خىتاينىڭ ھەربىي زورىيىشى ئامېرىكىغا تەھدىت بولالامدۇ؟

0:00 / 0:00


خىتاي يېقىنقى يىللاردا ھەربىي سېلىنمىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، ئارمىيىسىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچەيتتى. خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىن كۈچىيىشى دىققەت قوزغىغان ھەتتا بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە ئامېرىكىنى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشقان. ئەمما يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى قىسقا مۇددەت ئىچىدە كۈچەيگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئۇزۇنغىچە ساقلاپ قالىدىغان كۈچى يوقلۈقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاينىڭ زورىيىۋاتقان ھەربىي كۈچى ۋە ئۇ پەيدا قىلىدىغان خەۋپ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە. بۇ ھەقتە نۇرغۇن پەرقلىق كۆز قاراشلار مەۋجۇت. بەزى تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى، ھەربىي كۈچى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسىدە دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەخمىنلەرنىڭ تولىمۇ ئاشۇرۇۋېتىلگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئۇلار گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى قىسقا مۇددەت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ، دەيدىغان كۆز قاراشتىكىلەرنى قوللىمىسىمۇ، ئەمما خىتاينى ھەددىدىن زىيادە مۇبالىغىلەشتۈرۈشنىمۇ خاتا، دەپ قارايدۇ.

مەسىلەن، يېقىندا ئامېرىكىدىكى «دۆلەت مەنپەئەتى» ناملىق تور ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «نېمىشقا خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ زورىيىشى چەكلىك» دېگەن ئانالىز ماقالىسىدە يۇقىرىدىكى ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن. ماقالىنىڭ ئاپتورى سالۋاترو باربون سېدنىي ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى بولۇپ، ئۇ يۇقىرىدىكى ئىدىيىنى ئالغا سۈرۈشىگە تۆۋەندىكى سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن: بىرىنچى سەۋەب، خىتاي ھۆكۈمىتى يىلدا ئېلان قىلۋاتقان ھەربىي سېلىنمىنىڭ مىقدارىدا خىتايدىكى پۇل پاخاللىقى ۋە يىللىق مائاشنىڭ ئۆرلىشى ھېسابقا قېتىلمىغان. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن : «خىتاي ئېلان قىلغان رەسمىي رەقەملەردە ھەربىي راسخوتىنىڭ 1.10 پىرسەنتتىن ئىبارەت قوش خانىلىك رەقەم بىلەن ئۆرلەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلسىمۇ، ئەمما بۇ رەقەملەر پۇل پاخاللىقى ۋە خىتاي ئارمىيىسدە تېز ئۆرلەۋاتقان مائاشلارغا ئاساسەن تەڭشەلمىگەن. 741 مىليارد يۈەن ئەلۋەتتە نۇرغۇن پۇل ھىسابلانسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كۈچى ئىلگىرىكىدەك ئەمەس.»

ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىككىنچى مەسىلە بولسا، خىتاي ئارمىيىسىدىكى چىرىكلىك. ئاپتور خىتايدا چىرىكلىكنىڭ دۆلەت بيوكراتسىيىسىيىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭىغىچە سىڭىپ كەتكەنلىكىنى، ئارمىيىنىڭمۇ چىرىكلىك ئېغىر ئورۇنلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ مۇنداق دەپ بايان قىلغان : «خىتايدا كىچىك ئەمەلدارلارنىڭمۇ نەچچە ئون مىليون يۈەننى خىيانەت قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. خىتايدىكى چىرىكلىكنىڭ بۇ دەرىجىدە چوڭقۇرلۇقىنى نەزەردە تۇتقاندا، خىتاي ئارمىيىسىدىكى ئوفېسىتىرلارنىڭ ئەمىلىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ياكى مائاشىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىدىن يۇقىرى ئەمەلدارلارغا پارا بېرىدىغانلىقى ئەجەپلىنەرلىك بىر ئىش ئەمەس. شۇڭا بۇنى ئېنىقلا ھەربىي سېلىنمىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.»

