ئادۋوكات پۇ جىچياڭنىڭ «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىشى مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.05.18
pu-zhiqiang-jichyang-adwokat.jpg خىتاي رەسسام ئەي ۋېيۋېينىڭ ئادۋوكاتى پۇ جىچياڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2011-يىلى 14-نويابىر، بېيجىڭ.
AFP

بېيجىڭلىق ئادۋوكات پۇ جىچياڭ بۇلتۇر 5-ئايدا قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتايدىن ئۇنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما جۈمە كۈنىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئادۋوكات پۇ جىچياڭنىڭ يېقىندا «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن سوتلايدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر پۇ جىچياڭنىڭ بۇلتۇر 1-مارت يۈز بەرگەن «كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم» نىڭ يۈز بېرىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەڭسىز سىياسىتى سەۋەب بولغان» دېگەن تەنقىدى ۋە مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى ئاقلاپ توردا يازغان ئىنكاسلىرىنى ئۇنىڭ جىنايى پاكىتلىرى قىلىپ كۆرسەتكەن.

ئۆزىنىڭ مىكرو بلوگىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن پۇ جىچياڭ 2014‏-يىلى يىلى 5‏-ماي كۈنى «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتكە قاتناشقىنىدا تۇتقۇن قىلىنغان. بۇلتۇر خىتاي ساقچى ئورگانلىرى ئادۋوكاتى پۇ جىچياڭنىڭ «پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىش»، «قانۇنسىز شەخسى ئۇچۇر توپلاش» پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما بېيجىڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى بۇ يىل 15-ماي كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «پۇ جىچياڭ توردا يازغان مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، ئىجتىمائىي تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشى سەۋەبلىك جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ» دېگەن ۋە ئۇنىڭ يېقىندا سوتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەي ۋېيۋېي: بۇ دۆلەتتە ئىنسانلار قورقۇنچ ئىچىدە ياشاشقا مەھكۇم

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئادۋوكات پۇ جىچياڭغا دائىر خەۋەرلەر ۋە ئانالىزلاردا، پۇ جىچياڭ قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان خىتاي بىلەن غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلار، پۇ جىچياڭنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار، پۇ جىچياڭنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادۋوكات پۇ جىچياڭغا ئارتقان «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، ئىجتىمائىي تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشى سەۋەبلىك جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ» دېگەن ئەيىبلىشىگە قارىتا ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ تەنقىدى قاراشلىرى قاتارلىقلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىدى.

ئۆتكەن جۈمە كۈنى رادىئومىز خىتاي بۆلۈمى قاتارلىق خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدا بايانات بەرگەن پۇ جىچياڭنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى مو شاۋپىڭ بېيجىڭ تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ پۇ جىچياڭغا ئارتقان جىنايەتلەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «پۇ جىچياڭغا بۇنداق ئېغىر جىنايەت ئارتىشنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسى يوق» دېگەن. ئادۋوكات مو شاۋپىڭ يەنە، ئەگەر سوت مەھكىمىسى پۇ جىچياڭنى «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» قاتارلىق ئېغىر جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ ھۆكۈم چىقارسا، پۇ جىچياڭغا 5 يىلدىن 10 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئۆكتىچى سەنئەتكارى ئەي ۋېيۋېي 17-ماي يەكشەنبە كۈنى «مىنجىڭ ھەپتىلىك ژۇرنىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئادۋوكات پۇ جىچياڭغا ئارتقان جىنايەتلىرىنى «كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇش» دەپ ئەيىبلىگەن. ئەي ۋېيۋېي ئادۋوكات پۇ جىچياڭنىڭ قولغا ئېلىنىشى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قارىتىلغان باستۇرۇشنىڭ يەنىمۇ كۈچەيگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،«پۇ جىچياڭ يۇقىرى مائارىپ تەربىيىسى ئالغان، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، ئۆز كەسپىگە سادىق ياخشى ئادۋوكات. لېكىن ھۆكۈمەت بۇلتۇر ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇنىڭغا ئېغىر جىنايەتلەرنى ئارتتى، ئەمما ھۆكۈمەت بۇ ئەيىبلەشلەرگە ئاساس تېپىپ بېرەلمەيۋاتىدۇ. پۇ جىچياڭدەك بىر ئادۋوكاتنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئېغىر جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىشى، جۇڭگونىڭ قانۇن دۆلىتىگە ئايلىنالىشىغا سوئال پەيدا قىلدى. بۇ ئەھۋال مېنى ئەنسىزلىككە سالدى. مەندىكى ئەنسىزلىك بۇ دۆلەتتە ئىنسانلارنىڭ قورقۇنچ ئىچىدە ياشاشقا مەھكۇملۇقىنى بىلدۈرمەكتە» دېگەن.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چاڭ پىڭ: ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بارلىق ئورگانلاردا 1-قول باشلىق خەنزۇلاردىن بەلگىلىنىدۇ

گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 18-ماي دۈشەنبە كۈنىدىكى پروگراممىسىدا، گېرمانىيەدىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چاڭ پىڭنىڭ «زادى كىم مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك ئوبزورى ئېلان قىلىندى.

