۋاتىدۇ، ھۆكۈمەت ھازىر 70 يىل ئىلگىرى ۋەدە قىلغان باراۋەرلىك، ئادالەت ۋە ئەركىنلىك ۋەدىسىنى قايتا تىلغا ئېلىشنى خالىمايدۇ. ئۇ ھازىر قېلىپلاشقان سىياسىي ئۆلچەم بويىچە باستۇرۇش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، پۇقرالارنىڭ خىلمۇ خىل ئېقىملاردىكى سىياسىي ئارزۇسىنى كەڭ كۆلەمدە باستۇرماقتا. ئەمما خىتاي كومپارتىيەسى سولچىللىق، ئوڭچىللىق ياكى باشقا قالپاقلاردىكى نىشانلىق باستۇرۇشلارنى يۈرگۈزۈۋاتقىنىدا ئۆزىنى ئاللىقاچان خالتا كوچىغا تىقىپ بولدى،» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ،

فرانك دىكوتتېرنىڭ مەزكۇر ماقالىسىگە بولغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆزىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 70 يىللىقى ھەققىدىكى باھالىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ناھايىتى ئېنىق بىر مەسىلە. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ئۆلتۈرگەن ئادەم سانى ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى تىكلەشتىن ئىلگىرىكى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۆلتۈرگەن ئادەم سانىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى. ئەمما خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ نەزەرىيەسى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. خۇددى ماۋ زېدوڭ ئېيتقاندەك، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قولغا ئېلىش 10 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنىڭ 1-قەدىمىنى باسقانلىق بولىدۇ، چۈنكى كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن يەنە شۇنچە ئادەمنى ئۆلتۈرۈشى ماۋ زېدوڭ ئېيتقان ئاتالمىش كوممۇنىزىم غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بولغان. شۇڭا كومپارتىيە ئۆزىنىڭ كوممۇنىزىم غايىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھەرقانداق كىشىنى تازىلاش نىشانى قىلدى. ئۇ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ كۈچلەنگەندىن كېيىن سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب نامىدا زور قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇش ئېلىپ باردى. مانا بۇ كومپارتىيەنىڭ ھاكىممۇتلەقىنىڭ ئىسپاتى. كومپارتىيەنىڭ نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا ئۇ ئۆزى يامان دەپ قارىغان ھەرقانداق قاراشنى ۋە كىشىنى رەھىمسىزلىك بىلەن يوقۇتۇشنى نىشان قىلىدۇ. بۇ بۇ ئەھۋال ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ.»

خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 70 يىلىنى تەبرىكلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ خىتاي تەشۋىقاتىدا دېيىلگەندەك بەخت-سائادەت ئىچىدە ئەمەس، بەلكى ئېغىر ئاپەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومممۇنىست ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان 70 يىل مابەينىدە خىتاي خەلقىگە ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلدى. خىتايدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەرگىمۇ ئېغىر ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. ھەقىقەتەنمۇ خىتاي كېيىنكى 40 يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدى ۋە دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى. ئەمما خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باستۇرۇشى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ خەلققە كەلتۈرگەن ئاپىتى بۈگۈنگە قەدەر ئاخىرلاشمىدى. بىز بىلىدىغان شىنجاڭدىكى لاگېرلار، تىبەتلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇش، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئاپەتنىڭ تېخى ئاياغلاشمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشنىڭ تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ 70 يىللىق مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى جەريانىدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆزىگىمۇ مىسلىسىز ئېغىر پاجىئەلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى 1-ئۆكتەبىر ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كوممۇنىست ھۆكۈمەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بۇ 70 يىلدا خىتايدا ئاچارچىلىق، ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تازىلاش، سىنىپىي كۈرەش، بۇرژۇئا ئىدىيەسىگە زەربە بېرىش دېگەندەك ھەر خىل ناملاردا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەردە ئۆلتۈرۈلگەن ۋە باستۇرۇلغانلارنىڭ ئۆزىلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 70 يىلدا ئىنسانىيەتكە قانداق ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

ئىلشات ئەپەندى يەنە خىتاي دۇنياغا ماختىنىۋاتقان كېيىنكى 40 يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات دەۋرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

ئۇ بايانىدا بۇ يىللاردا خىتايدا دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقى بارغانچە چېكىنگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان خەلقلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ھەم مەدەنىيىتىنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە باستۇرۇشقا ئۇچرىغانلىقى، مىليونلارچە ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.