ئاپتور ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچىنچى بىر ئامىل بولسا، ھەربىي سلېىنمىنىڭ خاراكتېرى جەھەتتىكى پەرق. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئېلان قىلغان رەقەملەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللىق مىللىي دارامەتنىڭ 3.1 پىرسەنتىنى ھەربىي سېلىنمىغا ۋە 4.1 پىرسەنتىنى ئىچكى خەۋپسزلىككە سەرپ قىلىدىكەن. بۇ ھەم قوراللىق قىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن بىرگە، ھەم يەنە ئادەتتىكى قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىغا كېتىدىغان مەبلەغنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئاپتور بۇ رەقەمنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن : «غەربلىك كۆزەتكۈچىلەر كۆپىنچە ھاللاردا بۇ ئىككى رەقەمنى بىرلەشتۈرۈپلا خىتاينى مىللىي دارامىتىنىڭ ئاز كەم 3 پىرسەنتىنى ھەربىي مۇداپىئەگە سەرپ قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەمما بۇنداق قاراش خاتا. چۈنكى ئىچكى خەۋپسىزلىككە ئاجرىتىلغان سەرمايىنىڭ 80 پىرسەنتىنى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئىشلىتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللىكلەر ئۈچۈن چۈشىنىكسىز بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ يەردە ئېنىق بولغان بىر نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارمىيىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا يول قويمايدۇ.

پروفېسسور سالۋاترو باربون خىتاينىڭ ھەربىي سېلىنمىسىنىڭ زورىيىشىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە چەكلىنىپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سېستىمىسىنى ياخشىلاشقا كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغىمۇ نۇرغۇن مەبلەغ كېتىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتايدا نوپۇسنىڭ قېرىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى سەۋەبلىك 2035 - يىللىرىغا كەلگەندە خىتايدا ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش مەسىلىسىنىڭمۇ دۆلەتكە زور ئىقتىسادىي بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى پەرەز قىلغان. ئۇ بۇنى ئامېرىكا بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئامېرىكىدا ئىچكى سېلىنما ۋە دۆلەت مۇداپىئىسىگە سېلىنىدىغان سېلىنمىنى تەڭشەشتە جىددىيلىكلەر كۆرۈلسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئاساسىي كۈچلۈك بولغانلىقى ۋە ئامېرىكىدا نوپۇس قېرىش مەسىلىسى بولمىغانلىقتىن شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئېلاستىكىلىك باج سېستىمىسى بولغانلىقتىن ئامېرىكا ئىقتىسادىي تەڭپۇڭلىقنى ساقلاپ قالالايدىكەن. شۇڭا ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي سېلىنمىسى ئىككى خانىلىق رەقەم بىلەن ئۆرلەيدىغان دەۋرلەر ئاياقلىشىدىكەن. ئاپتور مۇنداق دەپ بايان قىلغان : «بۇ بەلكىم خىتاي ئارمىيىسىدىكى ئۆزىنىڭ ئەمىلىنى پۇل بېرىپ سېتىۋالغان چىرىك ئەمەلدارلار ئۈچۈن يامان خەۋەر بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ خەۋەر ئاسىيا - تېنچ ئوكيان رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە خىتايغا قوشنا دۆلەتلەر ئۈچۈن بىر خوشخەۋەر. جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى بىر كېچىدە ھەل بولماسلىقى مۇمكىن. بىراق خىتاي رايوندىكى ھەربىي زورىيىشىنى ئەمدى ئوخشاش سۈرئەتتە داۋام قىلالمايدۇ. ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيىگە ئوخشاش تەرەققىي قىلغان، دېموكراتىك دۆلەتلەر ئارمىيىسىدىكى ئەڭ مۇھىم قورال بولسا ئۇلارنىڭ مالىيە كۈچىدۇر. خىتاي ۋە رۇسىيىگە ئوخشاش چىرىكلەشكەن ھۆكۈمەتلەر بەلكىم قىسقا مۇددەتلىك تەرەققىياتلارنى قىلالىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلار ئۇزۇن مۇددەتلىك مالىيە كۈچىگە كاپالەتلىك قىلىش قۇدرىتىگە ئىگە بولمىغانلىقى ئۈچۈن تارىخنىڭ ئۇزۇن ئويۇنلىرى بىلەن رىقابەت قىلالمايدۇ. خىتاي يېقىن بىر زاماندا دېموكراتىيىلىشىدىغاندەك ئەمەس. ئەگەر ئۇ دېموكراتىكلەشمىسە، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ قوشنا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكىغا تەھدىت پەيدا قىلىدىغان مالىيە كۈچىگە ئىگە بولالمايدۇ. ئەگەر ئۇ لىبىرال دېموكراتىيىنى قوبۇل قىلغان تەقدىردە ئۇنىڭ قوشنىلىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن قورقۇشىغا تېخىمۇ كېرەك قالمايدۇ.»