ب ب س نىڭ 2-مارت ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، بۇ يىل 14-فېۋرال گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمنىڭ تەپسىلاتى تولۇق ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا بۇنداق قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغۇدەك ئۇنىڭ چەتئەلگە چېتىشلىق ياكى تەشكىللىك ھەرىكەت ئىكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق ئالامەت يوقلۇقى بىلدۈرۈلگەن.
ب ب س نىڭ خىتاي خەۋەرلەر تەھرىرى كەررىي گرېيسى تەرىپىدىن يېزىلغان ماقالىدا، خىتاينىڭ مۇشۇنداق بىر ۋەقەگە ئاز كەم يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان زور كۆلەملىك قوراللىق مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈپ، بۇنداق قاتتىق ئىنكاس بىلدۈرۈشىدە 3 خىل ئېھتىماللىق بارلىقى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، بىرىنچى خىل ئېھتىماللىق، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئۇنىڭ ھازىرقى كۆرۈنۈشىدىن تېخىمۇ جىددىي بولۇپ، بەلكى ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنمىغان نۇرغۇن ھۇجۇملار يۈز بەرگەن. ئىككىنچى خىل ئېھتىماللىق، خىتاي باشقا دۆلەتلەردىن كېلىدىغان تەھدىتنى ناھايىتى پەرقلىق مۆلچەرلەۋاتقان ۋە ھازىرقى قاتتىق ئامانلىق تەدبىرلىرىنى زۆرۈر، دەپ قاراۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئۈچىنچى خىل ئېھتىماللىق، دائىرىلەرنىڭ رايوندىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنى «ۋەھىمىلىك» دەپ ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتسىز باشقا بىر مەقسىتى بولۇشى، ئۇ بولسىمۇ مەۋجۇت خەۋپنى چوڭايتىپ كۆرسىتىپ، باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرۇش.
كەررىي گرېيسى ماقالىسىدە، بۇنىڭدا بۇ 3 خىل ئېھتىماللىقنىڭ ھەممىسىنىڭ رولى بارلىقىنى تەكىتلىگەن. بىراق ئامېرىكىدىكى خىتاي ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدا يەنە تۆتىنچى بىر خىل ئېھتىماللىق مەۋجۇت.
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئىقتىساد پروفېسسورى، ئامېرىكا كاتو ئىنستىتۇتىنىڭ زىيارەتچى تەتقىقاتچىسى شيا يىلياڭ، بۇنىڭدا يەنە پارتىيە ئىچىدىكى ھوقۇق كۈرىشىنىڭ رولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇرۇن شىنجاڭنىڭ 1-قول رەھبىرى دائىم ئالاھىدە ئەھۋال، دەپ قارىلىپ، سىياسىي بىيوروغا كىرگۈزۈلگەن. بۇرۇن ۋاڭ لېچۈەن شۇلارنىڭ بىرى ئىدى. ھازىر ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن ۋارىسلىرىمۇ شۇنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەگەر شىنجاڭ ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىلسە، ئۇلار قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى تىنجىتىۋالسا، ئۇرۇش يىللىرىدىكى گېنېراللارغا ئوخشاش دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان شەخسلەر بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئۇنىڭ (چېن چۈەنگو) نىڭ نوقۇل سىياسىي بىيوروغا كىرىشىگە ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ ئەتىۋارلىنىشى، تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنلارغا چىقىشىنىڭ يولىنى ئېچىشى مۇمكىن».
لېكىن ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھازىرقى مەسىلىلەرنى خىتاينىڭ يېقىنقى 20 نەچچە يىللىق مۇقىملىق سىياسىتى پەيدا قىلغان. ئۇ، بۇ سىياسەتنىڭ نەتىجىسىدە خىتاينىڭ ھەربىي، بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنى ئەسەبىي كۈچلەر كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
قاھار بارات مۇنداق دەيدۇ: «بۇ سىياسەت جياڭ زېمىن ۋاقتىدا تىكلەنگەن يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت ئارقىلىق خەلقنى ئۇجۇقتۇرۇش سىياسىتى، بۇنى تاكى ھازىرغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا بۇنى ئۇلار ئۆزگەرتمەيدۇ ۋە ئۆزگەرتىشنىمۇ خالىمايدۇ. نېمە ئۈچۈن ئۆزگەرتەلمەيدۇ؟ مەسىلە ئۇيغۇرلاردا ئەمەس، مەسىلە جياڭ زېمىندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر بۇلار تەربىيىلەپ چىققان ھەربىي ئەسەبىيلەردە. بۇلارنى بېيجىڭمۇ قايىل قىلالمايدۇ، چېن چۈەنگومۇ قايىل قىلالمايدۇ. بۇلار غالجىرلاشقان بىر ئەۋلاد ھەربىي ئىستىبداتلار. بۇ مەسىلىنىڭ ئەڭ تۈپ نېگىزى».
