ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئۆتكەن ئايدا سان-فىرانسىسكودا ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە مەلۇم ئۆزگىرىشنىڭ بولغانلىقى، خىتاينىڭ ئامېرىكانى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە يول قويۇشقا قىستىغانلىقى ۋە بەلگىلىك نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى مەلۇم.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئايدا پىرېزىدېنت بايدىن بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدىكى باشلىقلار يىغىنى ھەققىدە بەرگەن باياننامىسىدە، بايدىن «كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئومۇمىيلىقىنى تەكىتلىدى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ، تىبەت ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى» دېگەن.
ئەمەلىيەتتە بولسا، پىرېزىدېنت جوۋ بايدېن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئەدلىيە پەنلىرى ئىنستىتۇتىغا قارىتىلغان جازانى بىكار قىلغان، ئەسلىدە بۇ ئىنستىتۇت خىتاي دۆلەت ساقچىلىرى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەجرىبىخانا تورى بولۇپ، خىتاينىڭ ئەڭ قەبىھ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بولغان DNA ئۇچۇرلىرىنى توپلاش قىلمىشى مەزكۇر ئىنستىتۇت بىلەن چېتىشلىق ئىكەن. بايدېن ھۆكۈمىتى بۇ قارارى ئارقىلىق، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلمىشلىرىغا بولغان جازاسى، چەكلىمىسى ۋە بېسىمىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكەن.
ئامېرىكالىق داڭلىق سىياسىي ئوبزورچى جوش روگېن 12-دېكابىر كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» دە ئېلان قىلغان «جوۋ بايدېن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان بېسىمىنى تۆۋەنلەتتى» ناملىق ماقالىسىدە بۇ مەسىلىنى ئانالىز قىلىپ، ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا يول قويۇشىنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020-يىلى بۇ ئىنستىتۇتقا جازا يۈرگۈزگەن بولۇپ، چۈنكى بۇ ئورۇن «خىتاينىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتى، كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش ھەرىكىتىدە سادىر قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان. ئەمما بۇ جازا ھازىر بىكار قىلىنغان. بايدېن ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ جازانى بىكار قىلىشنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئالاھىدە تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بەدىلىگە خىتاي تەرەپ ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان فېنتانىلنى ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان خىمىيەلىك مەھسۇلاتلارنى چەكلەشكە، ئۇنىڭغا زەربە بېرىشكە ۋەدە بەرگەن.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ج خ مىنىستىرلىقى ئەدلىيە پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلمىشلىرىنى توختاتقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىسپات كۆرسەتمىگەن. ئەمەلىيەتتە، خىتاي تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە DNA توپلاشقا تىرىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ DNA سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى رەقىبلىرىگە تاقابىل تۇرماقچى، خىتاي پۇقرالىرى ھەتتا ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرماقچى بولغان.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «نۇرغۇن دۆلەتلەر قانۇن ئىجرا قىلىش مەقسىتىدە DNA سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇۋاتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى ساقچى ئىشلىرىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتتى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقاتى شۇنى كۆرسەتتىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سانلىق مەلۇماتنى قانداق قىلىپ خىتاي پۇقرالىرىنى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەڭ-كۆلەمدە تەقىب-نازارەت قىلىشقا، ئۇلارنى كونترول قىلىشقا ئىشلەتمەكتە».
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى تور بېتىدە بېرىلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 2020-يىل 5-ئايدا، دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى جازا چەكلىمىسى قويغان 9 ئورۇن ئىچىدە خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ئەدلىيە ئىنستىتۇتى بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، «ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب-نازارەت قىلىش قاتارلىق قىلمىشلار بىلەن چېتىشلىقى بار» دېيىلگەن.
دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە خىتاينىڭ جىنايەتلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلىنغان، بايدېن ھۆكۈمىتىمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلغان ۋە خىتايغا قويغان جازا چەكلىمىسىنى بىكار قىلمىغانىدى، ئەمما بۇ قېتىم نېمىشقا ج خ مىنىستىرلىقى ئەدلىيە ئىنستىتۇتىغا قويۇلغان جازا چەكلىمىسىنى بىكار قىلىدۇ؟
تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«چۈنكى خىتاي بۇ يەردە فېنتانىل زەھەرلىك چېكىملىكىنى ئاياغلاشتۇرىمىز دېدى، ئامېرىكامۇ دەل فېنتانىل ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى ئىدى. خىتاي ‹سەن بىزنىڭ ئىنستىتۇتىمىزغا چەكلىمە قويساڭ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمايسەن، بىز ئۇ ئىشنى ئويلاشمايمىز› دېمەكچى بولدى؛ خىتاي تەرەپتىن بۇ بىر سودا بولۇشى مۇمكىن. خىتاي بۇ ئىشتا ئامېرىكا يول قويىدۇ دەپ ئويلىدى، چۈنكى بايدېن ئۇنىڭدىن بىر نەتىجىگە ئېرىشمەكچى ئىدى. يەنە كېلىپ بۇ، ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئىچى سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارىسى ئىدى. ئەلۋەتتە، خىتايلار بۇنىڭدىن پايدا ئالدى، بۇ دەل خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىش قىلىش ئۇسۇلى. ئۇلار باشقىلارغا قانداق يول قويغۇزۇشنى بىلىدۇ، ھالبۇكى، بۇنىڭ ھەممىسى كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە بولدى».
ج خ مىنىستىرلىقى ئەدلىيە پەنلىرى ئىنستىتۇتى ئەينى چاغدا فېنتانىل مەسىلىسىگە ئەمەس، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈسىنى ئالغان كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ جازالانغان، ئەمما بۇ قېتىم نېمە ئۈچۈن فېنتانىل مەسىلىسى سەۋەبىدىن جازا چەكلىمىسىدىن قۇتۇلىدۇ؟ ئادرىيان زېنىز بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، بۇ ئورۇن خىتاينىڭ ئېكسپورت ماللىرى ئىچىدىكى زەھەر بۇيۇملىرى سودىسىنى كونترول قىلىش بىلەن چېتىشلىق. بۇ يەردە مەلۇم باغلىنىش بار. بۇ ئورۇننىڭ يەنە شۇ ساھەگە باغلىق بولمىغان مەلۇم مەسئۇلىيىتى بار. شۇڭا ئۇلار بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تەڭشەكتىن پايدىلىنىدۇ».
تەتقىقاتچى جاش روگېننىڭ ماقالىسىدە، پىرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ بۇ تەتقىقات ئورنىنى جازا تىزىملىكىدىن قالدۇرۇشى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئەڭ يېقىنقى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە يول قويغانلىقى دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ «خىتاي ھېلىھەم ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ» دېگەن ئەيىبلەشلىرىنىڭ كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلىتىۋەتكەن. ئادرىيان زېنز بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار ئەلۋەتتە يۇقىرىقى گەپلەرنىڭ كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى. مېنىڭ ئاساسلىق تەنقىد قىلىۋاتقىنىممۇ شۇ. مېنىڭ بايدېن ھۆكۈمىتىگە بېرىدىغان تەنقىدىم شۇكى، ئۇلار پەقەت قۇرۇق گەپلا قىلىدۇ. ئۇلار ترامپنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارىنى قوللايمىز دېدى، بۇ قارارنى ئەمەلدىن قالدۇرمىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق ئەمەلىي ئىشمۇ قىلمىدى».
جوش روگېننىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ DNA سانلىق مەلۇمات ئامبىرى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش بەدىلىگە قۇرۇلغان بولۇپ، قانۇن ئورۇنلىرىغا خىزمەت قىلىشتەك ئاساسلىق رولىنى، شۇنداقلا ئادىمىيلىك پىرىنسىپىنى يوقاتقان. خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ئەدلىيە پەنلىرى ئىنستىتۇتى توپلاۋاتقان DNA ئۇچۇرلىرى ساقچى ئورگانلىرىدىن ھالقىپ ھەربىي ساھەگىچە كېڭەيگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بىيوتېخنىكىلىق قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىمالىنى چەتكە قاققىلى بولمايدىكەن.