چاڭ پىڭ ئوبزورىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ، «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگودا ھۆكۈمەت بىلەن سىياسىي مەيدان قارىشى ئوخشاش بولمىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇش بارغانچە كۈچەيمەكتە. ئىلگىرى ‹مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى› بىلەن ئەيىبلەنگەنلەر ئىچىدە خەنزۇلار جىق ئەمەس ئىدى. 2014-يىلى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا ‹مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، بۆلگۈنچىلىككە ئۇرۇنۇش› جىنايەتلىرى ئارتىلغان ۋە ئۇ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، دىنىي ئەسەبىيلىك» قاتارلىق جىنايەتلەر ئارتىلىپ ئېغىر جازالارغا ھۆكۈم قىلىنماقتا. مەسىلەن، قەشقەرنىڭ يەكەن، يېڭىسار ناھىيىلىرىدىكى سوت مەھكىمىلىرى 2013-يىلى 9 نەپەر ئۇيغۇرنى ‹مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش› جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ 5 يىلدىن 10 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى كۈنلۈكتە قانۇننىڭ ئادالەت-ھۆرمىتىنى ۋە پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلغان، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى يىتەرسىز تەرەپلەر ھەققىدە ئۆزىنىڭ شەخسى قارىشىنى ئىپادىلىگەن ئادۋوكات پۇ جىچياڭغىمۇ ‹مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش› جىنايىتى ئارتىلماقتا. بېيجىڭ ساقچىلىرى ۋە تەپتىش ئىدارىسى 1 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئادۋوكات پۇ جىچياڭنىڭ توردا ئېلان قىلغان ئىنكاسلىرىنى ئۇنىڭ ئاتالمىش ‹جىنايى پاكىتلىرى› قىلىپ كۆتۈرۈپ چىقتى. پۇ جىچياڭ ئىنكاسلىرىدا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ۋە ساقچىلىرىنىڭ شىنجاڭ ۋە شىزاڭدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قورال ئارقىلىق قوپاللىق بىلەن باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى، مىللەتلەر ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى تەكىتلىدى، مىللىي زىددىيەتنى پەسەيتىشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ يەردە نەدىمۇ ‹مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش› تەشەببۇسى بولسۇن؟» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن.

چاڭ پىڭ ئوبزورىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان مىللىي سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، «جۇڭگو ھازىر ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا مۇستەملىكە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلماقتا. ئەمما بۇ رايونلاردا يۈرگۈزگەن بارلىق سىياسەتلىرىدە مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ ئۆرنەكلىرى ئاشكارا ئىپادىلەنمەكتە. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بارلىق ئورگانلاردا 1-قول باشلىق خەنزۇلاردىن بەلگىلىنىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەتتا پاسپورت ئېلىشىمۇ ھەر خىل چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلار ئىچكى ئۆلكىلەرگە بارسا مېھمانخانىلاردا ياتالمايدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي يوسۇندا كىيىنىشى، ساقال قويۇشىمۇ چەكلەنمەكتە، ئەمما خەنزۇلارنىڭ قانداق كىيىنىشىگە ھېچقانداق چەكلىمە يوق. تىبەتلەر ئۆيلىرىگە دىنىي داھىيسى دالاي لامانىڭ سۈرىتىنى ئاسالمايدۇ. ئەجەبا بىر ئادۋوكاتنىڭ ئۆز ۋىجدانى بىلەن ھۆكۈمەت يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل تەڭسىز مىللىي سىياسەتنى تەنقىدلىشىمۇ جىنايەت ھېسابلىنامدۇ؟» دەپ يازغان.

ئادۋوكات پۇ جىچياڭ: «ئەگەر شىنجاڭ راست جۇڭگونىڭ پارچىسى بولسا، ئۇنىڭغا مۇستەملىكىچى، ئىشغالىيەتچى ۋە بۇلاڭچىدەك مۇئامىلە قىلماسلىق كېرەك»

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئادۋوكات پۇ جىچياڭ 1989-يىلدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى ئاقلاشنى تەشەببۇس قىلىپ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىدا بالىلىرىدىن ئايرىلغان «تيەنئەنمىن ئانىلىرى» نىڭ خالىس ئادۋوكاتلىقىنى قىلغان. ئۇ خىتاينىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىنى تاقاشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان ئادۋوكاتلارنىڭ بىرى. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇش سىياسىتى، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان مىللىي سىياسىتى قاتارلىقلارنى ئاشكارا تەنقىد قىلغان خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بىرى. ئادۋوكات پۇ جىچياڭ ئىلگىرى خىتاي ئۆكتىچى سەنئەتكارى ئەي ۋېيۋېينىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلغان ھەم ئەمگەك لاگېرلىرىنى بىكار قىلىش ھەرىكىتى قوزغاپ، كومپارتىيە مەخپىي قاماقخانىلىرىدىكى تەن جازاسى قىلمىشلىرىنى پاش قىلغان.

2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئادۋوكات پۇ جىچياڭ خىتاي زىيالىيلىرى قوزغىغان «ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش ئىمزا توپلاش پائالىيىتى» گە ئەڭ دەسلەپ ئاۋاز قوشۇپ، «ئىلھام توختىدەك مۆتىدىل بىر زىيالىينى قولغا ئېلىش خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىگە پايدىسىز، ئىلھام توختى ئەركىنلىككە ئېرىشىشى كېرەك» دېگەن. 2014-يىلى 1-مارت كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، پۇ جىچياڭ ئۆزىنىڭ مىكرو بلوگىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، «ئەگەر شىنجاڭ راست جۇڭگونىڭ پارچىسى بولسا، ئۇنىڭغا مۇستەملىكىچى، ئىشغالىيەتچى ۋە بۇلاڭچىدەك مۇئامىلە قىلماسلىق كېرەك» دېگەن ئىنكاسلارنى يازغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.