قاھار بارات يەنە، بۇنداق ئېغىر بېسىمنى 21-ئەسىردە ھېچكىم كۆتۈرەلمەيدىغانلىقى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى بۇ يەرلىك كۈچلەرنى بۇنداق كۈچەيتىشى توغرا ئەمەسلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.
قاھار بارات مۇنداق دەيدۇ: «بۇنداق چوڭ ئۆزگىرىش ۋە بۇنداق چوڭ سىياسەتنىڭ ئەڭ بېشى يەنە شۇ بېيجىڭدا. بېيجىڭنىڭ چېن چۈەنگو قاتارلىق يەرلىك كۈچلەرنى بۇنچىلىك كۈچلەندۈرۈشى بىرىنچىسى، پاراسەتسىزلىكنىڭ، ئىككىنچىسى مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئېنىق ئىپادىسى. بىر خەلقنىڭ، بىر ئاز سانلىق مىللەت رايونىغا نىسبەتەن مۇنداق ئېغىر ھەربىي زۇلۇم، ھەربىي كونتروللۇقنى يولغا قويۇۋەرسە، بۇ يامان تەرەپكە ماڭىدۇ. بىرەر قېتىم ئولتۇرۇپ ئۆزىمىزدە خاتالىق بارمۇ، ئۆزىمىزدە ئۆتۈپ كەتكەن يەر بارمۇ، دېگەن سوئال يوق، زۇلۇمنى بۇنداق ئۇيغۇرلارغا سېلىۋەرسە، ۋەزىيەتنى ئەسبىيلەشتۈرىدۇ».
قاھار باراتنىڭ قەيت قىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى يەرلىك كۈچلەرنى كۈچلەندۈرۈشى رايوندا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى تېخىمۇ قاتتىق بۇزىدىكەن. ئۇ، كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ قاتتىق بۇزۇلۇشى دىئالوگنى قىيىنلاشتۇرۇپ، مۇقىمسىزلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كەرىي گرېيسى ب ب س دىكى ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گۇمادىكى ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن ئامانلىق كۈچلىرىنى ۋە خەلقنى تېررورلۇققا قارشى ئۈزۈل-كېسىل كۈرەشكە چاقىرغان بولسىمۇ، بىراق گۇمادىكى ھۇجۇم كۆپرەك بىر شەخسى مەسىلىگە چېتىقلىقكەن. ئۇ، بەزى غەيرىي رەسمىي خەۋەرلەردە ھۇجۇمنى ساقچىلارنىڭ ناماز قىلغان بىر ئۇيغۇر ئائىلىنى جازالىشى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى قەيت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كەرىي گرېيسى ماقالىسىدە يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەرىكىتى كىشىگە«بولقىدا ياڭاق چاققاندەك» تەسىرات بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، چۈنكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ يۇقىرى ماھارەتلىك ئادەم كۈچى، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئەترىتى، كۆچمە ساقچى پونكىتى، تەكشۈرۈش كامېراسى، تىك ئۇچار، سۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى، بىئولوگىيىلىك ئۇچۇر... قاتارلىق ھەرخىل تىپتىكى قوراللار بىلەن تولۇق قوراللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شيا يىلياڭنىڭ قارىشىچە، ئەسلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قوراللارغا ھېچقانداق ئېھتىياجى يوق بولۇپ، ئەگەر ئۇ خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە ئەمەل قىلسا، ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئۇلارغا قايتۇرۇپ بەرسە، مەسىلە يۇمشايدۇ.
شياڭ يىلياڭ: «بۇنى ئەسلى بەزى دېموكراتىك تەرتىپلەر ئارقىلىق، بەزى ھەق-ھوقۇقلارنى ھەر قايسى مىللەتلەرگە قايتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق زىددىيەتنى يۇمشاتقىلى بولاتتى. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنداق قىلمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىدى، بولۇپمۇ مىللەتلەر مەسىلىسىدە خەلقئارا ئورتاق ئۇسۇللارنى قوللانمىدى. بۇنى ئاز، دەپ بۇ مەسىلىنى تېررورلۇققا چېتىپ قويدى. ئۇنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترۇمپ ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇيغۇر رايونىدا بۇ ئىشلارنى قىلىشى 'مەن خەلقئارا بىلەن بىردەك'، بىز ھەممىمىز ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز، دېگەن سىگنالنى بېرىۋاتامدۇ، دېگەن تەسىرات پەيدا قىلىدۇ».
گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 14-فېۋرال پىچاقلىق ھۇجۇمىدا 3 ھۇجۇمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 ئادەم ئۆلگەن.
0:00 / 0:00